نېيتىن دۇدلېس: «ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزغانلىق — دۇنيانى قۇتقۇزغانلىقتۇر»

0:00 / 0:00

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئامېرىكالىق نېيتىن دۇدلىس ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دىققەت تارتىش، بۇ يولدا ئازراق بولسىمۇ پايدىلىق ھەرىكەت قىلىش مەقسىتى بىلەن تىرىشىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى. نېيتىن دۇدلىس ئەسلىدە ئامېرىكالىق يېزا-ئىگىلىك مۇتەخەسسىسى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىگە تۇنجى بولۇپ، 1988-يىلى بارغان. ئۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا 19 يىل ياشاش ۋە ئىشلەش جەريانىدا ئۇيغۇرلار بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان. ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تونۇتۇش ئۈچۈن ئاكىتپ ھەرىكەت قىلىدىغان ئۇيغۇرسۆيەر پائالىيەتچىلەرگە ئايلانغان. بىز ئۇنى زىيارەت قىلماقچى بولغىنىمىزدا، ئۇ دەل ئايالى كەرول دۇدلىس، ئوغلى جۇستىن دۇدلىس ۋە ئائىلە دوستى ئارون نىدلىس قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە 780 كىلومېتىرلىق «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك سەپىرى»، يەنى دالادا پىيادە مېڭىش ھەرىكىتىنى باشلىغان ئىكەن. ئۇ بىزگە بۇ پىيادە مېڭىش ھەرىكىتى ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ ئادەتتىكى پۇقرالىرىغا ۋەزىيەتنى چۈشەندۈرمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

«ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەركىنلىك سەپىرى»

«بىز قولىمىزدىن كېلىشىچە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا تىرىشتۇق. بىز نېمىشقا ئادەتتىكى پۇقرالارغا خىتاب قىلىپ باقمايمىز، نېمىشقا ئۇلارنىڭمۇ بۇ مەسىلىدىكى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرمەيمىز، دېگەن بىر خىيال بىلەن دالادا پىيادە مېڭىش ھەرىكىتىنى باشلىدۇق. بىلگىنىڭىزدەك، بىز ياشايدىغان كولورادو شىتاتى تاغلىق ۋە مەنزىرىلىك بىر شىتات. نۇرغۇن كىشىلەر دالا سەپىرىگە چىقىدۇ. شۇڭا بىز بۇنى كىشىلەرگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ياخشى بىر پۇرسەتكەن دەپ ئويلاپ، ئائىلە بويىچە ھەممىمىز دالىدا پىيادە مېڭىش ھەرىكىتى باشلىدۇق.»

نېيتىن ئەپەندىنىڭ بىزگە ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇلار سەپىرى جەريانىدا «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توختىتىلسۇن» دېگەن خەت ۋە سۈرەتلەر چۈشۈرۈلگەن سومكا ۋە لوزۇنكىلارنى ئېسىپ يول ماڭغان. كىشىلەرگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىدىغان كارتلارنى تەييارلاپ، يول بويى كارت تارقىتىپ ماڭغان.

«بىز سەپىرىمىزگە ‹ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك سەپىرى› دەپ نام بەرگەن ئىدۇق. سومكىلىرىمىزغا چۈشۈرۈلگەن خەتلەرنى كۆرگەن كىشىلەر بىزدىن بۇنىڭ نېمىلىكىنى سورايدۇ. شۇ چاغدا بىز ئۇلارغا ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى دەيمىز. بىزنى ئىنتايىن خوشال قىلغىنى، نۇرغۇن كىشىلەر ھېچ بولمىغاندا شۇنداق ئىش يۈز بەرگىنىنى ئاڭلاپ باققان ئىكەن. ئاندىن بىز ئۇلارغا بۇ ھەقتە تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ ئەتراپلىق مەلۇمات بەردۇق.»

«بۇ كىرىزىسنى ئۇيغۇرلار ئەمەس، خىتاي ھۆكۈمىتى پەيدا قىلغان»

نېيتىن دۇدلېس ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار دالا سەپىرىدىكى سۆھبەتلىرىدە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك پەرقلىق تېمىلارغا ئورۇن بەرگەن. مەسىلەن، بىر سۆھبەتتە غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەققىدە توختالسا، يەنە بىر قېتىملىق سۆھبىتىدە ئاتا - ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن، يىلتىزىدىن، كىملىكىدىن، ئۆزلۈكىدىن قومۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ھەققىدە توختالغان. ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرگەندەك تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىمەكچى بولغان. دۇدلېس ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە «بۇ كىرىزىسنى خىتاي ھۆكۈمىتى پەيدا قىلغان،» دېدى.

