كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازاقىستاندا بۇ قېتىملىق نورۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش چەكلەندى

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، قازاقىستاندىكى تۈركىي خەلقلەر بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇرلارمۇ قازاق خەلقى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن بۇيان ھەر يىلى نورۇز بايرىمىنى شاد-خۇراملىقتا ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقانىدى.

ئەمما يېقىندا پۈتكۈل قازاقىستاندا كورونا ۋىرۇسى مۇناسىۋىتى بىلەن پەۋقۇلئاددە ھالەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئەلدە ھەر قانداق ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى توختىتىش توغرىلىق ھۆكۈمەت بۇيرۇقى ئېلان قىلىندى.

«قازتاگ» ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم-جومارت توقايېف بۇ يىلى قازاقىستان پايتەختى نۇر-سۇلتان شەھىرىدە نورۇز بايرىمى ھەمدە سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىنىڭ 75 يىللىقىغا بېغىشلانغان ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈشنى بىكار قىلىش توغرىلىق پەرمان چىقاردى.

مەزكۇر پەرمانغا بىنائەن قازاقىستاندىكى بارلىق تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭمۇ نورۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى توختاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن بىرى ئەختىرىم ئەخمەتوۋا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، 1991-يىلى قازاقىستان ئۆز مۇستەقىللىقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسى قۇرۇلۇپ، شۇ تەشكىلات دائىرىسىدە قازاقىستاندا ياشاۋاتقان بارلىق مىللەتلەر، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز تىلىنى ساقلاش، مائارىپىنى، مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تەرغىب قىلىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولغان ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنى چاقىرىپ، قازاقىستاندا قازاقلار نورۇزنى قانداق كۈتەتتى، شۇنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، ھەر بىر مىللەت ئۆزۈڭلارنىڭ تاماقلىرىنى كۆرسىتىڭلار دېدى. بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ رەسىم-قائىدىمىزنى كۆرسىتىشكە باشلىدۇق.

ئەختىرىم ئەخمەتوۋا ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي ئەنئەنىلىرىنى، تائاملىرىنى تەرغىب قىلىشقا باشلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدە شەكىللەنگەن نورۇز ئەنئەنىلىرىنىڭ مۇستەقىل قازاقىستاندىمۇ داۋام قىلغانلىقىنى، ئەمما بۇ يىلى كورونا ۋىرۇسى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاقىتلىق توختىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قازاق شائىرى دائۇلېتبېك بايتۇرىسىن ئوغلى نورۇز بايرىمىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىمۇ تۈركىي تىللىق ۋە پارىس تىللىق خەلقلەرگە ئورتاق بايرام ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەنە شۇ خەلقلەرنى بىرلەشتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە بۇ بايرامنى ھەر بىر خەلقنىڭ ئۆز ئەنئەنىلىرىگە ئائىت مەزمۇندا ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ مىللىي تائاملىرىدا خېلى پەرقلەرنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئوتتۇز يىلنىڭ ئىچىدە خىتاي بۇ بايرامغا چەكلىمە قويمىغان. ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ توختاتمىغان ئىكەن. 2017-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا بىزنىڭ دىنىي ۋە مىللىي پائالىيەتلىرىمىزنى خىتاي توختىتىۋەتتى. ئەمدى خىتاينىڭ بۈگۈن نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى دۇنيا كۆرۈۋاتىدۇ.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاق پائالىيەتچىسى بېكزات مەھسۇتقان ئوغلى مۇنداق دېدى: «بىز كورونا ۋىرۇسىنى خىتاي ۋىرۇسى دېگەننى دۇرۇس كۆرىمىز. چۈنكى بۇ تەبىئىي بولغان ۋىرۇس ئەمەس، بەلكى قولدىن ياسالغان ۋىرۇس بولغانلىقتىن خىتاي ۋىرۇسى دەپ ئاتىغاننى دۇرۇس كۆرىمەن. ئەنە شۇ سەۋەبتىن مەملىكىتىمىز رەھبىرى ئەلدە پەۋقۇلئاددە ئەھۋال جاكارلىدى. بىز، ئەلۋەتتە، خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ئويلاپ، بۇ قارارنى توغرا كۆرۈۋاتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن قازاق، ئۇيغۇر، قىرغىز ۋە باشقىمۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ بايرىمى بولغان نورۇزنى بۇ يىلى تويلىيالماي قالغىنىمىز بىز ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، ئېچىنارلىق نەرسە. بۇ قەدىمىدىن كېلىۋاتقان بايرام ئىدى. بۇ تۈركىي خەلقلەر تارىخىنىڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدىغان بىر بايرام. ئەمدى خىتايدىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەر بۇ بايرامنى تويلىيالماي كېلىۋاتىدۇ. 2009-يىلى ۋەقەنى خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاندىن بىزنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئارتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن ئالدى بىلەن ئۇيغۇرنى، ئاندىن قازاق، قىرغىزلارنى قىرىشقا باشلىدى. مۇشۇ بايرام ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ تۇغۇلماقتا. ئۇلارنىڭ تىرىك يا ھايات ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ساق-سالامەت ئىكەنلىكى بىز ئۈچۈن مۇھىم مەسىلە.»

