خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان تۈرلۈك بېسىم ۋە زۇلۇملىرى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كۆچۈشكە مەجبۇرلانغان بولۇپ، ھازىر دۇنيادا 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقانلىقى، بۇلاردىن ئەڭ ئاز دېگەندە 50 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي دۆلەتلەرگە كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىشى خېلى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب ئەللىرىدە ئولتۇراقلىشىش تارىخى 1980-يىلدىن كېيىن باشلانغانلىقى مەلۇم. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇيغۇرلار مۇھاجىرەتتە كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەتتە تۈرلۈك شەكىللەردە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە. مۇھاجىرەتتە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىدىن بىر قىسمى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش بىلەن بىرگە، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولماقتا. كانادادا ياشاۋاتقان زەپەر ئالىپ ئەنە شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ۋەكىلىدۇر.

ۋەتەندە تۇغۇلۇپ، 3 يېشىدا ۋەتەندىن ئايرىلىپ گېرمانىيە ۋە كانادادا ئۈسۈپ يېتىلگەن زەپەر ئالىپ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئالدىنقى سېپىدىن ئۇرۇن ئالغان ئاۋانگارت ئۇيغۇر ياشلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۆزى چوڭ بولغان دۆلەتنىڭ تىلىدا (ئىنگلىزچە ۋە فىرانسۇزچە) ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىپ دۇنيانىڭ، جۈملىدىن كانادانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تارتىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ۋەتەندىكى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇۋاتقان زەپەر ئالىپ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.