ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە قۇل ئىشچى قاتارىدا سېتىلىۋاتقانلىقى ۋە خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تەقىبلەشنى قوللىغانلىقى ئاشكارىلانغان مۇھىم دوكلاتلارنىڭ باش يازغۇچىسى بولغان ياش تەتقىقاتچى ۋە ژورنالىست ۋىكى شۈ (شۈ شۇيجۇڭ)، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاپ دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىققانلىقى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان.
ۋىكى شۈگە قارىتىلغان ھۇجۇملار ئاساسەن ئۇنىڭ شەخسىيىتىگە قارىتىلغان بولۇپ، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىغان سىياسىي پائالىيەتچىلەرگە قارىتا خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان جىمىقتۇرۇش تاكتىكىسى ھىسابلىنىدۇ.
ۋىكى شۈ خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ۋە ئالىي مەكتەپ مەزگىللىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تاللىنىپ خىتاي دۆلەت تاراتقۇسى ئۈچۈن تەربىيەلەنگەن ئىكەن. كېيىنچە ئاۋىستىرالىيە مېلبۇرن ئۇنىۋېرسىتېتىدا سىياسەت ئىلمى كەسپىدە ئوقۇش، ئېرۇسالىم خاررى س ترۇمان تەتقىقات ئورنى (Harry S. Truman Research Institute)دا «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىروگراممىسى تەتقىقاتىغا قاتنىشىش ۋە «نيۇ-يورك ۋاقىت ۋاقتى» گېزىتىدە مۇخبىر بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا ئۆگەنگەنلىرى ئۇنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشىنى تامامەن ئۆزگەرگەن. يەنى ۋىكى شۈ خىتاي ھۆكۈمىتى قوللىغان خىتاي دۆلەت تاراتقۇسى مۇخبىرىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىۋاستە ھۇجۇم قىلىدىغان سىياسىي تەتقىقاتچىغا ئايلانغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنشتىن ۋىكى شۈ خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.