ئۇيغۇرلار ۋولكېر تۈركتىن ۋەدىسىنى ئەمەلىي تەدبىرگە ئايلاندۇرۇشنى كۈتمەكتە
2024.08.30
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت (Michelle Bachelet) ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشنىڭ ئالدىدا يەنى 2022-يىل 8-ئاينىڭ 31-كۈنى «شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى» ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلغانىدى. دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر ئۈستىدىكى باستۇرۇشلىرى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن» دەپ يەكۈن چىقىرىلغان. مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنىپ ئىككى يىل ئۆتكەندە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ھېلىھەم داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ب د ت نىڭ ھازىرقى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك (Volker Türk) 27-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان باياناتتا جەزملەشتۈرۈلدى.
ۋەدىگە تۇشلۇق تەدبىر لازىم!
ئالىي كومىسسار ۋولكېر تۈركنىڭ بۇ باياناتىنى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇلار بۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا ب د ت نى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىگە خاتىمە بېرىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن خىتايغا بېسىمنى كۈچەيتىش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك جىددىي تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا چاقىرماقتا.
2024-يىلى 29-ئاۋغۇست دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە خەلقئارادىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ ئورتاق ئىمزالىقىدا ۋولكېر تۈركنىڭ باياناتىنى قارشى ئېلىش مەزمۇنىدىكى «ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەھشىيانە جىنايەتلەر» ناملىق بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىندى. باياناتتا مۇنداق دېيىلىدۇ:
«ئالىي كومىسسار ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ‹تولۇق تەكشۈرۈش› كە چاقىردى ھەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن سۆز قىلىشقا ۋەدە بەردى. بىز ئالىي كومىسسار ۋولكېر تۈركنىڭ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا داۋام قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، جۈملىدىن ب د ت بىلەن ئالاقىسى بارلارنى خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە ئۆچ ئېلىشتىن تەشۋىشلىنىۋاتقانلىقىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ خىتاي تەۋەسىدىكى كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىشكە قاتناشقانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيمىز. »
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن باشقا يەنە خىتايغا قارشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خوڭكوڭ ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرى، خەلقئارا قىيناققا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى (OMCT)، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى قاتارلىق 19 تەشكىلاتنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنغان بۇ بىرلەشمە باياناتتا خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى يۈرگۈزۈپلا قالماستىن، يەنە بۇ جىنايەتلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەگەر خىتايغا قارشى جىددىي ھەرىكەت قوللانمىغاندا خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى مىسلى كۆرۈلمىگەن جىنايەتلەرنى داۋام قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
خىتايغا بېسىم قىلىدىغان ياخشى پۇرسەت
مەزكۇر بىرلەشمە باياناتتا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 9-سېنتەبىر ئېچىلىدىغان 57-قېتىملىق يىغىنىدا بۇ مەسىلە ھەققىدە جىددىي تەدبىر قوللىنىش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ۋە جاۋابكارلىقتىن قېچىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىزچىل ھالدا رايون مىقياسىدا بىگۇناھ كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشنى كەڭ ۋە سىستېمىلىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارغا خاس مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقاد ۋە تىلنى يوقىتىشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى شەرھلىگەن. ۋولكېر تۈركنىڭ ئۆزى بەرگەن ۋەدىلەرنى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن «ئالىي كومىسسار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار، ھايات قالغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن قەرەللىك دوكلات بېرىش يىغىنى ئېچىش، يوقاپ كەتكەن ۋە ناھەق تۇتۇپ قېلىنغان ئائىلە ئەزالىرىنى ئىزدەش ھەمدە ئۇلارنى ئەركىنلىككە چىقىرىشتىكى زۆرۈر مېخانىزملارنى ئورنىتىش» دېگەندەك كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دۇنياۋى ھىمايەگەرلىك ئىشلىرى دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ب د ت نىڭ ھازىرقى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئالىي كومىسسار ۋولكېر تۈرك ئېلان قىلغان باياناتنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 57-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلىشنىڭ ئالدىدا ئېلان قىلىنىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ بىرلەشمە بايانات ئارقىلىق ھەرقايسى تەشكىلاتلار ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيانكەشلىكىگە خاتىمە بېرىشكە ۋە بۇ توغرىسىدا ئۇلارغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىق قىلغان.
ھېچقانداق خەۋەر يوق!
