كېرىيەدە ئوغلىغا دىنىي تەلىم بەرگەن دىنىي زات 10 يىللىق، تەلىم ئالغان ئوغلى 6 يىللىق كېسىلگەن

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرىكى يىللاردا يەر ئاستى دىنىي مەكتەپلەردە ۋە ياكى ئاتالمىش «قانۇنسىز دىنىي زات» لارنىڭ قولىدا تەلىم ئېلىشنى «قانۇنسىز دىنىي تەربىيە» دەپ بەلگىلەپ، كۆپ ساندا كىشىلەرنى جازالاپ كەلگەن ئىدى. ئاشكارىلىنىشىچە، لاگېرلار قۇرۇلغان يېقىنقى بەش يىلدا، ئاتا-ئانىسى ياكى بوۋا-مومىسىدىن دىنىي تەلىم ئېلىشمۇ «جىنايەت» سانالغان ۋە زور بىر تۈركۈم كىشىلەر مانا مۇشۇ سەۋەب بىلەن تۈرمىلەرگە تاشلانغان. كېرىيە ناھىيەسىدە ئايرىم-ئايرىم 10 يىل ۋە 6 يىل كېسىۋېتىلگەن ئاتا-بالا مەمەت مۇسا بىلەن ئوسمان مەمەتنىڭ دېلوسى دەل مۇشۇ بۋەزىيەتنىڭ بىر مىسالىدۇر.

بۇ يىل ئاشكارىلانغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى توققۇزاققا دائىر ساقچى ئارخىپلىرىدا ئاتا-ئانىسى ياكى بوۋا-مومىسىدىن دىنىي تەلىم ئېلىشمۇ، تۇتقۇنلارنىڭ مۇھىم بىر تۇتۇلۇش سەۋەبى قاتارىدا كۆپ قېتىم كۆزگە چېلىقىدۇ. ئاشكارىلنىشىچە، بۇ يالغۇز توققۇزاقتىكىلا ئەھۋال بولماستىن، 2017-يىلدىن كېيىنكى چوڭ تۇتقۇندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ئوخشاش ھالدا يۈز بەرگەن. كېرىيەلىك بىر مۇھاجىرنىڭ رادىيومزىغا ئىنكاس قىلىشىچە، يۇرتى كېرىيەنىڭ لەنگەر يېزا لەنگەرساي كەنتدىكى 50 نەچچە ياشلىق دىنىي زات مەمەت مۇسا، 20 نەچچە ياشلىق ئوغلى ئوسمان مەمەتكە بالا ۋاقتىدا بەرگەن دىنىي تەلىمى سەۋەبلىك، ئاتا-بالا ئىككەيلەن تەڭلا كېسىۋېتىلگەن.

بىز بۇ ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن كېرىيە ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار خادىملار سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

ئىنكاستا ئەسكەرتىلىشىچە، دىنىي زات مەمەت مۇسا جامائەتچىلىك ئىچىدە ئېھتىياتچانلىقى بىلەن تونۇلغان بىر كىشى بولۇپ، ئۇ تەقىپ نىسبەتەن بوش يىللاردىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ نىكاھ خېتىنى كۆرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا نىكاھ ئوقۇشنى رەت قىلىپ كەلگەن؛ تەبلىغلىرىدە دائىرىلەر سىزىپ بەرگەن سىزىقتىن پەقەت چىقمىغان. يىراق-يېقىندىن قۇرئان ساۋادىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئۆگىنىش تەلەپلىرى كەلگەندە، ئۆزىنىڭ تەلىم-تەربىيە مېتودىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ كۆرسىتىپ، بالا ئوقۇتۇشتىنمۇ ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن. ئەمما ئۆزىنىڭ پەرزەنتى ئوسمان مەمەتكە بالا ۋاقتىدىن باشلاپ قۇرئان ساۋادى بەرگەن ۋە دىننىڭ ئاساسىي تەلىماتلىرىنى ئۆگەتكەن؛ ئۇ بۇ تەربىيەنى بىر دىنىي زات سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئاتىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىش نىيىتىدە ئېلىپ بارغان.

دىنىي زات مەمەت مۇسانىڭ بۇ ئىشى 2017‏-يىلىغا كەلگەندە، «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئاتا-بالا ھەر ئىككىسى تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 2018‏-يىلى كېسىۋېتىلگەن.

بىز يەنە كېرىيە ناھىيە لەنگەر يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچى خادىملىرىمۇ مەزكۇر ئاتا-بالىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

كېرىيەلىك مۇھاجىرنىڭ ئىنكاسىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئوسمان مەمەتنىڭ مەھەللىدىكى بىرقانچە قېتىملىق ئۆلۈم پەتىسىدە قىرائەت قىلىشى، 2017-يىلىدىكى تۇتقۇندا ئۇنىڭ ساقچىخانىغا چاقىرتىلىشقا سەۋەب بولغان. سوراق جەريانىدا ئۇ خەتمە-قىرائەت قىلىشنى بالا ۋاقتىدا دادىسىدىن ئۈگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ، بۇنى دېگەن ۋاقتىدا قوغدىنىش مەقسىتىدە، يەنى ھۆكۈمەت ئەندىشە قىلىدىغان كىشىلەردىن ئۆگەنمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈشكە تىرىشقان، ئەمما بۇنىڭ ئۆزىمۇ «قانۇنسىزلىق» دەپ قارىلىپ كېسىۋېتىلگەن.

ئىنكاستا خاتىرىلىنىشىچە، مەزكۇر ئاتا-بالىنىڭ ئولتۇرۇشلۇق ئورنى كېرىيەنىڭ لەنگەر يېزا لەنگەرساي كەنتىدىن بولۇپ، بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مەزكۇر كەنت ساقچىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار خادىم، مەزكۇر كەنتتىن تۇتۇلغان دىنىي زاتلاردىن بىرى مەمەت مۇسا دېگەن كىشى ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئوسمان مەمەت بىلەن بىرلىكتە كېسىۋېتىلگەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئىنكاستىكى ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى.

دەلىللىنىشىچە، دىنىي زات مەمەت مۇسا 10 يىللىق، ئوغلى ئوسمان مەمەت 6 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.