«UyghurSTEM» مەكتىپىنىڭ غۇنچىلىرى بىخ سۈرۈشكە باشلىدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىنى مەركەز قىلغان «UyghurSTEM» نامىدىكى مەكتەپ ئۇيغۇر بالىلارغا تور يۈزىدە ۋە يۈزتۇرانە ئۆتۈلىدىغان روبوت ۋە پىروگرامما تىلى دەرسلىرى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى تونۇشلۇق. ئالدىنقى قېتىملىق پىروگراممىمىزدا مەزكۇر مەكتەپتە 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە يازلىق تەتىل بويىچە پىروگرامما تىللىرى ۋە روبوت دەرسى ئۆتۈلگەنلىكىنى ئاڭلاتقانىدۇق.

«UyghurSTEM» مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى پىروگرامما تىلى ئۆگەنمەكتە، 2023-يىلى ئاۋغۇست، ئىستانبۇل
«UyghurSTEM» مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى پىروگرامما تىلى ئۆگەنمەكتە، 2023-يىلى ئاۋغۇست، ئىستانبۇل (UyghurSTEM)

«UyghurSTEM» مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دەرس پىروگراممىلىرىغا ئاساسەن سۈنئىي ئەقىل (AI) ، كۈچەيتىلگەن رېئاللىق (AR) تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ، ھەر تۈرلۈك ئويۇنلارنى ياسىغان. ھەر خىل تېمىلاردا ئىلمىي تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغان. بالىلارنىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان قىزىقىشىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، 2019-يىلى UyghurSTEM قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھەر يىلى تېخنىكا فېستىۋالى ئۆتكۈزۈپ كەلگەن بولۇپ، يېقىندا ئۇلار «2023-يىللىق UyghurSTEM تېخنىكا فېستىۋالى» نى ئۆتكۈزگەن.

«UyghurSTEM» گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرغۇچىسى مەمتىمىن نۇرىدىن مۇئەللىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر فېستىۋال ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى.

ئىبراھىم، ھەمزە ئاكا-ئۇكىلار ئايروپىلان ياساۋاتقان كۆرۈنۈش، 2023-يىلى، ئىستانبۇل
ئىبراھىم، ھەمزە ئاكا-ئۇكىلار ئايروپىلان ياساۋاتقان كۆرۈنۈش، 2023-يىلى، ئىستانبۇل (UyghurSTEM)

فېستىۋالغا قاتناشقان ماھىرلار ئالەم بىلىملىرى، خاككېرلىك ھەققىدىكى مەلۇماتلاردىن تارتىپ، «كىرپىنى قانداق باقىمىز» ، دېگەنگە ئوخشاش ھەر تۈرلۈك قىزىقارلىق تېمىلار ھەققىدە ئەتراپلىق لېكسىيە بەرگەن. ئۇلار ئۆزلىرى تەييارلىغان سۇنۇم (PowerPoint) دىكى خەتلەرنى ئۇيغۇرچە يېزىشقا، چۈشەندۈرگەندە ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە ئەھمىيەت بەرگەن. بالىلارنىڭ بىر قانچىسى ئايروپىلان ھەققىدە لېكسىيە تەييارلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىبراھىم، ھەمزە ئاكا-ئۇكىلار ئۆزلىرى ياسىغان ئايروپىلاننى تونۇشتۇرغان.

«UyghurSTEM» مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى روبوت ياسىماقتا، 2023-يىلى ئاۋغۇست، ئىستانبۇل
«UyghurSTEM» مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى روبوت ياسىماقتا، 2023-يىلى ئاۋغۇست، ئىستانبۇل (UyghurSTEM)

مەزكۇر فېستىۋالغا ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) نىڭ ئىنژېنېرى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى قاتناشقان بولۇپ، ئۇ بالىلارنىڭ بەرگەن لېكسىيەلىرىگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرگەن.

ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ شارائىت يارىتىپ بېرىلسىلا ئاجايىپ قالتىس ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقنى بىلدۈردى.

فېستىۋالغا ئەنگلىيەدىن تور ئارقىلىق قاتناشقان ئالتە ياشلىق فەرۇق يۈسۈپ كىرپە ھەققىدە لېكسىيەسىنى راۋان ئۇيغۇر تىلىدا قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلەپ بەرگەندە، پۈتۈن تاماشىبىنلار ئاپىرىن ئېيتىشىپ كەتكەن.

فەرۇق يۈسۈپ رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە تېسلاغا ئوخشاش يۇقىرى تېخنىكىلىق قاتناش قوراللىرىنى ئىجاد قىلىش ئارزۇسى بارلىقىنى چۈچۈك تىللىرى بىلەن ئاڭلاتتى.

«UyghurSTEM» مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى روبوت ياسىماقتا، 2023-يىلى ئاۋغۇست، ئىستانبۇل

پائالىيەتكە تاماشىبىن سۈپىتىدە قاتناشقان ئامىنە سەدەف خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ نەق مەيداندا ھېس قىلغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

«UyghurSTEM» گۇرۇپپىسىنىڭ رەسمىي تور بېتىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەزكۇر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تەبىئىي پەن، تېخنىكا قىزغىنلىقىنى قوزغاش، ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا روبوت ۋە ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەقسىتىدە 2019-يىلى قۇرۇلغان. قۇرۇلغاندىن بۇيان تور يۈزى ۋە يۈزتۇرانە شەكىلدە كومپيۇتېر، روبوت، پىروگرامما تىللىرى، ماتېماتىكا، فىزىكا ۋە باشقا تەبىئىي پەنلەر بويىچە دەرس ئۆتۈلگەن. دەرسلەر پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، كومپيۇتېر پىروگرامما تىللىرى ۋە روبوت دەرسلىرى بويىچە تەربىيەلەنگەن ئوقۇغۇچىنىڭ سانى 600 دىن ئاشقان.