ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «خىتاي مۇنبىرى» نىڭ 6-دېكابىر ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىلىرىدىكى نۇپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەر نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش: مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى ۋە سودا مەجبۇرىيىتى» ناملىق بۇ يىغىندا، مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋىتى، خىتاينىڭ سەرمايە ۋە مەبلەغ پائالىيىتى قاتارلىق ئامىللارنى ئەتراپلىق ئانالىز قىلىپ، ئامېرىكانىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى چەكلەشتە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا تېخىمۇ كونكىرېت چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئېلىشنى، تېخىمۇ كۈچلۈك قانۇنلارنى چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى.
بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى چەكلەشتە يېتەرلىك ئىجرا قىلىنمىغان.
بۇ يىغىن ئامېرىكا بۇ يىل 6-ئايدىن باشلاپ ئيغۇر ئېلىغا چېتىشلىق بارلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلىگەن، لېكىن شۇنداقتىمۇ خىتاي «ئۇيغۇرلارنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدا مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ساھەلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان ھەم كېڭەيتكەن، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ داۋاملىق ئامېرىكا بازىرىغا كىرىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشتا يولغا قويۇلغان تەدبىرلەر، بۇنىڭ ئامېرىكا-خىتاي تەمىنلەش زەنجىرىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى، بۇ قانۇن ئۇيغۇر ئېلىغا چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى ئۈنۈملۈك چەكلىيەلىدىمۇ ياكى خىتاي كارخانىلىرى بۇ چەكلەشتىن ھالقىپ ئۆتۈۋاتامدۇ، دېگەن مەسىلىلەرگە بولغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ رەئىسى ئاندرېۋ برېمبېرگ يىغىنىىڭ ئېچىلىشدا قىلغان سۆزىدە، ئۆتكەن بىر يىل مابەينىدە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ھادىسىلەرگە شاھىت بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئاندرېۋ برېمبېرگ مۇنداق دېدى: «بىز دۆلەت مەجلىسىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى›نى ماقۇللىشىنى كۆردۇق. بىز بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىشىنى قوللاپلا قالماي، بەلكى بۆسۈش خاراكتېرلىك ماتېرىياللارنى ئېلان قىلدۇق. جۈملىدىن ‹شىنجاڭ ھۆججەتلىرى›نى ئېلان قىلدۇق. 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشنى قوللىدۇق. ئەڭ مۇھىمى ۋە كەڭ دىققەت قوزغىغىنى ‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى›نىڭ ئېلان قىلىنىشى بولدى.»
ئاندرېۋ برېمبېرگنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىغىن ئۇلارنىڭ خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان خرىسنى توغرا چۈشىنىشى ۋە ئۇنىڭغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىكەن. ئاندرېۋ برېمبېرگ: «بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر يىغىلىش. بۇ بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئۇلارنىڭ تەجىربىسى ئارقىلىق باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ، بۈگۈن بىز دۇچ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ يىتۈك خىرىسنى توغرا چۈشىنىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ» دېدى.
ئىككى كۈنلۈك بۇ يىغىننىڭ بۈگۈنكى پروگراممىسىدا مەزكۇر فوندىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دېرىكتورى، ئالىي تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز ئېچىلىش سۆزى قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئامېرىكا ئىستىخبارات ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى دانىيال توبىن، جېينس مۇداپىيە-ئىستىخبارات گۇرۇھىنىڭ ئالىي ئانالىزچىسى كلەير چۇ، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق ياردەمچى مىنىستىرى نازاك نىكاختار، ئامېرىكا تاشقىي سىياسەت كېڭىشىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايكېل سوبىلىك قاتارلىقلار دوكلات بەردى.
ئامېرىكانىڭ سابىق ياردەمچى سودا مىنىستىرى نازاك نىكاختار خانىمنىڭ بۇ يىغىندا ئېيتىشىچە، ئامېرىكا «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى مۇۋاپىق ئىجرا قىلمايۋاتماقتا ئىكەن.
