گېرمانىيەنىڭ ۋولكىسۋاگېن شىركىتى ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقاش توغرىسىدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچراپ كەلگەن، ھەتتا گېرمانىيە ئىقتىساد مىنىستىرلىقى بۇ يىل 5-ئايدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى سەۋەبلىك ۋولكىسۋاگېنغا خىتايدا سودا قىلىش بىخەتەرلىك سۇغۇرتا كاپالىتى بېرىشنى رەت قىلغان ئىدى. لېكىن بۇ خىل بېسىملارمۇ ۋولكىسۋاگېننى ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىدىن ۋاز كەچتۈرەلمىگەن. ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ يېڭى سايلانغان باش ئىجرائىيە دېرىكتورى ئولىۋېر بلۇم (Oliver Blume) 4-سېنتەبىر گېرمانىيە «يەكشەنبىلىك بىلد» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى ئېچىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇ، بۇ ھەقتىكى بىر سۇئالغا «بۇ بىزنىڭ دۇنياغا، جۈملىدىن خىتايغىمۇ ھەم ئۇيغۇر رايونىغىمۇ قىممەت قارىشىمىزنى تارقىتىش مەسىلىمىز» دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ۋولكىسۋاگېن «شىنجاڭ خەلقىنى ئىشەنچىلىك ۋە ياخشى مۇئاشلىق خىزمەت بىلەن تەمىنلىماكتە» ئىكەن. ئۇ يەنە ۋولكىسۋاگېننىڭ «ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا ۋە خىتايدىكى ئۈچ چوڭ بازارنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاشلا ياخشى ئورۇن ئىگىلىشى» نىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئولىۋېر بلۇم ۋولكىسۋاگېننىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى 1-سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈۋالغان.
ئۇ، بۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن بىر كۈن ئاۋۋال، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتىنىڭ ئىشخانىسى بىر يىلدەك ۋاقىتتىن بېرى كېچىكتۈرۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ «خەلقئارا جىنايەت، شۇنداقلا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۇمكىنلىكى» نى ئېلان قىلغان.
ئولىۋېر بلۇم ۋەزىپىگە ئولتۇرغان شۇ كۈنى تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلار ۋولكىسۋاگېننىڭ باش شتابى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان. نامايىشنى تەشكىىللىگۈچىلەردىن «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ ئالىي دەرىجىلىك قانۇن مەسلىھەتچىسى ھاننو شېدلېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار 98 ئاممىۋىي تەشكىلاتقا ۋاكالەتەن ۋولكسۋاگېنغا بىر تەلەپ خېتى سۇنغان.
ھاننۇ شېدلېر مۇنداق دەيدۇ: «بىز ۋولكىسۋاگېننىڭ يېڭى باشلىقىدىن ئۇنىڭ بۇرۇنقى رەھبىرى تۈزگەن توختامنى بىكار قىلىپ، شىنجاڭ ياكى شەرقىي تۈركىستاندىكى زاۋۇتنى قايتۇرۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلدۇق. بىز يەنە 98 تەشكىلاتقا ۋاكالەتەن تەلەپ خېتى سۇندۇق. بىز ئۇلارنىڭ ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتكەن تەلەپ خېتىمىزنى تاپشۇرۋالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان بولساقمۇ، لېكىن بۈگۈنكى نامايىشتا ئۆز قولىمىز بىلەن تاپشۇرماقچى بولغان تەلەپ خېتىمىزنى تېخى بىرەرسى چىقىپ ئالمىدى. بىز تەلەپ خېتىمىزدە يەنە ۋولكىسۋاگېننىڭ يېڭى باش ئىجرائىيە دېرىكتورى ئولىۋېر بلۇمنىڭ گېرمانىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈشىنى، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاپ بېقىشىنى تەلەپ قىلدۇق.»
لېكىن ئولىۋېر بلۇم 1-سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن نامايشنىڭ ئارقىسىدىنلا «يەكشەنبىلىك بىلد» گېزىتىدە ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىز شۇ مۇناسىۋەت 6-سېنتەبىر ۋولكىسۋاگېن شىركىتىگە ئېلخەت يېزىپ، ئۇلاردىن ئولىۋېر بلۇمنىڭ سۆزلىرىگە ئىزھات بېرىشىنى، ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى ۋە نامايىشچىلارنىڭ تەلەپلىرىگە بولغان ئىنكاسىنى سورىدۇق. ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى كرىستوف لۇدۋىگ: «شۇنداق، ئېلخېتىڭىزنى تاپشۇرىۋالدىم. لېكىن ئېلخېتىڭىزنى شىركەتنىڭ ئالاقە گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە ئەۋەتىشىمىز كېرەك، چۈنكى سىزنىڭ خېتىڭىز پۈتۈن گۇرۇپپىدىكىلەرنى ئالاقىلاندۇرىدۇ. مەن خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل بولساممۇ، لېكىن سىزنىڭ خېتىڭىز ئولىۋېر بلۇم ئەپەندىگە قارىتىلغان. شۇڭا بۇ ئىشقا ئالاقە گۇرۇپپىسى مەسئۇل، سىزگە ئالاقە گۇرۇپپىسىدىكىلەر جاۋاپ بېرىدۇ» دېدى.
ۋولكىسۋاگېن شىركىتى كېيىنرەك مۇخبىرىمىزغا ئەۋەتكەن يازما باياناتىدا، ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىغا جىددى كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، لېكىن ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتتا كىشىلەرنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق پاكىت تېپىلمىغانلىقىنى ئېيتقان. باياناتتا: «ھاياتنىڭ ئەمەلىيىتى شۇكى، بىر زاۋۇتنى بىر كېچىدە قۇرۇپ چىققىلى ياكى تاقىۋەتكىلى بولمايدۇ. مەبلەغ سېلىش نەچچە ئون يىللىق جەريان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇنىڭ زاۋۇتتىكى خىزمەتچىلەرگە بولغان تەسىرىنى ئويلىشىش كېرەك. بۇ ئۈرۈمچىدىكى بىرلەشمە مەبلەغ زاۋۇتى ئۈچۈنمۇ شۇنداق. ھالبۇكى، ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەرنى شاڭخەي ئاپتوموبىل سانائىتى گۇرۇھى ئىشلىتىدۇ. بىز شاڭخاي ئاپتوموبىل سانائىتى-ۋولكىسۋاگېن گۇرۇھىىنىڭ خىزمەتچىلەرنى مەجبۇرى ئىشلەتكەنلىكىگە ئائىت ھېچقانداق پاكىت تاپالمىدۇق» دېيىلگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 1-سېنتەبىر كۈنى ۋولكىسۋاگېننىڭ باش شتابى ئالدىدا نامايش قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پروگرامما دېرىكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن 6-سېنتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئولىۋېر بلۇمنىڭ «يەكشەنبىلىك بىلد» گېزىتىدە قىلغان سۆزلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئولىۋېر بلۇمنىڭ سۆزى خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» دەپ چۈشەندۈرگىنىدەكلا بىر ئىش ئىكەن.
زۇمرەتئاي يەنە ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە دېرىكتورى «يەكشەنبىلىك بىلد» گېزىتىگە ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقىمايدىغنالىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭغا يوللىغان تەلەپ خېتىگە ئايرىم جاۋاپ بېرىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتىنىڭ 31-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىدا، «ئىشەنچىلىك دەلىللەر» خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە رايوندىكى باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرگە قارىتا «خەلقئارالىق جىنايەت، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۇمكىنلىكى» نى كۆرسىتىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. ھالبۇكى، خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئولىۋېر بلۇمنىڭ سۆزى ئۇيغۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىنكار قىلىشنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن.
خىتايدىكى «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 5-سېنتەبىر ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا، «ۋولكىسۋاگېننىڭ يېڭى خوجايىنىنىڭ زور جاسارەت كۆرسىتىپ، زاۋۇتنى شىنجاڭدا ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇرۇشى، خىتايغا قارشى كۈچلەر ئوتتۇرىغا قويغان سىياسىي ئەيىبلەشنى ئاساسىي جەھەتتىن رەت قىلدى» دېيىلگەن.
تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىدىكى ھاننو شېدلېرنىڭ ئېيتىشىچە، ۋولكىسۋاگېن ئۆزىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ، خىتايدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنى پاكىز، دەپ ئاقلىسىمۇ، لېكىن خىتايدا ئۇنىڭغا قارىتا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى يوق ئىكەن. ھاننۇ شېدلېر مۇنداق دەيدۇ: «ۋولكىسۋاگېن مەجبۇرىي ئەمگەك توغرىسىدىكى ھەرقانداق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ پاكىز ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ كەلسىمۇ، بىراق بىز ھەممىمىزگە ئايان بولغاندەك ئۇيغۇر رايونىدا مۇستەقىل ئەمگەك مۇپەتتىش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى يوق. شۇڭا بىز ۋولكىسۋاگېندىن خىتاينىڭ شىنجاڭ ياكى شەرقىي تۈركىستاندىكى خاھىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ جايدىكى زاۋۇتىنى يىغىشتۇرۇشنى، خىتاينىڭ سىياسىتىگە قارىتا تەنقىدىي پوزىتسىيە تۇتۇشنى تەلەپ قىلدۇق. تېخى يېقىندا ۋولكىسۋاگېننىڭ بۇرۇنقى باشلىقى تاراتقۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ خىتاي شىرىكىنىڭ ‹مەجبۇرىي ئەمگەك يوق› دېگەنلىكى، بۇنىڭ ئۆزى يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ خىتاي شىرىكىنىڭ كومپارتىيەگە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بۇ جىنايەتتە جاۋابكارلىقى، ئۇنىڭ سۆزىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.»
ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتى 2013-قۇرۇلغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ۋولكىسۋاگېن خىتاينىڭ شاڭخەي ئاپتوموبىل سانائەت گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلاشقان بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇت ۋولكىسۋاگېننىڭ سودا ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئەمەس، بەلكى خىتاي تەرەپنىڭ ئۈرۈمچىگە ئاپتوموبىل زاۋۇتى قۇرۇش توغرىسىدىكى قاتتىق تەلىپىگە ئاساسەن قۇرۇلغان ئىكەن.