قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان تونۇلغان قىرغىزىستانلىق جەز مۇزىكىسى سەنئەتكارى ۋىكرام روزاخۇنوف قويۇپ بېرىلىپ قىرغىزىستان كونسۇلىنىڭ ماشىنىسىدا بىشكەككە ئېلىپ كېلىنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى 2022-يىلىنى قاتتىق نارازىلىق ھەرىكىتى بىلەن باشلىغان. 2-يانۋار كۈنى قازاقىستاننىڭ غەربىدىكى جانائوزېن شەھىرىدە باشلانغان مەملىكەت خاراكتېرلىك نارازىلىق ھەرىكىتى توقۇنۇشقا ئايلاندى. ئەڭ زوراۋان توقۇنۇشلار ئالمۇتا شەھىرىدە يۈز بەرگەن، ھەتتا «كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى» تەشكىلاتى شەھەرگە قوشۇن كىرگۈزدى. قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى قاسىم جومارت توقايېف خەلققە قىلغان سۆزىدە، مەملىكەتكە سىرتتىن كەلگەن تېررورچىلار ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
9-يانۋار كۈنى قازاقىستاندىكى «خابار 24» تېلېۋىزىيە قانىلى بىر قىرغىزىستانلىق يىگىتنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن پۇل ئالغانلىقىنى ئىقرار قىلغان بىر سىن تارقاتتى. مەزكۇر سىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، بولۇپمۇ سەنئەتكارلار ئارىسىدا غەزەپلىنىش دولقۇنىنى قوزغىدى. سەۋەبى سىندىكى يىگىت تونۇلغان سەنئەتكار ۋىكرام روزاخۇنوف ئىدى. شۇ كۈنىلا چۈشتىن كېيىن قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا سەنئەتكارلار «ۋىكرامغا ئەركىنلىك»، «سىياسىي سۇيىقەستلەرگە يول يوق» قاتارلىق شوئارلارنى توۋلاپ نارازىلىق نامايىشى ئۇيۇشتۇرۇشنى. نامايىشقا 40 تىن ئوشۇق تونۇلغان سەنئەتكار قاتناشتى. ئاتاقلىق ناخشىچى ئىرىسكەلدى ئوسمونقۇلوف ئېلتر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ۋىكرامنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەش پۈتۈنلەي بىمەنە دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ۋىكرام روزاخۇنوفنىڭ پۇل ئېلىپ نارازىلىق ھەرىكەتلەرگە قاتناشقانلىقىغا بىز قەتئىي ئىشەنمەيمىز. بۇ پۈتۈنلەي بىمەنە. ۋىكرام روزاخۇنوف بىزنىڭ سەنئەتكارىمىز، ئۇ ناھايىتى ياخشى ئادەم».
مەزكۇر نامايىشقا قاتناشقان تونۇلغان ناخشىچى ئىرىنا رۇسكايا ئاشۇ تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ۋىكرامنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېگەن: «سىندىكى يىگىت ۋىكرام ئىكەنلىكىنى بىز ھەممىمىز بىردىنلا جەزملەشتۈرىمىز. ئۇ داڭلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان پىئانو چالغۇچىسى، بىز ھەممىمىز ئۇنىڭ بىلەن ئىشلىگەن. بىز ئۆزىمىزنىڭ قاتتىق نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز ھەم ئۆزىمىزنىڭ پرېزىدېنتىمىزغا ھەم قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە مۇراجىئەت قىلىمىز، ۋىكرامنى دەرھال قويۇپ بەرسۇن. ۋىكرامنىڭ ناھايىتى ئېغىر يارىلانغانلىقىنى سىندىن كۆرۈۋاتىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز».
دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى قامچىبېك تاشىيېف دۆلەت تېلېۋىزىيە قاناللىرى مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە «ۋىكرام روزاخۇنوف تېررورىست بولۇشى مۇمكىن ئەمەس» دەپ تەكىتلىگەن.
ئاخىرى قازاقىستان ھۆكۈمىتى ۋىكرامنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. 10-يانۋار كۈنى كەچتە ۋىكرام روزاخۇنوف «ئاق جول» چېگرا پونكىتىدىن ئۆتۈپ بىشكەككە ئېلىپ كېلىندى. ئىگىلىنىشىچە ئۇ قىرغىزىستاننىڭ ئالمۇتادا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ ماشىنىسىدا ئېلىپ كېلىندى. ۋىكرام روزاخۇنوف غەزەپ قوزغىغان سىندا ساقتا بايانات بەرگەنلىكى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىگە ئۆز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
گەرچە ۋىكرام روزاخۇنوف ئۆيىگە بالدۇرراق قايتىش ئۈچۈن سىندىكى ساختا باياناتىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتسىمۇ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇنىڭ ساختا ئىقرارى قازاقىستان ھەربىي خادىملىرى ۋە ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن قىلدۇرۇلغانلىقى ئاكتىپ مۇزاكىرە قىلىنماقتا.
قىرغىزىستان ۋە ئورتا ئاسىيادا داڭلىق ناخشىچى شۆھرەت ياقۇبوف، رادىيو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئەڭ مۇھىمى ۋىكرامنىڭ ئۆيگە قايتىپ كېلىشى دەپ تەكىتلەپ، شۇنداقلا بۇ ۋەقە قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىغا ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ۋىكرام روزاخۇنوف 1986-يىلى بىشكەك شەھىرىدە بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلگەن. ئانىسى كۆپ يىل جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسىدا دوختۇر بولۇپ خىزمەت كۆرسەتكەن، ئاكىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ باشچىسى. ۋىكرام كىچىكىدىنلا ناخشا-سازغا ئالاھىدە ھېرسمەن بولۇپ، كېيىن بىشكەكتىكى مۇراتالى كۇرېنكېيېف نامىدىكى مۇزىكا مەكتىپىنى تاماملىغان. بۈگۈنكى كۈنلەردە ۋىكرام قىرغىزىستاندىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى سەنئەتكەرلار بىلەن بىرلىكتە سەھنىدە ئويۇن قويىدۇ. ئۇ پەقەت قىرغىزىستاندىلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن قازاقىستاندىكى سەنئەتكارلار ئارىسىدىمۇ داڭ چىقارغان. ئۇ داڭلىق جەز مۇزىكانتى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆپلىگەن خەلقئارا مۇسابىقىلارغا قاتناشقان. «سېنترال ئاسىئا ئارت مەنەجمېنت» فوندىنىڭ ئەزاسى، «ئارتتېك مېدىئا گرۇپ» ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىلى، شۇنداقلا خەلقئارا «جەز بىشكەك سپرىڭ» فېستىۋالىنىڭ ۋەكىلىدۇر.