نازاك نىكاختار مۇنداق دەيدۇ: «ئەمەلىيتتە بىز ‹ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى›نى مۇۋاپىق ئىجرا قىلمايۋاتىمىز. بىز مەھسۇلاتلارنىڭ داۋاملىق ئامېرىكاغا ئېقىپ كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز. شىنجاڭ خىتايدىكى ناھايىتى چوڭ رايون. بىز مەجۇرىي ئەمگەكنىڭ پۈتۈن خىتايغا تارقالغانلىقىنى بىلىمىز. بىز مىلىچ مال دۇكانلىرىدا شىنجاڭدىن كەلگەن مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىۋاتقانلىقى، پاختا ۋە سىلىكون مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز. بىز بۇ مەسىلىدە تېىخىمۇ جىددىىي بولۇشىمىز كېرەك.» نازاك نىكاختار، ئامېرىكا تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە بايقاشتا قولىدىكى ئىمكانىيەتلەردىن يېتەرلىك پايدىلانمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
نازاك نىكاختار مۇنداق دېدى: «سىز يەنە ئىستاتىستىكىلىق ئانالىز قورالىنى ئىشلىتىپ، مەھسۇلات ماتېرياللىرىنىڭ قانداقلىقى، شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان شىنجاڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەھسۇلاتلار بىلەن بولغان ئوخشاشلىق دەرىجىسىنى سېلىتۇرالايسىز. تاموژنا بۇنى تامامەن قىلالايدۇ، شىركەتلەرمۇ قىلالايدۇ. بەزى شىركەتلەر بۇنىڭغا جىددىي قاراپ، شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. بەزى مەسئۇلىيەتچان شىركەتلەر تەمىنلەش زەنجىرىدىن چېكىنىپ چىقتى. نۇرغۇن شىركەتلەر بۇنى قىلىۋاتىدۇ. تاموژنا دائىرىلىرى شۇنداق قىلىشقا قادىر بولسىمۇ، لېكىن بىز بۇ قەدەملەرنى باسمىدۇق.»
نازاك نىكاختار ئامېرىكا تاموژنا دائىرىلىرىنى ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا ئىدارىسى يېقىندا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بۇ يىل 6-ئايدا رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان بېرى، خىتاينىڭ 1053 كۈنتاختا يوللانمىسىنى تۇتۇپ قالغانلىقى، تۇتۇپ قېلىنغان كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتى نەچچە يۈز مىليون دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭ ئالدىدا، يەنى بۇ يىل 9-ئايدا ئامېرىكا تاموژنا ئىدارىسى «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئاساسەن خىتاينىڭ 513 مىليون 300 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى 1700 دەك ئېكسپورت يوللانمىسىنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئامېرىكا تاشقىي سىياسەت كېڭەشىنىڭ ئالى تەتقىقاتچىسى مايكېل سوبولىكنىڭ يىغىندا تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا خىتاينى چەكلەشتە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا ئىمبارگو قويغاندىن سىرت، ئۇيغۇر رايونىغا چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىگە پۇل-مۇئامىلە ئىمبارگوسى قويۇشى كېرەك ئىكەن.
مايكېل سوبولىك مۇنداق دېدى: «قۇللار ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلىتىمىزگە كىرىشىنى چەكلەشتىن سىرت، بىز يەنە باشقا بىر قانچە تەدبىرلەرنى ئىشلىتەلەيمىز. بىرىنچىسى، شىنجاڭ زېمىنىدا سودا مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىدىغان ھەر بىر ئاپپارات ياكى شىركەتنىڭ پۇل ئوبوروت قىلىشىغا ئىمبارگو قولايمىز. بۇنىڭ بىز قىلالايدىغان يەنە بىر يولى نۇرغۇن كىشىلەرگە مەلۇم بولغان IEP ئىمبارگوسى. ئىككىنچىسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك قانۇنىنىڭ 311-ماددىسىنى ئىشلىتىش، يەنى شىنجاڭغا قارىتا مالىيە ئىمبارگوسى يۈرگۈزۈشتۇر. بىز ‹11-سېنتەبىر ۋەقەسى›دىن كېين، ئەل-قائىدە ۋە باشقا تېرورلۇق گۇرۇھلارغا يۈرگۈزگەندەك، بۇ ئارقىلىق كونكىرېت ئاپپارات، شىركەت ياكى بانكا سىستېمىسىنى نىشانغا ئالىمىز.»
مايكېل سوبولىك يەنە ئامېرىكا خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق چىرىكلىكنى تارقىتىۋاتقان خىتاي شىركەت مەسئۇللىرىغا جازا يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
مايكېل سوبولىك مۇنداق دىدى: «ئىككىنچى، بۇ يەردە ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، شۇ ئارقىلىق چىرىكلىكنى ئاشكارا تارقىتىۋاتقان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر بار. ئۇلارنىڭ بۇنداق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى، بۇ رايونلاردىكى ئامېرىكا شىركەتلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا قانۇنى چەكلىگەن قانۇنىي جەھەتتىنمۇ ئۇلار بىلەن رىقابەت قىلالمايدۇ. بۇ بىزگە ‹يەر شارى ماگنىتىسكى قانۇنى›دىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ماددىلىرىنى ئىشقا سېلىش پۇرسىتى بېرىدۇ.»
«كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش: مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى ۋە سودا مەجبۇرىيىتى» ناملىق يىغىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى چەكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئىزچىل ئامېرىكا بازىرىغا كىرىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن. ئامېرىكا مالىيە سودا مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، خىتاي كۈنتاختا شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى ۋېيتنام، كامودژا، تايلاند، مالايسىيا ئارقىلىق ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىپ، ئامېرىكا تاموژناسىدىن ئاتلاپ ئۆتۈۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن.