8-ماي كۈنى باشلانغان ئىككى كۈنلۈك «مىللىي مەپكۇرە ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى» 9-ماي كۈنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. مىللىي مەپكۇرە ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ھەر يىلى تەشكىللىنىپ كېلىنىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر كۇرس مىللىي داۋا سېپىدىكى ياشلارنى سىياسىي جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەشكىللەپ كېلىۋاتقان مىللىي مەپكۇرە كۇرسلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
مەزكۇر كۇرسقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئالىمجان ئىنايەت، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى قاتارلىق كىشىلەر قاتناشقان ۋە دەرس بەرگەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل تەربىيەلەش كۇرسلىرىنىڭ كۆپلەپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۇيغۇر داۋا سېپى ئىچىدىكى ياشلارنىڭ تەربىيەلىنىشى ۋە سىياسىي تەجرىبە جۇغلىشى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى سىياسىي جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە تايانچ كۈچ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە تەشكىللىگەن مىللىي مەپكۇرە كۇرسلىرى ئۇيغۇر ياشلىرى تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئىلىشقا ئېرىشمەكتە. ئۇيغۇر رەھبەرلەر ۋە زىيالىيلار مەزكۇر كۇرسلار ئارقىلىق ياشلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى، تەشكىلاتلارنىڭ رولى، تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى، ھەر خىل سىياسىي ۋە تارىخىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى تەجرىبىلەر ئۈستىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بەرمەكتە.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ھەر تەرەپلىمە تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈشنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى، مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاشتا بۇ خىل كۇرسلارنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مىللىي مەپكۇرە ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشقان ھىدايەت مۇساجان ئەپەندىم مەزكۇر تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ ياشلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنى داۋاملاشتۇرۇش يولىدىكى سىياسىي تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۆتكەن ئىككى يىلدا سەككىز قېتىم ئوخشىمىغان ساھەلەردىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، 97 نەپەر ئۇيغۇر ياش ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق»، «تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات»، «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» قاتارلىق مەزمۇنلاردا تەربىيەلەش كۇرسى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ۋەزىيىتى كۈندىن كۈنگە جىددىيلىشىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە ئۇيغۇر ياشلىرىدىن سىياسىي رەھبەر ۋە پائالىيەتچىلەرنى يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىمەكتە.