گوللاندىيە شەرقىي تۈركىىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا سۆھبەتتە بولغان

0:00 / 0:00

11-ئاينىڭ 19-كۈنى گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتىپاقىنىڭ 7 كىشىلىك ھەيئىتى گوللاندىيەنىڭ دەنھاك شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن سۆھبەتتە بولغان. كۆرۈشۈش جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتىپاقىنىڭ ھەيئىتى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل ئەمەلدارى چې لى ئەپەندى (Che Lee) بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي سۆھبەتتە بولغان.

بۇ قېتىملىق كۆرۈشۈشكە قاتناشقان گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى ھەيئىتىنىڭ رادىيورىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، سۆھبەت 2 سائەت داۋام قىلغان. سۆھبەتتە ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان جىددىي مەسىلىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانسېرى كۈچەيتىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەر ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ قېتىملىق ئۇچرشىشقا قاتناشقان گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئۇبۇلقاسىم ئابلىز ئەپەندى ۋە مەزكۇر تەشكىلاتلار ئىتىپاقىنىڭ ۋەكىلى ئابدۇسالام نىياز ئەپەندى بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى سۆھبەتتىن ئاڭلىغايسىلەر.