مۇھاجىرەتتە تۇغۇلغان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئۇيغۇرلۇقنى ھېس قىلىپ، ئۇيغۇر كىملىكىدىن پەخىرلىنىدىغان بولۇپ چوڭ بولۇشى، ھەر بىر ئۇيغۇر ئاتا-ئانىنىڭ ۋەتىنىگە باغلانغان ئارزۇلىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر، ئەلۋەتتە. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مۇھاجىرەتتىكى ئاتا-ئانىلار ئىمكانىيەتىنىڭ يېتىشىچە پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر بالىلار بىلەن بىللە پائالىيەت قىلىدىغان مۇھىت يارىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
مەلۇم بولغىنىدەك، يازلىق تەتىل مەزگىلى، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ قېنىپ ئوينىۋېلىشى ئۈچۈن ئائىلە پىلانى تۈزىدىغان ياكى ئۇلارغا تېخىمۇ رەڭدار بولغان ئائىلە تەربىيەسى مۇھىتىنى يارىتىپ بېرىدىغان بىر پۇرسەتتۇر. ھالبۇكى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر بالىلار ئۈچۈن يازلىق تەتىللەر ۋە باشقا دەم ئېلىش كۈنلىرىنى بىر ئاز پەرقلىق دېيىشكە بولىدۇ. ئىگىلىشىمىزچە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۇيغۇر بالىلار تۈركىيەدىكى «UyghurSTEM» نامىدىكى مەكتەپنىڭ تور يۈزىدە ۋە يۈز تۇرانە ئۆتۈلىدىغان دەرسلىرىگە قاتنىشىپ، روبوت ۋە پروگرامما تىلى ئۆگەنمەكتىكەن. بۇ پروگراممىغا قاتناشقان بالىلارنىڭ قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلاردا، ئۇيغۇرلار بالىلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىنى ئۆز ئانا تىلىدا بىمالال ئۆگىنىۋاتقانلىقىدىن، تور يۈزىدە بولسىمۇ ئۇيغۇر بالىلارنىڭ بىللە ئوقۇيدىغان مەكتىپى بولغانلىقىدىن ناھايىتى سۆيۈنگەنلىكىنى ئىپادىلەشكەن.

ئىستانبۇلدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان 9 ياشلىق ئابدۇللاھ پاكزات ئاشۇلارنىڭ بىرى، ئۇ ھەتتا بۇ يىل پىرگرامما تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ بالىلارغا Python ئۆگەتكەن. ئۇ تەتىل كۈنلىرىنى ناھايىتى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، كۈندۈزلىرى «قۇرئان» دەرسىنى پىششىقلىسا، ئاخشاملىرى توردا ئۆتۈلىدىغان پروگرامما تىلى ۋە ئىنگىلىزچە دەرسلەرگە قاتنىشىدىكەن.
«UyghurSTEM» گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرغۇچىسى مەمتىمىن نۇرىدىن مۇئەللىمنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تەبىئىي پەن، تېخنىكا قىزغىنلىقىنى قوزغاش، ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا روبوت ۋە ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەقسىتىدە 2019-يىلى قۇرۇلغان ئىكەن. بۇ گۇرۇپپا قۇرۇلغاندىن بۇيان تور يۈزى ۋە يۈز تۇرانە شەكىلدە كومپيۇتېر، روبوت، پروگرامما تىللىرى، ماتېماتىكا، فىزىكا ۋە باشقا تەبىئىي پەنلەر بويىچە دەرس ئۆتۈلگەن. دەرسلەر پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، كومپيۇتېر پروگرامما تىللىرى ۋە روبوت دەرسلىرى بويىچە تەربىيەلەنگەن ئوقۇغۇچىنىڭ سانى 600 دىن ئاشقان. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس داۋامىدا يازغان كودلىرىنىڭ ئومۇمىي قۇر سانى بىر مىليون 485 مىڭ قۇر (بۇ قۇرلار بۆلەك ئاساسىدىكى پروگرامما تىللىرى ۋە چ تىلى كودلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان) بولۇپ، روبوت دەرسلىرىدە ئوقۇغۇچىلار ئىشلەتكەن مىس سىملارنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 145 مىڭ سانتىمېتىردىن ئاشقان.
كانادادا چوڭ بولغان 12 ياشلىق ئابزەر ئابدۇغوپۇر بۇ تەتىلدە «UyghurSTEM» نىڭ دەرسلىرىگە قاتنىشىپ، نۇرغۇن قىزىقارلىق نەرسىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىنى، ۋە نۇرغۇن ئۇيغۇر بالىلار بىلەن دوستلاشقانلىقىنى زوق-شوق بىلەن سۆزلەپ بەردى.
مەمتىمىن مۇئەللىمنىڭ ئېيتىشىچە، دەرس ئۆتۈلۈشكە باشلىغاندىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كومپيۇتېرغا بويى يەتمەيدىغان، چىشلىرى ئەمدى چۈشۈپ چىقىۋاتقان كىچىك بالىلاردىن تارتىپ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغىچە، بالىسىنى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرۇپ دەرسكە قاتناشقان ئاپىلاردىن تارتىپ، خىلى چوڭ ياشلىق كىشىلەرگىچە بۇ پروگراممىغا قاتناشقان.
