شىۋىتسارىيەدىكى جەنۋە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىككى كۈن داۋام قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق خەلقئارالىق ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 10-نويابىر كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقان.
مەزكۇر مۇھاكىمە يېغىنىنى ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى، جەنۋە ئۇنىۋېرسىتېتى، بېريۇسسېل ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، فىرانسىيە دۆلەتلىك شەرق تىللىرى ۋە مەدەنىيەتلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى (INALCO) قاتارلىق 4 ئىلمىي ئورۇن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ھەرقايسىي ئەللەردىن تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر مۇستەملىكىچىلىك ۋە ئۇيغۇر تارىخى تېمىسىغا بېغىشلانغان ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكە سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى، بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى قىلىنغان. يىغىندا «مۇستەملىكىچىلىك ۋە ئۇيغۇر، خىتاي تارىخىنىڭ يېزىلىشى»، «مۇستەملىكە شەرقىي تۈركىستاندىكى جەمئىيەتلەر ۋە ئورگانلار»، «يېڭى چېگرادىكى ئىقتىسادىي مەۋجۇتلۇق» ۋە «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ كىملىكى» قاتارلىق تۆت تېمىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان.
مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىدا قاتناشقان ھەر ساھەدىكى تەتقىقاتچىلار ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، نەق مەيداندا ۋە توردا قاتناشقۇچىلارنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.
مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى راين سام ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇرلار قانداق قىلىپ ‹ئاز سانلىق مىللەت› بولۇپ قالدى؟» ناملىق تەتقىقات ماقالىسىنى ئىنتايىن باي تارىخىي مەنبەلەر ۋە پاكىتىلار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.
ئۇ بۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا ۋە خەلقئارادا قانداق بولۇپ «ئاز سانلىق مىللەت» دەپ ئاتىلىپ قىلىشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە ئەتراپلىق چۈشەنچە بەرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ھەر قېتىم ئۇيغۇرلار ‹ئاز سانلىق مىللەت› دېگەن سۆزنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا ھەيران قالىمەن. چۈنكى مېنىڭ تەتقىقات دائىرەم بولغان شىنجاڭدا، يەنى تارىم ئويمانلىقىدا ئۇيغۇرلار ھەرگىزمۇ ئاز سانلىق ئەمەس. بۇ رايوندا يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايلارنى يەرلەشتۈرۈش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە، خىتاي نوپۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتتا ئۇچرىشىدىغان ۋە بىللە ياشايدىغان ئاساسلىق كىشىلىرى ئۆز مىللىتىدىن بولغان ئىنسانلار ئىدى. ئەلۋەتتە، خىتاينىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئۇيغۇرلار خىتايدا ئاز سانلىق ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئۇلار ‹ئاز سانلىق مىللەت› ئەمەس. يەنە كېلىپ، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ھاياتى بويىچە كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسدا چوڭ بولغان. شۇڭلاشقا نېمىشقا ئۇيغۇرلار دائىم ‹ئاز سانلىق مىللەت› دەپ تىلغا ئېلىنىدۇ؟ خىتاي ئېچىدىلا ئەمەس، بەلكى خىتاينڭ سىرتىدىمۇ، ھەتتا مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ئۇيغۇرلارنى ‹ئاز سانلىق مىللەت› دەپ ئاتايدىغانلار بار.»

بۇ يىغىندا ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى بويىچە خەلقئارادا تونۇلغان تەتقىقاتچىلارنىڭ مۇھىم تېمىلاردىكى ماقالىلىرى كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان. ئامېرىكا جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى جەيمىس مىلۋاردنىڭ «خىتاي تارىخىدىكى ئىمپېرىيە ۋە مۇستەملىكىچىلىك ھەققىدە كېڭىيىۋاتقان مېتودلار: ئۇيغۇر رايونى ئەھۋالى» ناملىق ماقالىسى، كارلېتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئەدىب خالىدنىڭ «خىتاي ۋە رۇسىيە ئارىسىدىكى شەرقىي تۈركىستان، 1864-1949» ناملىق ماقالىسى، جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى ئېرىك شلۇسېلنىڭ «ئەسىر ھالقىش مەزگىلىدىكى تارىم ئويمانلىقىدا بازارلار، سودىگەرلەر ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەر» ناملىق ماقالىسى شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
دوكتور ئېرىك شلۇسېل ماقالىسىدە مۇنۇ نۇقتىلارنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن: «كاپىتالىزىمنىڭ مۇستەملىكىچىلىكتىكى رولى نېمە؟ بىز مۇستەملىكىچلىك ۋە ئىمپىرىيالىزم ھەققىدە توختالغىنىمىزدا، مۇنۇ ئۈچ ئامىلنى چۈشىنىشىمىز زۆرۈر: سودىگەرلار، ئارمىيە ۋە دىن تارقاتقۇچىلار. مېنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ماقالەمدە چىڭ سۇلالىسىنڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرىدىكى شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاستا-ئاستا مۇستەملىكە جەمئىيىتىگە ئايلىنىۋاتقانلىقى ۋە بۇ خىل مۇستەملىكە ئاسارىتىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ ماڭغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دەسلەپكى مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى ئارمىيە تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولسا، كېيىنكى مۇستەملىكىچىلىك تەبىئىيلا سودىگەرلەر تەرىپىدىن داۋاملاشتۇرۇلغان.»
ئىككى كۈن داۋاملاشقان بۇ مۇھاكىمە يىغىنى ناھايىتى مول مەزمۇندىكى تىمىلاردا ئېلىپ بېرىلغان مۇھاكىمە ۋە مۇلاھىزىلەر بىلەن قىزغىن ئېلىپ بىرىلغان.
بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان تەتقىقاتچىلار بىردەك، ئۇيغۇر مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغاندا خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىكى ۋە رايوندىكى مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ ھەمىشە نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ كەلگەنلىكى، ھالبۇكى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكچىلىك تارىخىنى بىلىشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرىنى چۈشىنىشتە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكەن.