ئۇيغۇر دىيارىدا ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ، مىڭلىغان كىشىلەر پاراكەندە بولۇۋاتقان بۇ ئېغىر كۈنلەردە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جاي-جايلاردا ئۇيغۇرلارنى تەشكىللەپ چاغانلىق تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈشكە، شۇنداقلا چاغانغا تەييارلىق قىلىشقا زورلاۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
خىتاينىڭ بۇ يىللىق چاغان بايرىمى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، 23-يانۋار ئاقسۇنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى، قىزىلسۇنىڭ ئاقچى ناھىيەسىدە 7.1 بال قاتتىق يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن. بۇ قىيىن كۈنلەردە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەشكىللەپ، چاغانلىق سەنئەت پائالىيەتلىرىگە تەييارلىق قىلدۇرغان. ئاشكارا بولغان سىن كۆرۈنۈشلىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاھالىلىرى خىتاي تەربىيەچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە دۇمباق چېلىش، ياڭگېر ئۇسسۇلى ئويناش قاتارلىق چاغانلىق سەنئەت نومۇرلىرى تەييارلاشقا سېلىنغان. قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردە كوچىلارغا پانۇسلار ئاستۇرۇلۇپ، ئىشىك-دەرۋازىلارغا چاغانلىق مەسنەۋىلەر چاپلاتقۇزۇلغان.
«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 23-يانۋاردىكى سانىدا «ئۈچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزا بازىرىدا باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش، مەسنەۋى چاپلاش، بەخت تىلەش پائالىيەتلىرى داۋام قىلىۋاتىدۇ» سەرلەۋھەلىك خەۋەر بېرىلگەن. خەۋەردە ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىماملىرىم يېزىسىدىكى كادىرلار ۋە ئامما بىلەن بىرلىكتە باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيەتلىرىدە بولۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. خەۋەردە يەنە «بۇ پائالىيەت بايرام كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئەنئەنىسىنى ئەكس ئەتتۈردى، مەسنەۋى يېزىش، سەنئەت نومۇرلىرى تەييارلاش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، خەلق-ئاممىسىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى» دېيىلگەن.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 24-25-26-يانۋار كۈنلىرىدىكى خەۋەرلىرىدىمۇ ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىمۇ چاغانلىق بازار ۋە تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان تارقاتقان سۈرەتلىك خەۋەرلىرىدىمۇ ئاقسۇ، قەشقەر، قومۇل، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارنىڭ چاغانلىق بايرام كەيپىياتىغا چۆمۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ھالبۇكى، خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى يەر تەۋرەش ھەققىدە ھۆكۈمەت تەرەپ بەرگەن ئىنتايىن چەكلىك خەۋەرلەردىن باشقا ھېچقانداق تەپسىلاتلار بېرىلمىگەن.
گېرمانىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى رۇنى ستېنبېرگ ئەپەندى، ئۇچتۇرپاندا 7.1 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە بولغانلىقىنى، يەر تەۋرەشتىكى ئېغىر سىلكىنىشنى قازاقىستاندا تۇرۇپمۇ ھېس قىلغانلىقىنى ۋە كىشىلەرنىڭ كىشىلەرنىڭ كېچىسى ئۆيلىرىدىن قېچىپ چىققانلىقىدەك ۋەھىمىلىك كۆرۈنۈشلەرگە شاھىت بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا ئېغىر يەر تەۋرىگەن بۇ كۈنلەردىمۇ خىتاي تاراتقۇلىرىدا چاغانلىق پائالىيەتلەر ھەققىدە خەۋەرلەر ئارقا-ئارقىدىن بېرىلىپ، يەر تەۋرەشكە دائىر خەۋەرلەرنىڭ قاتتىق قامال قىلىنىشى، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئەندىشىلىرى ۋە سىياسىي تەشۋىقات ئېھتىياجىنىڭ تەقەززاسىدىن ئىكەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر پۈتكۈل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ خىتايدىكى بارلىق مىللەتلەرگە ئورتاق ئىكەنلىكىنى سىڭدۈرۈشكە باشلىغان، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى چاغاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق خىتاي مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا، ئۆزلىرىنى ئاتالمىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ قاراشقا مەجبۇرلىماقتا ئىكەن.
رۇنى ستېنبېرگ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل تەشۋىقاتلار ئارقىلىق، «ئۇيغۇرلار خىتاي مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىدۇ، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۇلار خىتاينىڭ بىر پارچىسى»، «ئۇيغۇرلار خىتايلار بىلەن بىرلىكتە بەختلىك ياشاۋاتىدۇ» دېگەن ساختا كۆرۈنۈشنى چەت ئەللەرگە ۋە دۆلەت ئىچىگە يايماقچى بولغان.
شىۋېتسارىيەدىكى جەنۋە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا دوكتورلۇق ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقان ياش تەتقىقاتچىلاردىن لېئو مايلارت (ئۇيغۇرچە ئىسمى شىرئەلى) مۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ھالدا خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللىشىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى دېيىشكە بولىدىكەن.
لېئو ئەپەندى يەنە 2016-يىلىدىن باشلاپ چەت ئەللەرگە چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئەڭ ياخشى گۇۋاھچىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيىپ، خىتايچە ناخشا-مۇزىكىلارنى ئورۇنداپ، چاغان تەبرىكلەشكە مەجبۇرلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز ئىكەن.
لېئو ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا خىتاي مەدەنىيىتىنى مەجبۇرىي تېڭىش سىياسىتىنىڭ تۈپ مەقسىتى، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشنى نىشان قىلغان ئىكەن.
دۇنيا تارىخىدا بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئىلگىرى بىر قىسىم ئىمپېرىيالىست دۆلەتلەر تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرىقى ھېسابتا ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ئىكەن.
لېئو ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە خىتايلار بىلەن بىرلىكتە چاغان ئۆتكۈزۈشكە، چوشقا گۆشىدە قىلىنغان خىتايچە يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە مەجبۇرلىنىشى، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنى ياخشى كۆرۈپ قوبۇل قىلىشىنى ئەمەس، بەلكى خىتايلاردىن تېخىمۇ يىراقلىشىشىنى ۋە كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان نەپرىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىكەن.