فىرانسىيەدىكى ئۆمەر ئابدۇقاھار ئائىلىسى كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ ساقايغان

0:00 / 0:00

بۇنىڭدىن 4 ئاي بۇرۇن خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىنكى 4 ئاي ئىچىدە پۈتۈن دۇنياغا تېزلا يامرىغان كورونا ۋىرۇسىدىن فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژ شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلاردىن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭمۇ يۇقۇملىنىپ ساقايغانلىقى مەلۇم بولدى.

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ غۇلجا شەھىرىدىن پارىژغا كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇ ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن ئۆمەر ئابدۇقاخار ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ ئائىلە بويىچە بۇ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ، ساقايغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆمەر ئابدۇقاخار ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ، 17-مارت كۈنى 10 ياشتىكى قىزىنىڭ كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىنى دەسلەپتە تازا بايقىيالمىغانلىقى، قىزىدىن كېيىنلا ئايالىنىڭمۇ يۆتىلىپ، قىزىتمىسى ئۆرلەپ، نەپىسى قىسىلىشقا باشلىغاندىن كېيىنلا ئۇلارنىڭ كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۆمەر ئابدۇقاھار ئەپەندى ئايالى ئېغىر ئاغرىپ يېتىپ قېلىپ 4-كۈنىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭمۇ قاتتىق يۆتىلىپ يېتىپ قالغانلىقىنى، ئائىلە بويىچە كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىنى، بۈگۈن، يەنى 30-مارتقا كەلگەندە ئۆزلىرىنىڭ ياخشىلىنىپ بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۆمەر ئابدۇقاخار ئەپەندى كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن دەرھال دوختۇرخانىغا تېلېفون ئۇرغانلىقىنى، دوختۇرنىڭ تەۋسىيىسى بويىچە قىزىتمىنى چۈشۈرىدىغان دورا يەپ، ياخشى غىزالىنىش ئارقىلىق ساقايغانلىقىنى ئېيتتى.

فىرانسىيە 14-مارتتىن باشلاپ چېگرالارنى تاقاپ، بۇ دۆلەتكە كىرىپ-چىققۇچىلارنى تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە باشلىدى. فىرانسىيە مەكتەپلەرنى، تۈرلۈك ئىجتىمائىي، مەدەنىي، تەنتەربىيە كۇلۇبلىرىنى بىردەك تاقىدى. 2020-يىلى ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق يىغىنلارنى، تۈرلۈك مۇسابىقىلەرنى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇردى. ئارقىدىن كوچىغا چىقىشنىمۇ چەكلىدى. ھازىر ياۋروپادا ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەدىن قالسا فىرانسىيەدە كورونا ۋىرۇسىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپ بولۇپ، 29-مارت كۈنىگىچە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 2606گە يەتكەن. ئۆمەر ئابدۇقاھار ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

ئۆمەر ئابدۇقاھار ئەپەندى كورونا ۋىرۇسى ئالامەتلىرى ئىچىدە ئۆزىنى ئەڭ قىينىغىنىنىڭ يۆتەل بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە تېلېۋىزىيەلىرىدە خىتايدا پارتلىغان كورونا ۋىرۇسىنى خىتاينىڭ ھازىر «تىزگىنلىگەن» لىكى، ياۋروپا ۋە ئامېرىكادا بولسا تېز كۆپىيىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بېرىپلا قالماي، تۈركىيە خەلقىنىمۇ جىددىي ساراسىمىگە سالغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا. تۈركىيەدە كورونا ۋىرۇسىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 142 كە، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 10827 گە يەتتى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلىۋاتقان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۈركىيە ئېلان قىلغان تەدبىرلەرگە رىئايە قىلمايۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ كۆپ ئىكەن.

كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلانسا نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟ ئەنقەرەدىكى يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي فاكۇلتېتى ئاممىۋى ساغلاملىق كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى دوختۇر نامەتجان مەمەت ئەپەندى دەرھال 184-نومۇرلۇق مەركەزگە تېلېفون قىلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە تېلېۋىزىيەلىرىدە كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلار ئارىسىدا 65 ياشتىن چوڭ بولغانلارنىڭ نىسبىتىنىڭ كۆپلۈكى تەكىتلەنگەچكە كىشىلەر ئارىسىدا قېرىلار ۋە كونا كېسەللەرنىڭ يۇقۇملىنىدىكەن دېگەن خاتا چۈشەنچە پەيدا بولۇپ قالغان. بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن نامەتجان مەمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ھەر قايسى دۆلەتلەردە كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ داۋالىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار بار بولۇپ، ئەمما ئۆلۈم ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن.

ئۇيغۇرلار فىرانسىيەدە ئانچە كۆپ ئەمەس، ئەمما گوللاندىيە، گېرمانىيە، بېلگىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدە كۆپرەكتۇر. ئۇلارنىڭمۇ نۆۋەتتە كۈچلۈك تەدبىر ئېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.