بېكزات مەھسۇتقان ئوغلى خىتاي تۈرمىلىرىدە ئازاب چېكىۋاتقان قازاق، ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ قان-قېرىنداشلىرىنىڭ تېز ئارىدا ئازاد بولۇپ، كېيىنكى نورۇز بايرىمىنى ئۇلار بىلەن بىللە تويلاشقا چوڭ ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئابدۇخالىق مەھمۇدوف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، كورونا ۋىرۇسى بۇ خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن كېلىپ چىققان ھەمدە ھازىر پۈتكۈل دۇنيانى زەھەرلىگەن بىر كېسەل ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «قازاقىستاندا بۇ ئاغرىققا قارشى ھەرىكەت داۋاملىشىۋاتىدۇ. توي-تۆكۈنلەر قالدۇرۇلدى. ئۆلۈم-يېتىملەر كىچىك دائىرىدە ئۇزىتىلىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن نورۇزنى بۇ يىلى خاتىرلىمىدۇق. ئەنە شۇ خىتايدىن تارقالغان ۋىرۇس سەۋەبىدىن»

ئابدۇخالىق مەھمۇدوف قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۈگۈنكى خەلقئارا ۋەزىيەتكە، بولۇپمۇ كورونا ۋىرۇسى ئەھۋالىغا ئاڭلىق رەۋىشتە قارايدىغانلىقىنى، قازاقىستان ھۆكۈمىتى چىقارغان قارارلارنىڭ بارلىقىغا ئەمەل قىلىپ، ئەلنىڭ خاتىرجەملىكىنى تەمىنلەشتە مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستاندا كورونا ۋىرۇسى بىلەن زەھەرلەنگەن 60 ئادەم ئېنىقلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 31 نۇر-سۇلتاندا، 25 ئالمۇتادا، 1 ئالمۇتا ۋىلايىتىدە، 2 قاراغاندا شەھىرىدە ۋە 1 ئاقتۆپە ۋىلايىتىدە ئىكەن. 16-مارتتىن باشلاپ قازاقىستاندا پەۋقۇلئاددە ھالەت ئېلان قىلىنغان.

قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىگە قارايدىغان يېزا-قىشلاقلاردىكى كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسىمۇ مەزكۇر ۋىرۇستىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى كارانتىن قىلىش، يەنى ئۆيلىرىدە ئولتۇرۇش، كوللېكتىپ پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرماسلىق، مەكتەپلەر دەرس توختىتىش قاتارلىق تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللانماقتىكەن، تارىختىن تارتىپ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز پائالىيەتلىرىنى ئۇلار باشقا قازاقىستانلىقلارغا ئوخشاشلا ئۆتكۈزەلمىگەنلىكىدىن ناھايىتى ئەپسۇسلىنىشقان.