1-ئىيۇل كۈنى، ئامېرىكا تارماقلىرى خىتايدىن كىرگەن مېيشىن شىركىتىنىڭ 13 توننا، 800 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى چاچ مەھسۇلاتلىرىنى مۇسادىرە قىلىش بىلەن تەڭ ئامېرىكا ۋە خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا ئەسلى خوتەندە ئىشلەپچىقىرىلغان بۇ چاچ بۇيۇملىرىنىڭ يالغۇز مەجبۇرى ئەمگەككىلا باغلىنىپ قالماستىن، ئۇيغۇرلار قامالغان لاگېرلاردىكىلەرنىڭ چېچىدىن ئىشلەنگەن بولۇش ئېھتىماللىقى غۇلغۇلا قوزغىماقتا.
بۇنىڭ بىلەن بەزى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئاكتىپ شەخسلەرنىڭ خاس قاناللىرى ۋە پروگراممىلىرىدا، ئۇيغۇرلار ئۇچۋراۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەر، مەخسۇس ۋىدىيولۇق پروگرامما ۋە باشقا ئوخشىمىغان شەكىللەردە تارقىتىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان ئادالەتسىزلىكىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىشتەك بىر يېڭى دولقۇننىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى مەلۇم. تەسىر كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك بولىۋاتقانلىدىن مىسال ئېلىپ ئۆتسەك، تىك توكتا خېللوئايېمېگ نامىدىكى خاس سەھىپە قۇرغان بىر ئامېرىكالىق قىز، «نۆۋەتتە خىتايدا 3 مىليون ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقىنى، ئاياللارنىڭ باسقۇنچىلىققا، بالىلارنىڭ يېتىملىقتا قالدۇرۇلۇپ، قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟. . .» دېگەنلەرنى ناخشا قىلىپ ئېيتىپ ئاڭلاتقان ۋە ئۇلارنى خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھېچ بولمىسا ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان ھەمدە مۇشۇنداق پەيتتىمۇ سۈكۈت قىلىشنىڭ ئۆزى جىنايەت دەپ ئەيىبلىگەن.
ئارابى ئانالى نامىدىكى يەنە بىر ياش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە 1200 دىن ئارتۇق لاگېرلارنى قۇرغانلىقى، بىر يېرىم مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ لاگېرلاردا زۇلۇم چېكىۋاتقانلىقى ھەتتا ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلاردا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتقان. ئۇ يەنە ئۇلارنىڭ مەجبۇرى ئەمگەك بەدىلىگە ئىشلىگەن بۇيۇملىرىنىڭ بازارلاردىكى 80 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق داڭدار ماركىلارغا چېتىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
ئەگېنت كاياس يەنى، «مەسىلە تەكشۈرگۈچى» دېگەن تەخەللۇس بىلەن تىك توكتا ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسىگە ئىگە ياش ئامېرىكالىق قىز، ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامالغاندىن باشقا، ئاياللارنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن باسقۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئائىلىلەر پارچىلىنىپ بالىلارنىڭ يېتىملەرگە ئايلاندۇرۇئىۋاتقانلىقى ئەمما بۇ مەسىلىلەرنىڭ دۇنياۋى ياكى ئامېرىكا مېدىئالىرىدا ئانچە كۆپ بېرىلمىگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان. ئۇ، بۇ مەسىلىلەرگە دىققەت قوزغىتىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇ قوللانغۇچىلىرىنى ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىرغان. ئۇنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قوللاش چاقىرىقى 780 مىڭ قېتىم ھەمبەھىرلەنگەن.
يۇتۇبې تورىدا مەخسۇس «يۈزلەن» «جۇست فاكە ئىت» ناملىق مۇنازىرە پروگراممىسى تەسىس قىلغان كورېي ئىككى ھەپتە ئىلگىرى بىر يېرىم سائەتلىك پروگرامما ئىشلەپ تارقاتقان بولۇپ، ئۇ ئۆزىمۇ پروگراممىدا 13 توننا خىتايدىن كىرگەن چاچنىڭ لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى ھەمدە خىتاينىڭ چاچ مەھسۇلاتلىرىنى ئەڭ كۆپ سېتىۋالىدىغانلارغا بۇ مەسىلىنى تونۇتۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.
يوتۇب پروگراممىچىسى كورېي فېئېر زىيارىتىمىزنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى.
ئۇنىڭ ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا ئۆزىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇشىچە، كورېي ئىندىئانا شتاتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن بولۇپ، تېخى يېڭىلا يەنى ئىككى ئاي ئىلگىرى يوتۇبې قانىلىدا ئۆزىنىڭ «يۈزلەن» پروگراممىسىنى تارقىتىشقا باشلىغان، ئۇنىڭدا ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى غۇلغۇلا قىلىنىۋاتقان، ھەممە ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان نۇقتىلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇلاھىزە پروگراممىلىرىنى تەقدىم قىلىپ كەلمەكتىكەن.
ئۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىقىپ قېلىش سەۋەبىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەنگەن 13 توننا چاچ مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ قىزىقتىم. چۈنكى ئامېرىكادىكى قارا تەنلىك ئىستېمالچىلار خىتايدا ئىشلەنگەن چاچ بۇيۇملىرىنىڭ ئەڭ چوڭ خېرىدارى ھېسابلىنىدۇ. يەنە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى بىلگەندىن كېيىن تولىمۇ بىئارام بولدۇم. بۇرۇن بۇ ھەقتە پەقەت ئاڭلىماپتىكەنمەن. شۇڭا ماڭا ئوخشاش خەۋەرسىز كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشنى ئويلىدىم».
ئۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەسىلىنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر ئەندىشە قوزغاشقا تېگىشلىك مەسىلە، خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىقىنى رەزىللىك دەپ تونۇيدىغانلىقىنى، ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن سۆزلىشىش جەريانىدا يالغۇز ئۆزىلا ئەمەس يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكىنى، كىشىلەر ئۆزلىرى پۇلغا سېتىۋېلىپ تاقاۋاتقان بۇ چاچ بۇيۇملىرىنىڭ رەزىللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان، بىخەتەر مال ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېيتىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ رەزىللىكلىرىگە قارشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسى ياكى تەدبىرى يېتەرلىك ئەمەس دەپ قارايمەن، يەنىمۇ قاتتىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى بۇ دەھشەتلىك مۇئامىلىسىنى توختىتىشى كېرەك».
ئۇ يەنە ئىستېمالچىلار ھېچ بولمىغاندا «خىتاينىڭ شۇ خىل بۇيۇملىرىنى سېيتىۋالغان پۇللارنى توغرا ئىشلارغا، خەيرى ساخاۋەتكە ئاتاش تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟!» دەيدۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، «بۇ يەردىكى مەسىلە پۇل، چۈنكى جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ قىزىقىدىغىنى پۇلغا ئائىت خەۋەرلەر. ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ مەسىلىگە ئوخشاش ئېغىر مەسىلىلەر نەزەردىن ساقىت قىلىنماقتىكەن».
ئۇ ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى خىتاي ماللىرى ئىستىمالچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاشتا، خىتاينىڭ بۇ خىل باستۇرۇشىغا ۋە ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاسىتە ئاخباراتلاردا ئۆزلىرىنىڭ سەرگۈزەشتلىرى ھەققىدە سۆزلىشى بەكرەك تەسىر قىلىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن باشقا ئۆزىنىڭ قىلماقچى بولغانلىرىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
«مەن شەخسەن ئۆزۈمنىڭ قاناللىرىدىن پايدىلىنىپ ئامېرىكا جەمئىيىتىگە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەرنى تونۇشتۇرۇشقا تەييار، ھەر قانداق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ياكى بۇ مەسىلىنى ياخشى بىلىدىغان، قىزىقىدىغانلارنىڭ پروگراممىغا قاتنىشىشنى قارشى ئالىمەن، يېقىنقى كۈنلەردە مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى تېما قىلغان ھەپتىلىك ئايلىق سۆھبەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمەن.»
كورېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئامېرىكادىكى ئاياللار گۈزەللىك، گىرىم بۇيۇملىرى دۇكانلىرىدا مەخسۇس ئادەم چېچىدىن ئىشلەنگەن چاچ بۇيۇملىرى ئالاھىدە كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ خىل بۇيۇملار، بولۇپمۇ نۆۋەتتە خەلقئارادا مودا ئېقىمغا ئايلانغان چاچ پاسونلىرىغا قىزىقىدىغان ئافرىقىلىق يەنى قارا تەنلىك ئاياللار ئەڭ كۆپ سېتىۋالىدىغان گۈزەللىك بۇيۇملىرى ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا چاچ گۈزەللىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى خىتايدا ئىشلەنگەن. يېقىندا 13 توننا خىتايدىن كىرگەن چاچلارنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشى بىلەن بۇ چاچ يەنى چاچ گۈزەللىك مەھسۇلاتلىرىنى ئەڭ كۆپ سېتىۋالىدىغان خېرىدارلاردىمۇ سوئاللارنى پەيدا قىلىشقا باشلىغان.
يۇتۇبې قاناللىرىدا ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان بۇ خىل چاقىرىقلار ۋە بۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، يۇتۇبې قاناللىرى ئارقىلىق چاچ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئېلانى بېرىۋاتقان بىر قىسىم چاچ سودىگەرلىرىمۇ، يېقىنقى كۈنلەردە ئۆزلىرىنىڭ سېتىۋاتقان چاچلىرىنىڭ غۇلغۇلا قوزغاۋاتقان لاگېردا ئىشلەنگەن ياكى لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنڭ چېچىدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلىرىدىن خالى ئىكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى توغرىلىقمۇ، خېرىدارلارغا ئالاھىدە ئەسكەرتىش بەرگەن.
ئاكونى چاچلىرى نامىدا، ئافرىقا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدە ئىشلەنگەن چاچ مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىۋاتقان بىر يۇتۇبې پائالىيەتچىسى قىز، ئۇيغۇرلار قامالغان لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنى خورلاپ ئىشلەتكەن 13 توننا چاچنىڭ تۇتۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئۆزىنى چاچ مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى، ھەر قانداق بىر چاچ سودىگىرى بولسۇن ياكى چاچ سېتىۋالغۇچى بولسۇن ئۆزى سېتىۋالغان چاچلارنىڭ قانۇنلۇق، ئىنسانىي ئەخلاققا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇسۇللاردا ئىشلەنگەنلىكىدىن خاتىرجەم بولمىغۇچە سېتىۋالماسلىققا، بۇ خىل قانغا مىلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ بازىرىدا رول ئېلىپ قالماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.
0:00 / 0:00