«ئۇيغۇر يار فوندى» ۋە پىداكارلارنىڭ پائالىيەتلىرى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى تەبەسسۇمگە چۆمدۈرمەكتە

0:00 / 0:00

كورۇنا ۋىرۇسى ۋاباسى تۈپەيلى مەكتەپلەردە ئۇزۇندىن بۇيان يۈز تۇرانە دەرس ئۆتۈش مۇمكىن بولماي كەلمەكتە. ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان يېڭى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئوقۇ-ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرى تور ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلماقتا.

خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرى تۈپەيلى پارچىلانغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ئەسلىدىنلا ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى مەلۇم بولۇپ، ۋابا تۈپەيلى ئىغىرلاشقان ئىشسىزلىق ۋە ئىقتىسادىي كىرىزىس سەۋەبلىك ئەسلىدىكى ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىۋاتقانلىقى كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ تۈركىيەگە يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

تور ئارقىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىقتىسادىي يۈكى ئېغىر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنىتلىرىنىڭ ئوقۇش ئىشلىرىنىڭ توسالغۇغا ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ «مەھبۇس روھلار» كىتابىنىڭ نەشىر قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن «ئۇيغۇر يار فوندى» ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولغان ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئېلېكترونلۇق تابلىت تەمىنلەپ بېرىش پائالىيىتىنى تەشكىللىگەن بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەت نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكتە.

مەزكۇر پائالىيەتنى تەشكىللەشتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان تىجارەتچى ئامىنە ۋاھىت خانىم بەزى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدىكى پەرزەنتلەرنىڭ تور ئارقىلىق ئوقۇش شارائىتىنىڭ تولۇق بولماسلىق ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

«ئۇيغۇر يار فوندى» نىڭ مەزكۇر پائالىيەتكە مەسئۇل خادىمى باتۇر قارىخانلى ئەپەندى پائالىيەتنىڭ جەريانى ۋە مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇر پروجېكتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، ئابدۇۋەلى ئايۇپ يازغان ‹مەھبۇس روھلار› ناملىق كىتابنىڭ نەشر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ‹تابلىت ھەدىيە قىلىش› پائالىيىتىنى باشلىدۇق.

ئەركىن سىدىق ئەپەندىمنىڭ قوللىشى، قېرىنداشلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاۋاز قوشۇشى بىلەن ھازىرغىچە 21 دانە تابلىت سېتىۋېلىنىپ، ‹ئۇيغۇريار› غا مۇراجىئەت قىلغان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئادرېسىغا زاكاز قىلىندى. ھازىرغىچە 14 دانە تابلىت پەرزەنتلىرىمىزنىڭ قولىغا تەگدى. قالغانلىرى ئالدىمىزدىكى بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە تېگىدۇ.

بۇ پائالىيەت باشلانغاندىن كېيىن ئەركىن سىدىق ئەپەندىم فېيسبۇكتا 5000 دوللار ئىئانە يىغىش پائالىيىتى باشلىغانىدى. ئىككى كۈن ئىچىدە بۇ نىشانغا يەتتى. تېخىمۇ كۆپ پەرزەنتىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىئانە نىشانى 8000 دوللارغا يۈكسەلدۈرگەنىدى، بۇ نىشانغىمۇ يېتەي دەپ قالدى. قېرىندىشلىرىمىزنىڭ قوللىشى ناھايىتى ياخشى بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مائارىپقا نەقەدەر ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ».

«ئۇيغۇر يار فوندى» نىڭ مەزكۇر پائالىيىتىدىن مەنپەئەتلەنگەن ھەبىبە تۇرغان خانىم پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ۋە قوللىغان كىشىلەرگە رەھمىتىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: «بەزى بىر قىسىم ئائىلىلەردە ئۈچتىن تۆتتىن بالىلار بولغانلىقى ئۈچۈن بىر تېلېفونغا بىر نەچچە بالا قاراشقا توغرا كېلەتتى. مېنىڭمۇ ئۈچ بالام توردىن دەرسكە قارايتتى. بىرسى قارىسا يەنە بىرسى قارىيالمايتتى. ھەدىيەگە ئېرىشكەن سەبىيلەرنى ئىنتايىن خۇشال بولدى دەپ ئويلايمەن».

تور ئارقىلىق ئوقۇتۇش مۇھىتىدا پەرزەنتلەرگە تولۇق شارائىت يارىتىپ بېرىش مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى مائارىپ خىزمىتىدە ھەل قىلىش زۆرۈر مەسىلىلەرنىڭ بىرسى دەپ قارالماقتا. مەزكۇر پائالىيەتنىڭ كېڭىيىشى ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىشى ۋە ئەمەلىي ياردەمدە بولۇشىنىڭ زۆرۈرلىكى تەكىتلىنىۋاتقان بولۇپ، باتۇر قارىخانلى ئەپەندىم بۇ ھەقتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلىرىمىزدىن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ مائارىپ ئىشىغا ئەھمىيەت بېرىشىنى، بۇ ئېغىر كۈنلەردە ئۇلارغا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەممىمىزگە مەلۇم، مائارىپتا مەغلۇپ بولغان مىللەت قەد كۆتۈرۈشى ئوڭاي ئەمەس. مائارىپ بىلەن يۈزىمىز يورۇق بولىدۇ.»

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، پەرزەنتلەرگە نۆۋەتتىكى مائارىپ ئەندىزىسىگە ئۇيغۇن شارائىت يارىتىپ بېرىش ئۇلارنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم باسقۇچ ھېسابلىنىدىكەن.