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق بېسىپ قىلىپ، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك يوق قىلىۋېتىلگەن كىشىلەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. مەلۇم بولغاندەك، خىتاي دائىرىلىرى 2016-يىلىدىن كېيىن «ئىككى يۈزلىمىچىلىككە قارشى تۇرۇش» دېگەندەك تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى نىشان قىلغان چوڭ تۇتقۇننى باشلىغان بولۇپ، لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ تا ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولماي كەلمەكتە.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى تاشپولات تىيىپ خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنىدا غايىب بولغان كىشىلەرنىڭ بىرى. كېيىنچە دائىرىلەرنىڭ ئۇنى «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى ۋە ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى. تاشپولات تېيىپنىڭ غايىب بولۇشى دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغاپ، خەلقئارا ئىلىم ساھەسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغانىدى.
ھالبۇكى ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى ئىنىسى نۇرى تېيىپ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى، پىروفېسسور تاشپولات تېيىپنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچ قانداق خەۋەر يوقلۇقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئاكىسى غايىب بولغاندىن كېيىن ئۇ ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى بىلەن بىر قانچە قېتىم كۆرۈشكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ قەيەرگە قامالغانلىقىدەك ئەقەللىي ئۇچۇرغىمۇ ئىگە بولالماي بەكمۇ ئۆكۈنگەن. ئۇ «ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر ئەگەر خىتايغا مەخسۇس قانۇن تۇرغۇزۇپ ھەرىكەت قىلمىغاندا يەنىلا ھېچقانداق نەتىجە چىقمايدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى كۆز بويامچىلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دەيدۇ.
ۋەدىلەر ئۈمىد بەردى، ئەمما…
خىتاينىڭ غايىب قىلىۋېتىشىگە ۋە ئادالەتسىز ھالدا ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىشىغا دۇچ كەلگەن ۋەكىللىك زىيالىيلاردىن بىرى ئىنسانشۇناسلىق ۋە ئۇيغۇر فولكلور ساھەسىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلىرى بىلەن خەلقئارادا تونۇلغان تەتقىقاتچى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى راھىلە داۋۇت ھېسابلىنىدۇ. پىروفېسسور راھىلە داۋۇت 2017-يىلىنىڭ ئاخىرى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمەي كەلمەكتە.
راھىلە داۋۇتنىڭ ئامېرىكىدىكى قىزى ئەقىدە تاشپولات زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك ئېلان قىلغان باياناتنىڭ ئۆزىگە ئۈمىد بېغىشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئاپىسى راھىلە داۋۇتقا ئوخشاش ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەر ۋە ئىنسانلارنىڭ خىتايغا ئورتاق بېسىم ئىشلىتىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 2022-يىلى 31-ئاۋغۇستتا ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى» تېمىسىدىكى دوكلاتتا ئالاھىدە ئورۇن ئالغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان جىسمانىي قىيناق، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، مېڭە يۇيۇش ۋە جىنسى زوراۋانلىق قاتارلىق ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى دەلىللەشتە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرىنىڭمۇ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقى مەلۇم. ئامېرىكىدىكى لاگېر شاھىتلىرىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە ئاياللارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قىيىن-قىستاق ۋە جىنسىي زوراۋانلىققا ئوخشاش ۋەھشىيلىكلىرىنىڭ پاش بولۇشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان ئىدى.
تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەر قېتىم خىتاينىڭ تۈرلۈك تەھدىتلىرىگە قارىماستىن ب د ت غا ئوخشاش خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارغا سۆز قىلىشقا جۈرئەت قىلىشىدا «ئۇلار چوقۇم بىزگە ياردەم بېرىدۇ» دېگەن بىر ئىشەنچنىڭ يوقالمىغانلىقى مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ۋەدىلەر ھەقىقىي تەدبىرگە ئايلانمىغاندا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەمدى بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەي قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ياپالمىدى ھەم ياپالمايدۇ!
ۋاشىنگتوندا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم ب د ت نىڭ ھازىرقى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئالىي كومىسسار ۋولكېر تۈركنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئادالىتى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى توغرىلىق بەرگەن ۋەدىسىنى «خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقى باشلانغاندىن بۇيان ب د ت تەرىپىدىن خىتايغا بېرىلگەن ئەڭ كۈچلۈك بىر سىگنال» دەپ تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە خىتاينىڭ باستۇرۇشلىرىغا ھېچقاچان باش ئەگمىگەن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تۈرلۈك غەلىبىسى، دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ.
زۇبەيرە خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ھال يەنە بىر ياقتىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى يېپىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ئۇ، بۇ يېڭى ئىلگىرىلەش ھەققىدە توختىلىپ «بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ئىلھام بولسىكەن، دېگەن ئۈمىدتىمەن» دەيدۇ.