ئۇيغۇرلار قەدىمدىن بۇيان ئاساسلىق باش كىيىم بولغان دوپپىنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ساقلاپ ۋە داۋاملاشتۇرپ، ئۇنى ئۇيغۇر كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ گۈلتاجى قىلىپ كەلگەن.
ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشلىغاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىگە باغلىق بولغان بارلىق مەدەنىيەت ئامىللىرى، ئەنئەنىۋىي ھۈنەر-كەسپلەر، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر دوپپىچىلىقى ئېغىر خىرىسقا دۇچ كېلىشكە باشلىدى. بۇ ھال ئۇيغۇر ھۈنەرۋەن-كاسىپلىرى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى كۈچلۈك ئەندىشىگە سالماقتا.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دوپپىرىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قارىتا يوقىتىش خاراكتېرلىق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇر دوپپىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سىموۋوللۇق تۈسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان مىللىي بويۇمغا ئايلانماقتا.
بۇ يىللىق روزا ھېيتتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ئەللەردە تۈرلۈك شەكىللەردە ھېيتلىق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇردى. روزا ھېيت توغرىلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان سىن كۆرۈنۈشلىرى ۋە فوتو سۈرەتلەردە، ھەرقايسىي ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رەڭگارەڭ ۋە ئوخشىمىغان نۇسخىلاردىكى چىرايلىق بادام دوپپا، چىمەن دوپپا ۋە باشقا دوپپىلارنى كىيگەنلىكى، ھەتتا شەرقىي تۈركستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۈك بايرىقى ۋە دۆلەت گىربى كەشتىلەنگەن يېڭىچە نۇسخىدىكى دوپپىلارنىمۇ كىيگەنلىكىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بۇ ئەرەنچە دوپپىلار، چىمەن ۋە بادام دوپپا شەكلىدە بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاسمان كۆكى رەڭگىدىكى دۇخاۋا ياكى مەخمەل تەگلىك قىلىنغان؛ ئاق يىپەك يىپتا ئاي ۋە يۇلتۇز ياكى ئالتۇنرەڭ زەر يىپتا دۆلەت گىربى قاپارتىپ كەشتىلەنگەن؛ گىرۋىكىدىكى گۈللىرىمۇ ئاق يىپەك يىپتا چېكىلگەن، جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلگەن.
بۇ يېڭى نۇسخىلاردىكى ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تىكىلىش تېخنىكىسى ۋە قۇرۇلمىسىدىن ئۇلارنىڭ كەسپىي ئۇستىلارنىڭ قولىدىن چىققانلىقى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. ھازىرقى پەۋقۇلئاددە شارائىتتا بۇ دوپپىلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلىنىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئۇنداقتا، بۇ دوپپىلار كىملەر تەرىپىدىن ئىشلىنىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىستېمالىغا سۇنۇلدى؟
بىز بۇ ھەقتە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ۋە ھەرقايسىي دۆلەتلەردىن ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق، بۇ يېڭى نۇسخادىكى دوپپىلارنىڭ ئىستانبۇلدىكى «مۇھەممەت دوپپىچى» دېگەن خوتەنلىك ئۇستامغا خاس مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدۇق. مۇھەممەت دوپپىچى ئۇستام بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى.

بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى يۇرتى خوتەندىن سودا قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان مۇھەممەت ئۇبۇلھەسەن، خۇددى مۇھاجىرەتتىكى باشقا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھېچقانداق ئىز-دېرىكىنى ئالالمايۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇر خەلقى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ، ھەممە نەرسىسى يوق قىلىنىشقا دۇچ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئۆزىنىڭ ھۆنىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان دوپپىچىلىقنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇشقا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن بەل باغلىغان ئىكەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ دوپپا تىكىشكە كىرىشكىلى 3 يىلدىن ئاشقان ئىكەن. ئۇ بۇ جەرياندا ئۆزىگە دوپپىلارغا خىتايدا ئىشلەنگەن ماتېرىياللارنى ئىشلەتمەسلىك، سۈپەتكە قاتتىق كاپالەتلىك قىلىش تەلىپىنى قويۇپ كەلگەن. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي دوپپا نۇسخىلىرىن پايدىلىنىپ، ئۇنى ئۇيغۇرلارغا خاس ئۇسلۇبتا ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېھتىياجىغا ماس ھالدا بازارغا سېلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.
مۇھەممەت ئۇبۇلھەسەن ئۇستام، ئۇيغۇر دوپپىچىلىقىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن مونوپۇل قىلىنىپ، زاۋۇتلاردا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقانلىقى، خىتاي ئۆلكىلىرىدە سۈپەتسىز ئىشلىنىۋاتقان دوپپىلارنىڭ ساياھەت خاتىرە بويۇمى سۈپىتىدە تۆكمە قىلىنىپ، خىتاي ئىستېمالچىلىرىنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئەھۋالغا قاتتىق ئېچىنغان مۇھەممەت ئۇبۇلھەسەن ئۇستام، ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان قىزىل ئاكتىپ قۇربان نىيازغا ئوخشاش سىياسىي پۇرسەتپەرەسلەرنىڭ ئۇيغۇر دوپپىلىرىغا خىتايچە خەت ياكى خىتايچە نەقىشلەرنى كەشتىلەشنى تەشەببۇس قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

20 يىل ئىلگىرىلا ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدا خىتاي تىلى باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇپ، خىتاينىڭ ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزىشىدىكى داڭلىق قىزىل ئاكتىپقا ئايلانغان قۇربان نىياز، بۇ نۆۋەت بېيجىڭدا ئېچىلغان «ئىككى يىغىن» دا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ھەتتا «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» نى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي باش كىيىمى بولغان دوپپىلاردىمۇ ئەكس-ئەتتۈرۈش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققان. قۇربان نىيازنىڭ بۇ ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنى يەنىمۇ خىتايلاشتۇرۇشنىڭ جارچىسىغا ئايلانغانلىق مەلۇم بولغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر دوپپىلىرىدىمۇ خىتاي مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتەك ئاشقۇن تەشەببۇسى، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرىغا سەۋەب بولغانىدى.
بۇ جىددىي ئەھۋاللارنى ئويلاشقان ئىستانبۇلدىكى مۇھەممەت ئوبۇلھەسەن ئۇستام، ئۇيغۇر دوپپىلىرىغا ۋە دوپپىچىلىق كەسپىگە ئىگە چىقىشقا بەل باغلىغان. ئۇ، ئۇيغۇر كىملىكىنى، ئۇيغۇر روھىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى ئىپادىلەيدىغان يېڭىچە ئۇيغۇر دوپپا نۇسخىلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. بۇ يېڭى دوپپا نۇسخىلىرىغا «بايراق دوپپا»، «دۆلەت دوپپا» دېگەن ئىسىملارنى قويغان.
ئۇنىڭ دىيىشىچە، 23-ئاپرىل ئىستانبۇلدا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ھېيتلىشىش پائالىيىتىگە قاتناشقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇغا تەقدىم قىلىنغان چىمەن دوپپىنى ئۇ ئىككى كېچە كۈندۈز ئىشلەپ پۈتتۈرگەنىكەن.
مۇھەممەت ئوبۇلھەسەن، زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن دوپپا ياساش ھۈنىرىنى، يەنى دوپپىچىلىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئۇنى ئەۋلادلارغا ئۆگىتىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ، ئەگەر بۇ ھۈنەرنى ئۆگىنىش ئارزۇسىدىكىلەر بار بولسا، ئۆزىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىغا ئۆگىتىشنى شەرەپ دەپ بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.