ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى زىيارەت قىلىشىنىڭ خەتىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2024.03.01
Registan_square_Samarkand ئۆزبېكىستان سەمەرقەنت شەھىرىدىكى رىگىستان مەيدانىنىڭ كۈن چىققاندىكى كۆرۈنۈشى. 2012-يىلى 5-ئاۋغۇست، سەمەرقەنت
wikipedia.org

يېقىنقى 1-2 يىلدىن بۇيان ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىش قىزغىنلىقىنىڭ خېلىلا ئەۋج ئالغانلىقى، بۇ يىل ياز مەزگىللىرىدە يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تاشكەنتتە زىيارەتتە بولۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئۆز ۋەتىنىنى زىيارەت قىلىش ئىمكانىيەتلىرى بولمىغان غەربتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش مۇھىتى ئۆزلىرىگە يېقىن بولغان ئۆزبېكلەرنىڭ يۇرتىدا ساياھەتتە بولۇشنى خالىشى نورمال ھادىسە بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ خەتىرىگە سەل قاراشقا بولمايدىكەن.

«نوۋاستان» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ «تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسى» دەل تاشكەنتكە جايلاشقان. تاشكەنت غەرب ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ئۈچۈن يەنىلا بىخەتەر جاي ھېسابلانمايدىكەن.

29-فېۋرال كۈنى مەركىزى بېرلىن ۋە پارىژدا بولغان «نوۋاستان» تورى «شىنجاڭدىكى باستۇرۇشلار ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە يېنىك تەنقىدكە دۇچ كەلمەكتە» ناملىق بىر زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلدى. مەزكۇر زىيارەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلىشىدىكى سەۋەبلەرنى يورۇتۇپ بېرىشتىن ئىبارەت بولغان.

نوۋاستان تورى بۇ ھەقتە پارىژ كاتولىك دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، خەلقئارالىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، «غايەت زور ئويۇن: بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلىنىشى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى، خىتايشۇناس ئېممانۇئېل لىنكوت (Emmanuel lincot) بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئېممانۇېل لىنكوت سۆھبەتتە قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلىشىدىكى بىرقانچە مۇھىم سەۋەبلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خەتەرلىك بىر رايونغا ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بېرلىندىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى تەسىر كۈچى غايەت زور دەرىجىگە يەتكەن بولۇپ، خىتاي جاسۇسلىرى ھەممىلا يەرلەردە قۇتراپ يۈرمەكتىكەن ۋە غەرب ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئالمۇتا، بىشكەك، تاشكەنت قاتارلىق شەھەرلەرگە ساياھەتكە بېرىشى يەنىلا زور خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئېممانۇئېل لىنكوتنىڭ بايانلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بەزى دىققەتكە سازاۋەر نۇقتىلارنى تۆۋەندىكى بىرقانچە مەزمۇنغا يىغىنچاقلاپ ئىپادىلەش مۇمكىن:

بىرى، قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەر، ئۇنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا بېقىندى ھالەتكە كېلىپ قالغانلىقى ئىكەن. نازاربايېفتىن كېيىن قازاقىستانغا پىرېزىدېنت بولغان توقايېف خىتايغا تېخىمۇ يېقىنلاشقان. ئۇ خىتاينىڭ «يېڭى يىپەك يولى» قۇرۇلۇشىنىڭ سايىسىدە «خىتاي قارتى» » نى ئويناپ، قازاقىستاننىڭ تەرەققىياتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش يولىنى تاللىۋالغان. ئۇ خىتايدىن يىراقلىشىشنى «خەتەرگە يۈزلىنىش» دەپ قارايدىكەن. شۇڭا ھازىرقى قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا داۋاملىق كۆز يۇمىدىكەن، قازاقىستاندىكى قازاق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ زارلىرىغا قۇلاق سالمايدىكەن ۋە قازاقىستاندا خىتايغا قارشى ھەرقانداق پائالىيەتلەرنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا يول قويمايدىكەن.

ئىككىنچىسى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ «تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسى» تاشكەنتكە جايلاشقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن «ئۇيغۇر تېررورىستلىرى» نى تۇتۇپ، خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئەھدىنامىلىرىگە قول قويۇشقان. ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىمۇ بۇ ئەھدىنامىلەرگە رىئايە قىلىش مەجبۇرىيىتىدە ئىكەن. يەنى، خىتاي تەلەپ قىلسا، تاشكەنت ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر تېررورىستلىرى» نى تۇتۇپ بېرىشتىن باش تارتالمايدىكەن. خۇددى ئەينى ۋاقىتتا كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىلنى تۇتۇپ خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەندەك.

قازاقىستاندىكى ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمىدىن ۋە خىتاي تەھدىتىدىن قېچىپ چىقىپ، گوللاندىيەدە سىياسىي پاناھلىق تىلەپ ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى ئۆمەر بېكالىنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى گەرچە ياۋروپا پاسپورتىدىكىلەر ئۈچۈن ئانچە خەتەرلىك بولمىسىمۇ، بىراق تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەنىلا خەتەرلىك رايون ھېسابلىنىدىكەن.

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى 26-فېۋرال كۈنى «خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا سىڭىپ كىرىشىنى ئاشكارىلاش» ناملىق بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى گويا ئۆزلىرىنىڭ بىر ئۆلكىسى ھالىدا ئىدارە قىلماقتا ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، غەرب ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ساياھەتتە بولۇشى يەنىلا تەھلىكىلىك ئىكەن.

ئېممانۇئېل لىنكوتنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ئەندىشىسى خىتاي مەنپەئەتىنىڭ تېررورلۇق كۈچلەرنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىشىدىن ئىبارەت ئىكەن. خىتاي ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى، جۈملىدىن تاجىكىستان ياكى ئافغانىستاندىكى ئاساسىي ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئىسلام دۆلىتى كۈچلىرى، ئەل-قائىدە تەشكىلاتى، پاكىستاندىكى گۋادار پورتىنى داۋاملىق پاراكەندە قىلىۋاتقان بالۇچىلار ۋە شۇلارغا ئوخشايدىغان باشقا تېررورلۇق كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىدىن قورقىدىكەن. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسا، خىتايغا ھازىرچە تەھدىت بولالمايدىكەن. شۇ سەۋەبتىن 2-ئاينىڭ 8-كۈنى قازاق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئالمۇتادىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا تىنچ شەكىلدە ئۆتكۈزگەن نامايىشى تارقىتىۋېتىلگەن. 2021-يىلىدىن بۇيان قازاق خەلقلىرىنىڭ خىتايغا قارشى ئېلىپ بارغان تۈرلۈك شەكىلدىكى نامايىشلىرى شەپىسىز جىمىقتۇرۇۋېتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.