كۆزەتكۈچىلەر 2023-يىلىدا ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدەك خەلقئارالىق كۈنتەرتىپتە تۇرۇش-تۇرماسلىق مەسىلىسىدە ئوخشاش بولمىغان قاراشلارنى بايان قىلىشتى.
2023-يىلى 2-يانۋار گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «مېركۇر» كۈندىلىك گېزىتى «يەنە بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى: گېرمانىيە-خىتاي خام خىياللىرى بەربات بولغان يىلدا» ناملىق بىر ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلدى. ماقالىدە گېرمانىيە دۆلىتىنى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇش ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، گەرچە گېرمانىيە يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ بولغان بولسىمۇ، گېرمانىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى 245 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادىي كېلىشىمنىڭ بۇ ئىستراتېگىيەنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ بىر مۇددەت ھازىرقى تەرىقىدە داۋام قىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغانىدى.
ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، 2023-يىلىدىمۇ خىتاي رەئىسى شى جىنىڭ رۇسىيە تەرەپتە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن. شى جىنپىڭ ئۆز ئىرادىسىگە ئۇيغۇن بولغان يېڭى بىر دۇنيا تەرتىپى ئورنىتىشى خىيالىدىن ۋاز كەچمەيدىكەن. تەيۋەنگە قارىتا ھەربىي تەھدىتىنى يەنىمۇ ئارتۇرىدىكەن. دۆلەت ئىچىدە بارلىق ھوقۇقنى تولۇق قولىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ماۋ زېدۇڭغا ئوخشاش ھالەتكە كېلىدىكەن. يىللاردىن بۇيان يۈرگۈزۈپ كەلگەن يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.
ماقالىدە يۇقىرىقى 5 تېما ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەردىن كېيىنكى 6-تېما ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بېغىشلانغان بولۇپ، بۇ تېمىغا «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئەمدى سەل قاراشقا بولمايدۇ» دېگەن ماۋزۇ قويۇلغانىدى. ماقالىنىڭ بۇ بۆلىكىدە مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ: «خەيرىگۈل غوجى 22 ياش. ئابدۇكېرىم ئابدۇرۇسۇل 28 ياش. گۈلنىسا ئەزىز 66 ياش. يۈزلىگەن چىراي سىزگە ئىپادىسىز تىكىلىپ تۇرماقتا. 2022-يىلى باھاردا كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىردەك خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدا تۇتقۇن قىلىنغان 3 مىڭغا يېقىن ئىنساننىڭ سۈرىتىنى ‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى› ئارقىلىق ئاشكارىلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىدا ‹قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى› نى قۇرۇپ چىققانلىقى ھەممىگە ئايان. دەسلەپتە ئاشكارىلانغانلىرى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى بىلەن بەزى بەلگىلەر ئىدى، كېيىن شاھىتلارنىڭ بايانلىرى قوشۇلدى، ئاخىرىدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتى لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا ‹كىشىلەر بۇ مەركەزلەرگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كېلىپ تەربىيە ئالىدۇ› دەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇ جايلارغا يۈزمىڭلىغان ئىنساننىڭ مەجبۇرىي قامالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى› بولسا جانلىق كۆرۈنۈشلەر بىلەن بۇنى ئىسپاتلىدى».
ماقالىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بەزى دۆلەتلەر پارلامېنتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىنىۋاتقان بۇ زۇلۇملارنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغانلىقى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت يازدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا «خەلقئارالىق جىنايەت ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن» دېگەنلىكى، ئامېرىكا باشلىق بىر قىسىم دۆلەتلىرىنىڭ بۇ لاگېرلار بىلەن ئالاقىدار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكى بايان قىلىنغانىدى. ماقالىدە يەنە گېرمانىيە دۆلىتىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بايېربوكنىڭ «قىممەت قاراشلىرىنى ئاساس قىلغان تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈش» تەشەببۇسىغا ئېتىبار بېرىشى تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ خىتاينى نەزەردە تۇتقان بىر تەشەببۇس ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە 2023-يىلىمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
دەرۋەقە، مەتبۇئاتلار 2022-يىلىدىكى زور ۋەقەلەر ۋە مۇھىم شەخسلەر ھەققىدە توختالغاندا، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ۋە ئۇ قوزغىغان ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇ قۇرغان جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ تەڭ تىلغا ئېلىشماقتا. بىراق 2023-يىلى قانداق بولىدۇ؟ ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى 2023-يىلىمۇ داۋاملىق خەلقئارالىق كۈنتەرتىپتە تۇرامدۇ؟
تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكۇر ئەركىن ئەكرەم بۇ سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، 2023-يىلىدا ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ دۇنيادىكى بەزى زور ھادىسىلەر سەۋەبلىك ئىلگىرىكى يىللاردىكىدەك خەلقئارالىق كۈنتەرتىپنى ئىگىلىيەلمەسلىكى مۇمكىنلىكىنى ئىپادە قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى بۇندىن كېيىنمۇ جازا لاگېرلىرىنى ئىنكار قىلىش تەشۋىقاتىنى داۋاملىق كۈچەيتىدىكەن.
ئەمما نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى بەختىيار ئۆمەرنىڭ قارىشىچە، ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلىنغان دوكلاتلار ۋە تەتقىقات ماقالىلىرى ھەمدە ئامېرىكا باشلىق بەزى دۆلەتلەر ئېلان قىلغان جازا تەدبىرلىرى 2023-يىلىدا ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ داۋاملىق خەلقئارالىق كۈنتەرتىپنى ئىگىلىشىگە تۈرتكە بولىدىكەن.