ئادۋوكات جېففىرىي نايس «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى

0:00 / 0:00

بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېففىرىي نايس باشچىلىقىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇم ئۈستىدە مۇستەقىل بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مەخسۇس «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» قۇرۇلغان ئىدى. مەزكۇر سوت كوللېگىيەسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەكشۈرۈپ، توپلانغان دەلىل-ئىسپاتلار ئاساسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قانۇنىي ئېنىقلىمىسىغا ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى بەلگىلەيدىكەن.

ئادوۋكات جېففىرىي نايس ئىلگىرى سابىق يۇگۇسلاۋىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن كېيىنچە سابىق سېربىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى بولغان سلوبودان مىلوشېۋىچنى بالقان ئۇرۇشىدا پەيدا قىلغان پاجىئەلىرى سەۋەبلىك خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىشىدا يېتەكچىلىك رول ئوينىغان سابىق سوتچى بولۇپ، ئۇ شۇندىن بېرى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك مەسىلىلىرى ۋە شۇنداقلا ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلىنىۋاتقان جىنايەتلەر مەسىلىسىدە مۇتەخەسسىلەشكەن كىشى ئىدى. بۇ سەۋەبلىك بۇ ساھەدىكى كىشىلەر ئۇنى «جىففىرىي نايس ئەپەندى زۇلۇمنى بىر قاراپلا بايقايدۇ» دەپمۇ تەرىپلەيدىكەن. ئۇ يەنە روھىنگا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، شىمالىي كورىيەدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى ۋە خىتايدىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىش جىنايىتىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جېففىرىي نايس ئەپەندىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرى ئۈستىدىن خەلقئارا قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تەكلىپ قىلغان ئىدى. 18-سېنتەبىر كۈنى ئۇلار يەنە بىر نەق مەيدان سوئال-جاۋاب يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق قىزىققۇچىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىنى جاۋابلىدى. تور ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا «ئۇيغۇر كوللېگىيەسى» تەشكىللىگۈچىسى ئادوۋكات جېففىرىي نايس ۋە نىكولاس ۋەچ ئەپەندىلەر قاتناشتى.

جېففىرىي نايس ئەپەندى سۆزىدە ئالدى بىلەن بۇ سوت كوللېگىيەسى تەركىبىدىكى ئادەملەرنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەردىن تەركىب تاپىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پۈتۈنلەي مۇستەقىل ۋە تەرەپسىزلىكىنى ۋە شۇنداق بولۇشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ: «بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ياقىلىغۇچى پائالىيەتچى ئەمەس، بىز كەڭ كۆلەمدە پاكىتلارنى يىغىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقىنى جىنايەت ھېسابلىنامدۇ-يوق، ئەگەر جىنايەت ھېسابلانسا، ئۇ قانداق بىر جىنايەتكە كىرىدۇ، دېگەننى تەكشۈرۈپ بېكىتىمىز،» دېدى.

ئۇ مەزكۇر سوت كوللېگىيەسى قارارلىرىنىڭ مۇستەقىل ۋە تەرەپسىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ھەقسىز خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇ: «بۇ يەردىكى مەقسەت پەقەت بىزگە سورالغان سوئال ھەققىدە تامامەن مۇستەقىل بىر يەكۈن چىقىرىش ۋە ئۇنى دۆلەتلەر، شەخسلەر، خۇسۇسىي شېركەتلەر، مائارىپ قۇرۇلۇشلىرى قاتارلىقلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇشتۇر،» دېدى.

ئادوۋكات جېففىرىي نايس سۆزىدە بۇ سوت كوللېگىيەسىدە بىرىنچىدىن، زۇلۇمغا ئائىت كۆپلەپ دەلىل-ئىسپات يىغىش؛ ئىككىنچىدىن، سوت ھەيئىتىدىكىلەرنىڭ تەرەپسىزلىكىدىن ئىبارەت ئىككى ئامىلنىڭ ئىنتايىن ھالقىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن ئۇلار ئاڭلىغۇچىلاردىن كەلگەن سوئاللار ئاساسىدا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ھەققىدە يەنىمۇ كۆپ چۈشەنچە بەردى.

ئاڭلىغۇچىلار بۇ سوت كوللېگىيەسىنىڭ دەلىل-ئىسپاتلارنى قانداق يىغىدىغانلىقىنى سورىدى. بۇنىڭغا جاۋابەن نايس ئەپەندى ھازىرغىچە ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا نۇرغۇن ئورگانلاردىن كەڭ كۆلەمدە دەلىل-ئىسپاتلارنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن يەنە لازىم ئىسپاتلارنى داۋاملىق يىغىدىغانلىقىنى، بەلكىم ھۆكۈمەتلەرنىمۇ ئۆزلىرىدە بار بولغان دەلىللەرنى تەمىنلىشىنى سورايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە كوللېگىيەدە خىزمەت قىلىدىغان زاستاتېللار ھەيئىتى ۋە سوت ھەيئىتىدىكىلەرنىڭ بەلگىلىك پرىنسىپلار ئاساسىدا ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللىنىپ چىقىلىدىغانلىقىنى ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىدىن تامامەن مۇستەقىل، تەرەپسىز كىشىلەر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ يەنە بىر تەشكىللىگۈچىسى نىكولاس ۋىچمۇ ئۆزىنىڭ سۆزىدە ئۆزلىرىنىڭ بۇ يىغىنغا پەقەت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ سوت كوللېگىيەسى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىش ئۈچۈن كەلگەنلىكى، شۇڭا ھېچقانداق يوسۇندا قۇرۇلتايغا ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاڭلىغۇچىلاردىن بىرى ئۇلاردىن «بۇ سوت كوللېگىيەسىدىن چىقىرىلغان قارارنى ھۆكۈمەتلەر ئېتىراپ قىلامدۇ؟» دەپ سورىدى. ئادوۋكات جېففىرىي بۇنىڭغا «بەلكىم قىلىشى ۋە بەلكىم قىلماسلىقى مۇمكىن. بىراق بىزنىڭ ھازىرغىچە بولغان ئىش تەجرىبىلىمىز بويىچە قارايدىغان بولساق، ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەردىكى سىياسىيونلار، پارلامېنت ئەزالىرى بىز چىقارغان يەكۈنلەرنى ئىشلەتكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى قاتارلىقلار بىزنىڭ مۇشۇنداق مەسىلىلەردىكى يەكۈنىمىزنى قوبۇل قىلغان ۋە ئىشلەتكەن مىساللار بار. بىراق بىز يۇقىرىرىقىلار ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› نىڭ قارارىنىمۇ قوبۇل قىلىدۇ، دەپ ئالدىن ۋەدە بېرەلمەيمىز،» دەپ چۈشەنچە بەردى. ئۇ يەنە سۆزىدە ئەسكەرتىپ: «خىتاي بىلەن ئۆز-ئارا سودا، مائارىپ ۋە ساياھەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە قۇرۇلۇشلار بۇ سوت يەكۈنىدىن كېيىن ئەخلاقىي ۋە ۋىجدانىي جەھەتتىن ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن ئالاقىسى ئۈستىدە ئويلىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ،» دېدى.

نىكولاس ۋەچ ئەپەندى بۇنىڭغا قىستۇرما قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر سوتتىن چىققان ھۆكۈم ئەتراپلىق ۋە قايىل قىلارلىق بولغان تەقدىردە ئۇ چوقۇم ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەڭ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بىخەتەرلىك كۆزىتىش كامېرالىرى، سەھىيە ئەسلىھەلىرى دېگەندەكلەرنى خىتايغا خالىغانچە سېتىپ بېرىشكە قايتىدىن قاراپ چىقىشقا مەجبۇرلايدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەر بىزنىڭ يەكۈنىمىز ئاساسىدا ئۆز ئالدىغا جىنايەتتە رول ئالغان شەخسلەرنى جازالاش قارارلىرى ئالالايدۇ. قىسقىسى، كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلار ۋە تەرەپسىز سوت ئاساسىدا چىقىرىلغان بۇ يەكۈن كۈچلۈك نوپۇزغا ئىگە بولىدۇ ۋە ئۇ تارىخقا يېزىلىدۇ.»

ئاڭلىغۇچىلار يەنە ھازىر «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ئۈچۈن ئىئانە يىغىش ھەرىكىتى بولۇۋاتقانلىقى، ئەگەر سوتچىلار ھەقسىز ئىشلىسە، بۇ پۇلنىڭ نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى سورىدى.

بۇنىڭغا ۋەچ ئەپەندى جاۋاب بېرىپ، سوت ھەيئىتىدىكىلەر ھەقسىز ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ بۇ كوللېگىيەدىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ياللىنىدىغان 7 نەپەر تەتقىقاتچىغا ھەق بېرىلىدىغانلىقىنى، سوت ئېچىلىدىغان مەيدان كىرالايدىغانلىقى، سوت جەريانىنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن كامېرا قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالىدىغانلىقى، سوت ھەيئىتىدىكىلەر ھەقسىز ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ، بۇ كىشىلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىپ لوندوندا ئېچىلىدىغان سوتقا قاتنىشىدىغان بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئايروپىلان بېلىتى، مېھمانخانىسى قاتارلىق چىقىملىرىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى، قىسقىسى، ناھايىتى ئۇزۇن مۇددەتكە سوزۇلىدىغان بۇ سوت جەريانى ئۈچۈن بەلگىلىك مىقداردا مەبلەغ كېتىدىغانلىقىنى ئىزاھلاپ ئۆتتى.

ئۇلار بىر يېرىم سائەت داۋام قىلغان سوئال-جاۋاب يىغىنى ئاخىرىدا بۇ سوت كوللېگىيەسىنىڭ تەرەپسىز ھالدا ھېچقايسى دۆلەت ياكى ھۆكۈمەتنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالماي تۇرۇپ، بارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا ۋە ئەڭ ئاز چىقىم بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ ئادىل بىر ھۆكۈمنى چىقىرىش ئۈچۈن ناھايىتى ئالدىراش خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» پات ئارىدا ئىشەنچلىك ۋە بىخەتەر بولغان بىر تور بەتنى ئىشقا كىرىشتۈرىدىغان بولۇپ، شۇ تور بەت ئارقىلىق ھەرقانداق ئۇچۇر ۋە دەلىللەرنى ئەۋەتىشكە، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ھەققىدىكى تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشكە بولىدىكەن. ئەگەر ئالاھىدە ئۆزگىرىش بولمىسا كېلەر يىلى ئىككى نەپەر گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى لوندوندا ئېچىلىدىغان گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا ئاڭلاپ ئۆتۈلىدىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى قاتارلىق يانداش ئورگانلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت خەۋپسزلىك كېڭشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇشى ۋە سىياسىي، ئىقتىسادىي كۈچىنى ئىشقا سېلىشىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىدە يېتەرلىك دەرىجىدە تەدبىر قوللانماسلىق بىلەن كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى. مانا مۇشۇنداق بىر پەيتتە تۇنجى قېتىم مۇستەقىل ۋە تەرەپسىز ھالدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» كۈچلۈك دىققەتكە ئېرىشمەكتە.