«ئۇيغۇرلارنى ‹تېرورچى›، ‹ئەسەبىي› دەپ ئاتاش پۈتۈنلەي خىتاينىڭ دۆلەت تەشۋىقاتىدۇر، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان تۆھمەتتۇر. مەن يۈزلىگەن ئۇيغۇرنى تونۇيمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى زىيالىيلار ۋە ئىلغار كىشىلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرلا مەقسىتى بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ ئۆز مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىش، تىلىنى قوغداپ قېلىش، ئەركىن ياشاشتىن ئىبارەت. بۇندىن 20 يىل ئاۋۋال ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تەرەققىياتىغا ئازراق بولسىمۇ پۇرسەت بېرىلگەن، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنچىلىك پۇرسەت بېرىشنى داۋاملاشتۇرغان بولسا ئىدى، ئىشلار ھازىرقىدەك بولمىغان بولاتتى. بۇ كىرىزىسنى ئۇيغۇرلار ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى پەيدا قىلدى.»

«ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزغانلىق — دۇنيانى قۇتقۇزغانلىق»

نېيتىن دۇدلېس ئەپەندى سۆھبىتىمىز جەريانىدا، ئۆزىنىڭ ئامېرىكا خەلقى ۋە شۇنداقلا دۇنيا يۈزلىنىۋاتقان خىتاي تەھدىتى ھەققىدىكى قايغۇلىرىنىمۇ بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار ھازىر بۇ تەھدىتنىڭ بەدىلىنى ئەڭ ئېغىر تۆلەۋاتقانلار بولۇپ، كېلەچەكتە ھەتتا ئامېرىكالىقلارنىڭ ئەركىنلىكىمۇ تەھدىتكە ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇ سۆزىدە «مەن ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزغانلىق، دۇنيانى قۇتقۇزغانلىق دەپ قارايمەن،» دېدى.

«مەن خىتاي بۈگۈن ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان بۇ زۇلۇملارنى كېلەچەكتە پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە قىلىدۇ، دەپ قارايمەن. ئەگەر بىز ئويغانمىساق، كېلەچەكتە ھەممىمىز قېيىن كۈنلەرگە قالىمىز. شۇڭا بىز ئەمەلىيەت بىلەن بالدۇرراق يۈزلىشىپ، ھەرىكەت قوللىنىشىمىز كېرەك. مېنىڭ نەزەرىمدە ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزغانلىق — دۇنيانى قۇتقۇزغانلىقتۇر. بىزنىڭ دالا سەپىرىنى تاللىشىمىزغا سەۋەب بولغان يەنە بىر ئامىل، دالا سەپەرلىرىدىكى ئەركىنلىك بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنى سېلىشتۇرما قىلىش ئىدى. بىز ئامېرىكادىكىلەر خالىغان يەرگە بارىمىز، خالىغان يەردە تۇرىمىز، خالىغانچە بۇ گۈزەل مەنزىرىلەردىن، ساپ ھاۋادىن ھوزۇرلىنىمىز. ئەمەلىيەتتە بۇمۇ ئەركىنلىكنىڭ ئىپادىلىنىشى. بىز ئۇيغۇرلار مەھرۇم قىلىنىۋاتقان مانا بۇ ئەركىنلىكنى يورۇتۇش ئارقىلىق، ئامېرىكالىقلارنى ئۆزلىرى ھازىر ھوزۇرلىنىۋاتقان ئەركىنلىكنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىرىسىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىۋاتىمىز. ئەگەر ئەركىنلىكنى سۆيسەڭلار، ھازىردىن باشلاپ ھەرىكەت قىلىڭلار دەۋاتىمىز.»

«بىز سىلەرنى ھەركۈنى ئويلاپ تۇرۇۋاتىمىز»

نېيتىن دۇدلېس ئەپەندى سۆھبىتىمزنىڭ ئاخىرىدا راۋان ئۇيغۇرچىسى بىلەن تىلەكلىرىنى ئىزھار قىلدى. ئۇ: «ئۇيغۇر دوستلىرىم، سىلەر دائىم قەلبىمىزدە، سىلەرنى ھەر كۈنى ئەسلەپ تۇرۇۋاتىمىز، سىلەر ئۈچۈن پىيادە مېڭىۋاتىمىز!» دېدى.

نېيتىن دۇدلېس ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش مەقسىتى بىلەن «يىپەك يولى تېنچلىق ھەرىكىتى» جەمئىيىتىنى قۇرغان بولۇپ، ئۇ ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىلەنمۇ يېقىندىن ھەمكارلاشقان ۋە كۆپ قېتىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بىلەن بىرمۇ - بىر كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرگەن، ئۇلارنىڭ قوللىشىنى تەلەپ قىلغان.

نېيتىن دۇدلېس ئەپەندى 1988- يىلى ئۈرۈمچىگە كەلگەن. ئۇ ئۈرۈمچىدە ئەينى چاغدىكى يېزا-ئىگىلىك ئىنىستىتۇتىدا (ھازىرقى يېزا-ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتىتى) دا بىر ياقتىن خىتايچە ئۆگەنگەن، بىر ياقتىن دەرس بەرگەن. كېيىن خىزمەت ئالمىشىپ غۇلجىدا 5 يىل ياشىغان ۋە ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن. ئارقىدىن ئۇ يەنە قازاقىستانغا كۆچۈپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەنمۇ كۆپ ئارىلاشقان ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن.