5-ئىيۇل كۈنى ب د ت نىڭ 3 ئۇيغۇرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىسىگە ئائىت قارارىغا مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئارقىدىن ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتى گۈلدەن سۆنمەز خانىم خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا يېزىلغان خەتنى خىتاي ئەلچىخانىسىغا سۇنغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي تەرەپ قوبۇل قىلمىدى. گۈلدەن سۆنمەز خانىم خىتاي تەرەپنىڭ بۇ خەتنى قوبۇل قىلماسلىقىنىڭ ئۇنىڭ ب د ت نىڭ ئەزاسى تۇرۇقلۇق ب د ت نىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان نىغمەت خەمىت، تاجىنىسا ئىمىن ۋە دىلشات ئورالباي قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۈرك ئادۋوكات گۇلدەن سۆنمەز خانىم ئارقىلىق ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىغا ئەرز سۇنغان بولۇپ، بۇ ئەرزنامە مەزكۇر ئورگاننىڭ «خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ئىشلىرى گۇرۇپپىسى» تەرىپىدىن كۆرۈپ چىقىلغاندىن كېيىن يېقىندا ئۇلار توغرىسىدا مۇھىم قارار ئېلان قىلغان. قاراردا: «ئۇلار ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلۇۋاتىدۇ، بۇ ئىجرائات خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشتۇر، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېغىر ۋە سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ»، دېيىلگەن ۋە خىتاينى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ 2-ماددىسىنى دەپسەندە قىلغانلىق بىلەن ئەيىبلىگەنىدى.

5-ئىيۇل كۈنى مەزكۇر قارارغا مۇناسىۋەتلىك خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلاردىن نىغمەت خەمىت، تاجىنىسا ئىمىن ۋە دىلشات ئورالباي قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان تۇغقانلىرى ۋە ئادۋوكات گۈلدەن سۆنمەز خانىم سۆز قىلدى.
گۈلدەن سۆنمەز خانىم مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەندىن كېيىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا يازغان خەتنى خىتاي ئەلچىخانىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ قارارى توغرىسىدا خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا جەم بولدۇق. بۇ قاراردا بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئەرزدارلىرىمىزنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەركىن قويۇپ بېرىلىشى كۆرسىتىلگەندىن سىرت، بۇ 3 ئەرزدارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۇتۇپ كېتىلىشى بىلەن چېتىشلىقى بار دۆلەت كادىرلىرىنىڭمۇ جازالاندۇرۇلۇشىنىڭ تەلەپ قىلىنغانلىقىدۇر. بۇلارنى ئورۇنلىشى ئۈچۈن خىتايغا 6 ئاي مۆھلەت بېرىلگەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنلىغاندىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا يازما ھالدا بىلدۈرۈش مەجبۇرىيىتى بار. بىزمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز».
خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان نۇرمەمەت مەتتۇرسۇن، ئانىسى تاجىنىسا ئىمىن ۋە 14 تۇغقىنىنىڭ خوتەندە تۇتقۇن قىلىنىپ2017-يىلىدىن بۇيان يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامالغانلىقى توغرىسىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىغا ئادۋوكات گۈلدەن سۆنمەز خانىم ئارقىلىق ئەرز سۇنغان بولۇپ، ئۇ، ئانىسى ياشانغان بىر ئايال بولسىمۇ تۇتۇلغاندىن بۇيان ئۇنىڭدىن ھېچ قانداق خەۋەر ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان شاھىت گۇلئايشە ئورالباي تاغىسى دىلشات ئورالباي توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاغىسى دىلشات ئورالباي ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ساقچى تەرەپ ئۇنىڭ 25 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، سىڭلىسى بەختىگۈلنىڭ 19 يىل، كىچىك سىڭلىسى باگىلاننىڭ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ئالاقىدار ھېچ قانداق ھۆججەت ياكى ھۆكۈم قەغىزى بەرمەستىن پەقەت سۆز بىلەن ئىپادە بىلدۈرگەن. ئۇ:« سىز خىتايدىن نېمە تەلەپ قىلىسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ قېرىنداشلىرىم 5 يىلدىن بۇيان تۈرمىدە خارلىنىپ ياتىدۇ. بىزنىڭ ئادۋوكاتىمىز گۈلدەن سۆنمەز خانىم بۇلتۇر5-ئايدا 130 كىشىنىڭ ئەرزىنى ب د ت غا يوللىغانىدى. بىز ئۈچىمىز توغرىسىدا خۇش خەۋەر كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت نىڭ بۇ قارارىنى ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن. مەن ب د ت قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار، دۆلەت ۋە دۇنيا جامائىتىنى لاگېرلارغا قامالغان پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ، قازاقلارنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلىمەن».
ئادۋوكات گۈلدەن سۆنمەز خانىم خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلاردىن نىغمەت خەمىت، تاجىنىسا ئىمىن ۋە دىلشات ئورالباي قاتارلىق كىشىلەر ھەققىدە شى جىنپىڭغا يېزىلغان خەتنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن تۈرك ساقچىلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ خەتنى سۇنغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي دىپلوماتلىرى خەتنى ئالغىلى ئۇنىمىدى. ئادۋوكات گۈلدەن خانىم بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «ھەممىڭلار كۆرگەندەك بىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ باش ئەلچىلىكىگە بۇ قارارنى ئېلىپ كەلدۇق. بۇ خېتىمىزدە لاگېرلاردا زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى ئەركىن قويۇپ بېرىشىنى ھەم ب د ت نىڭ ئالغان قارارىنى ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدۇق. خىتاي ئەلچىخانىسى بىزنىڭ خېتىمىزنى ئالمىدى. ئەمدى بىز بۇنى رەسمىي يول بىلەن ئەلچىلىككە يوللايمىز. ئىككىنچى قېتىم يەنە ئالمىسا ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىغا ئەھۋالنى يېزىپ بىلدۈرىمىز. خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنىغا ئاساسەن بىز تەييارلىغان بۇ خەتنى رەسمىي يول بىلەن يوللىساقمۇ ئالمىسا، خىتاي ب د ت نىڭ ئەزاسى تۇرۇقلۇق ب د ت نىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىنى قوبۇل قىلمىغان بولىدۇ». ئىگىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ قارارى 4-ئايدا ئېلىنغان بولۇپ، ئادۋوكات گۈلدەن سۆنمەز خانىمغا 6-ئايدا رەسمىي ھۆججەت بىلەن بىلدۈرۈلگەن ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ رەسمىي تور بېتىدىمۇ ئېلان قىلىنغان.