ئۇلار يەنە ئىستانبۇلدىكى تۈرك مەكتەپلىرى ۋە يەرلىك پۇقراۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىلتىماسىغا بىنائەن 50 ئەتراپىدا تۈرك ئوقۇغۇچىنى كومپيۇتېر پروگرامما تىللىرى ۋە روبوت بىلىملىرى بويىچە بىر قانچە ئاي ھەقسىز تەربىيەلەپ بەرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جەمئىيەت ۋە دۆلەتنىڭ يۈكسىلىشىگە تۆھپە قوشىدىغان تايانچ كۈچ بولالايدىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان.
بۇ يىللىق يازلىق تەتىللىك پروگرامما بويىچە تور ئارقىلىق ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر بۈگۈن، يەنى 2-ئاۋغۇست ئاخىرلاشقان. 4-ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن ئىستانبۇلغا كېلەلىگەن ئوقۇغۇچىلارغا يۈز تۇرانە دەرس باشلىنىدىكەن.
«UyghurSTEM» نىڭ بۇ يىل يازلىق تەتىللىك پروگراممىسىغا قاتنىشىۋاتقان 9 ياشلىق زەھرا رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، بۇ تەتىلدە تور ئارقىلىق نۇرغۇن دوستلىرى بىلەن بىللە ناھايىتى قىزىقارلىق نەرسىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 6-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە ئەتىگەندە ئۈچ سائەت ماتېماتىكا، كەچتە ئۈچ سائەت پروگرامما دەرسىگە، 7-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ ھەر كۈنى كەچتە ئۈچ سائەت پروگرامما تىلى دەرسىگە قاتناشقان. بۈگۈن، يەنى 8-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ ئۇ ھەر كۈنى 4 سائەت پروگرامما تىلى ۋە روبوت ئەمەلىي مەشىق دەرسىگە قاتنىشىدىكەن.

بالىلار دەرس تۈگىگەندىن كېيىن ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان بىر تېما ھەققىدە سۆزلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرى تەييارلىغان سۇنۇم(PowerPoint) دىكى خەتلەرنى ئۇيغۇرچە يېزىشقا، چۈشەندۈرگەندە ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە ئەھمىيەت بەرگەن.
تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە تۇغۇلغان 8 ياشلىق ئەنسارۇللاھ فەرۇقنىڭ ئائىلىسى ئۇنى «UyghurSTEM» نىڭ يۈز تۇرانە دەرسىگە قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلگەن. ئەنسارۇللاھ رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ مۇشۇ «UyghurSTEM» نىڭ دەرسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن 5 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ ساقلاۋاتقانلىقنى ئېيتتى. ئەنسارۇللاھنىڭ ئانىسى مۇخلىسە خانىم بالىسىنىڭ ئەجدادلىرىغا لايىق بىر «ئۇيغۇر» قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
پىروگراممىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئابدۇللاھ پاكزاتنىڭ دادىسى ئابدۇكېرىم پاكزات ۋە ئانىسى شاتگۈل پاكزات ئوغلىنى يېتەكلەش جەريانىدا ھېس قىلغان تەجرىبىلىرىنى بايان قىلىپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ قىزىقىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلدى.
«STEM» - تەبىئىي پەن، تېخنولوگىيە، ئىنژېنېرلىق ۋە ماتېماتىكا ئاتالغۇلىرىنىڭ ئىنگلىزچىدىكى قىسقارتىلمىسى بولۇپ، «UyghurSTEM» گۇرۇپپىسى «كىچىك ئىشلار ئارقىلىق چوڭ ئۆزگىرىشنى روياپقا چىقىرىش»، يەنى كىچىك ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق زەنجىرسىمان بىر ئۆزگىرىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى ئۆزىنىڭ شوئارى قىلغان.
«UyghurSTEM» گۇرۇپپىسىنىڭ رەسمىي تور بېتىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ تارماق پروجېكت تۈرلىرىدىن «UyghurSTEM بوشلۇق تەتقىقات مەركىزى»، «UyghurSTEM كود ئىجادىيىتى»، «UyghurSTEM روبوت ئىجادىيىتى»، «UyghurSTEM تەبىئىي پەن»، «، «UyghurSTEM 3د «سۈنئىي ئەقىل تەجرىبىخانىسى»، «UyghurSTEM ئېكرانى» قاتارلىقلار بار ئىكەن. ئۇلار بۇ تۈرلەر ئارقىلىق تەبىئىي پەنلەر، كومپيۇتېر پروگرامما بىلىملىرى ھەققىدە بالىلارنى ئاساس قىلغان، چوڭلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دەرس ھەم پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن بىلىم، تېخنىكا ئۆگىنىدىغان ۋە ئورتاقلىشىدىغان بىر سەھنە بولۇشنى مەقسەت قىلغان.