داڭلىق گېرمانىيە ئاپتوموبىل شىركىتى ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقاش پىكىرى گېرمانىيە پۇقرالىرىنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشىپ، ۋولكىسۋاگېن 2013-يىلدىن بېرى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقاش توغرىسىدا تېخىمۇ ئېغىر جامائەت پىكىرىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيەدىكى سىۋېي (Civey) ناملىق نوپۇزلۇق بىر راي سىناش ئورنى ئۇيغۇرلار ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان راي سىناشتا، راي سىناشقا قاتناشقان كۆپچىلىك پۇقرالار ۋولكىسۋاگېننىڭ زاۋۇتىنى تاقاشنى قوللىغان.
گېرمانىيەدىكى مەخسۇس خىتاي مەسىلىلىرىنى تېما قىلغان China Table ناملىق بىر نوپۇزلۇق تور بېكىتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر راي سىناشقا 5000 دىن ئارتۇق ئادەم ئۈستىدىن راي سىناش ئېلىپ بېرىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، راي سىناشقا قاتناشقانلاردىن تاقاشنى قوللىغان ياكى تاقاشقا مايىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلەر 67 پىرسەنت بولۇپ، ئۇلاردىن 55 پىرسەنتى تاقاش كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقى، 12 پىرسەنتى تاقاشقا مايىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. China Table مەزكۇر راي سىناش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتىدا: «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شىنجاڭنى ئەمگەكچىلەر ئىنتايىن ئاز ئىش ھەققىگە ئېرىشىشنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىسى» دەپ قارايدىغانلىقى، بولۇپمۇ «توقۇمىچىلىق، يېزا ئىگىلىك ۋە قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى قاتارلىقلار يۇقىرى دەرىجىدىكى خەۋپلىك ساھەلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە داخىل قىلىنىشى تېز كېڭەيمەكتە» دەپ ھىېسابلايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
گېرمانىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر راي سىناش نەتىجىسى گېرمانىيە سىياسىيونلىرىنىڭ ۋولكېسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقاشتا تېخىمۇ كەسكىن بولۇشى ئۈچۈن ۋاسىتىلىك بېسىم شەكىللەندۈرىدىكەن. گېرمانىيەدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ ئالىي دەرىجىلىك قانۇن مەسلىھەتچىسى ھانۇ شەدلېر 28-ئىيۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا امۇنداق دېدى: «مېنىڭچە بۇ گېرمانىيەدىكى سىياسىيونلارنىڭ ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقاشتا تېخىمۇ كەسكىن بولۇشى ئۈچۈن ۋاسىتىلىك بېسىم قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. چۈنكى، يېقىندا گېرمانىيەدىكى مېتاللۇرگىيە سانائىتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ۋە چوڭ بىر ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقاشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا› گېرمانىيە فېدىراتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۆۋەن ساكسونىيە شتاتىمۇ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتنى تاقاشنى تەلەپ قىلدى.»
ھاننۇ شەدلېرنىڭ ئېيتىشىچە، تۆۋەن ساكسونىيە شتاتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتنى تاقاشنى تەلەپ قىلىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى بار ئىكەن. ھانۇ شەدلېر مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ تەلەپ قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى، تۆۋەن ساكسونىيە شتاتى ۋولكىسۋاگېننىڭ پاي چېكىگە شېرىك. بەلكىم ئۇ ۋولكىسۋاگېننىڭ 10 پىرسەنتى ياكى 20-40 پىرسەنت پاي چېكىگە شېرىك بولۇشى مۇمكىن. بۇ يېقىندا ئاشكارىلانغان ‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى›نىڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە، تېخىمۇ كۆپ سىياسىيونلارغا تەسىر قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ياخشى بىر يۈزلىنىشتۇر. بۇ تېخىمۇ كۆپ سىياسىيونلارنى ئىپادە بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلايدۇ».
