ئالمۇتادا خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى يورۇق كۆردى

0:00 / 0:00

يېقىندا ئالمۇتا شەھىرىدىكى «مىر» نەشرىيات ئۆيى تەرىپىدىن «قازاقىستان ۋە مەركىزىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق: مۇھىم مەسىلەر ۋە ھازىرقى ئۇتۇقلار» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى يورۇق كۆردى.

مەزكۇر كىتابقا مۇشۇ يىلى ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن مەشھۇر ئۇيغۇر تىلشۇناس، ئاكادېمىك، سابىق ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تۇنجى مۇدىرى غوجائەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ 90-يىللىقىغا ۋە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ 70-يىللىقىغا بېغىشلانغان «قازاقىستان ۋە مەركىزىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق: مۇھىم مەسىلىلەر ۋە ھازىرقى ئۇتۇقلار» ماۋزۇسىدىكى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان دوكلاتلار ئاساسىدا تەييارلانغان ماقالىلەر كىرگۈزۈلگەن. توپلامدا ئامېرىكا، تۈركىيە، ئۆزبېكىستان، رۇسىيە، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستاندىن بولۇپ، 30 دىن ئارتۇق ئالىمنىڭ ماقالىلىرى ئورۇن ئالغان.

جەمئىي 324-بەتلىك بۇ توپلام ئىككى قىسىمدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇيغۇر، قازاق، تۈرك، رۇس ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا بېرىلگەن بۇ ماقالىلەردە شەرقشۇناسلىق، تارىخ، ئېتنوگرافىيە، مەدەنىيەتشۇناسلىق، ئارخېئولوگىيە، تىلشۇناسلىق، ئەدەبىياتشۇناسلىق، پەلسەپە، ئىقتىساد ۋە سىياسەتشۇناسلىق مەسىلىلىرى يورۇتۇلغان. توپلامدا چەتئەللىك ئالىملاردىن، مەسىلەن، رۇسىيەلىك ئالېكساندىر ۋە دىمىترىي ۋاسىليېفلارنىڭ «ئۇيغۇر تىلىنى لاتىنلاشتۇرۇش تارىخى بويىچە يېڭى ھۆججەتلەر»، ئۆزبېكىستانلىق ئابلەھەت خوجايېفنىڭ «ئۇيغۇر ئېتنونىمىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا يېڭىچە قاراش»، ئابدۇخالىق ئايتبايېفنىڭ «مەھمۇد قەشقىرى ئەسەرىدىكى ‹تابغاچ› ئاتالغانلار ھەققىدە»، ئامېرىكادىن نەبىجان تۇرسۇننىڭ «كومىنتېرن ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 1920-1930-يىللاردىكى مىللىي-ئازادلىق ھەرىكىتى ھەققىدە»، ئەسەت سۇلايماننىڭ «ئۇيغۇرىستان غايىسىنىڭ قۇربانى ئابدۇرەھىم ئەيسا ۋە ئۇنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى قالدۇرۇپ كەتكەن سوئاللار» ناملىق ماقالىلىرى ئورۇن ئالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرشۇناسلىق مەسىلىلىرىگە بېغىشلانغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئەنئەنىسى ئەينى ۋاقىتلاردا سوۋېت تۈركولوگىيە ئالىملىرى تەرىپىدىن قېلىپلاشقان بولۇپ، بۇ يۆنىلىشتىكى كۆپلىگەن تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن. «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەت كامالوف ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى تەتقىق قىلىشنىڭ بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدا كەڭ قانات يايغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «سوۋېت ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ مەركىزى قازاقىستان پايتەختى ئالمۇتا شەھىرىدە بولدى. بۇ يەردىكى پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمى بىر پۈتۈن ئىلمىي-تەتقىقات ئىنستىتۇتى مەۋجۇت بولغان دەۋردە، يەنى 1986-1996-يىللاردا ئىشلىگەن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ۋاقتىدا ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتتى دېسەك بولىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلىغاندىن كېيىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمى ھالسىزلىنىشقا باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا قازاقىستان مەملىكىتى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ راۋاجلىنىشىغا مەنپەئەتدار بولمىدى، يەنە كېلىپ ئۇ خىتاينىڭ قاتتىق تەسىرى ئاستىغا چۈشۈپ قالدى.»

ئابلەھەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى مەركىزىنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ياۋروپاغا كۆچكەنلىكىگە كۆپ ۋاقىت بولغان ئىكەن.

«يا ئامېرىكا، يا ياۋروپادا ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىدىغان مەخسۇس بىر چوڭ بۆلۈم بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلارنىڭ چوڭ بىر توپى پەيدا بولدى. ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدىكى ئاساسىي ئىشلار ئەنە شۇلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرشۇناسلىق مەسىلىلىرى شىمالىي ئامېرىكادا ئورۇنلاشقان مەركىزىي ئاسىيانى تەتقىق قىلىش بويىچە جەمئىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ ھەر يىللىق مەخسۇس ئولتۇرۇشلىرىدا مۇھاكىمە قىلىنىپ تۇرىدۇ. مەركىزىي ئاسىيانى تەتقىق قىلىش بويىچە ياۋروپا جەمئىيىتىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە بۆلۈملەر توختىماي ئىشلەۋاتىدۇ.»

ئىگىلىنىشىچە، ئەينى ۋاقىتلاردا قازاقىستاندا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى مەركەزلەشكەن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى كۆپچىلىكنى ئويلاندۇرماقتىكەن. سۇلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەركىبىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى قانداق؟

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تىلشۇناسلىق بويىچە كاندىدات-دوكتور ھامىنەم مەسىموۋا خانىم مۇنداق دېدى: «ئون يىل ھۆكۈم سۈرگەن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا جەمئىي سەكسەنگە يېقىن ئادەم ئىشلەيتتى. ئۇنىڭدا تىلشۇناسلىق، ئەدەبىيات ۋە سەنئەت، مەنبەشۇناسلىق، ئېتنو-ئىجتىمائىي مەسىلىلەر بۆلۈمى قاتارلىق يەتتە بۆلۈم مەۋجۇت بولغان ئىدى. ئىنستىتۇت 1996-يىلى يېپىلىپ، ئۇ مەركەز سۈپىتىدە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تەركىبىدە مۇشۇ كۈنگىچە ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. ھازىر مەركەزدە بارى-يوقى بەش ئادەم قالسىمۇ، ئۇلار ھەر خىل لايىھەلەردە ئىشلەۋاتىدۇ. بىر پۈتۈن ئۇيغۇرشۇناسلىق بويىچە لايىھە يوق. كېلەچەكتە يەنە ئىلمىي لايىھەلەرنى تەييارلاپ، يۇقىرىغا تەۋسىيە قىلىش نىيىتىمىز بار.»

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بىرىنچى نۆۋەتلىك ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 1979-يىلى قازاقىستان پايتەختى ئالمۇتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىكەن. ئۇنىڭغا تىلشۇناس غوجائەخمەت سەدۋاقاسوف، تۇغلۇقجان تالىپوف، شېرىپئاخۇن باراتوف، تارىخچى مالىك كېبىروف، داۋۇت ئىسىيېف، گېگىل ئىسھاقوف، ئەدەبىياتشۇناس ۋە فولكلورشۇناس ساۋۇت موللاۋۇدوف، باتۇر ئەرشىدىنوف، ماھىنۇر ئەلىيېۋا قاتارلىق ئاتاقلىق ئالىملار قاتناشقان ئىكەن.