لېكىن ۋولكىسۋاگېن شىركىتى جامائەت پىكىرىنىڭ قاتتىق بېسىمىغا دۇچ كەلگەن، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ خىتايدىكى تىجارىتىگە بىخەتەرلىك سۇغۇرتا كاپالىتى بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى داۋاملاشتۇرۇشتا ئىزچىل چىڭ تۇتۇپ كەلدى. بىز 28-ئىيۇن كۈنى گېرمانىيەدىكى ئاممىۋى راي سىناش نەتىجىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋولكىسۋاگېن شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ راي سىناش نەتىجىسىگە بولغان ئىنكاسىنى سورىغان ئىدۇق. مەزكۇر شىركەت شۇ كۈنى مۇخبىرىمىزغا ئەۋەتكەن بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە قەتئىي قارشى ئىكەنلىكى، سودا كىشىلىك ھوقۇق نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتى توغرىسىدا ھېچنېمە دېمىگەن.
باياناتتا: «ۋولكىسۋاگېن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سودىغا ئالاقىدار پائالىيەتلىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. بىز شىركەت ئىچىدە يۇقىرى ئۆلچەم تۇرغۇزۇپلا قالماي، يەنە تەمىنلەش زەنجىرىدىمۇ بۇ قىممەت ئۆلچەملىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز. بۈگۈنكى كۈندە بىز كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى ئاللىقاچان يولغا قويۇپ، خاتىرىمىزنى سىستېمىلىق بېكىتىمىز، بۇ ئاساستا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىمىز» دېيىلگەن. باياناتتا يەنە «ۋولكىسۋاگېن تەرىپىدىن بىۋاسىتە بېكىتىلگەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى مال تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ‹ئىزچىل سېتىۋېلىش دائىرىسى›گە داخىل قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ سودا شېرىكچىلىك ھەرىكەت نىزامىغا ئەمەل قىلىشقا ۋەدە بەرگەنلىكى» تەكىتلەنگەن.
لېكىن گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندا «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نىڭ خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئاشكارىلىنىشى، گېرمانىيەدە ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىغا بولغان قىزىقىشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. گېرمانىيەنى بازا قىلغان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» تەشكىلاتىنى رەئىسى ئەسقەر جان ئەپەندى 28-ئىيۇن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئەسقەر جان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋولكىسۋاگېن ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن قۇرغانىكەن. ئۇ ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى زىيان تارتسىمۇ، ھازىرغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكى، بۇنىڭ خىتاي ئۈچۈن بىر سىياسىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
«China Table» نىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، راي سىناش نەتىجىسىدىن گېرمانىيە ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە بولغان ھوشيارلىقىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى مەلۇم بولغان. راي سىناشقا قاتناشقان پۇقرالارنىڭ 71 پىرسەنتى، ئەگەر گېرمانىيەگە ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارغا ئازراق بولسىمۇ مەجبۇرىي ئەمگەك ئارىلىشىپ قالغان بولسا، بۇ مەھسۇلاتلارنى گېرمانىيەگە ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشكە مايىل ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. راي سىناشقا قاتناشقانلارنىڭ 56 پىرسەنتى پەقەت گۇمان قىلىشنىڭ ئۆزىلا بۇ مەھسۇلاتلارنى چەكلەشكە يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى، پەقەت 10 پىرسەنت كىشى بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى رەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، يېشىللار پارتىيەسىگە بېلەت تاشلايدىغان ئىستېمالچىلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا بولغان پوزىتسىيە ئەڭ قاتتىق بولۇپ، ئۇلاردىن 88 پىرسەنت كىشى قارشى تۇرغان. ئۇنىڭدىن قالسا سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىدىكىلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، 80 پىرسەنت كىشى قارشى تۇرغان. بۇ نىسبەت «يەنە بىر گېرمانىيە» پارتىيەسىدىكىلەردە 44 پىرسەنت، سولچىلار پارتىيەسىدىكىلەردە 56 پىرسەنت، لىبىرال دېموكراتلاردا 59 پىرسەنت، خرىستىئان دېموكراتلار ئىتتىپاقىدىكىلەردە 66 پىرسەنت بولغان.