گېرمانىيەنىڭ ۋولكىس-ۋاگېن شىركىتى 2013-يولى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش تارماق زاۋۇتىنى قۇرغان. ئۇلار مەزكۇر زاۋۇتقا دەسلەپكى قەدەمدە 650 نەپەر ئىشچى-خىزمەتچى قوبۇل قىلغان ئىدى. لېكىن 2017-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنى باشلىنىپ، مىليونلىغان مۇسۇلمانلار لاگېرلارغا قامالغاندىن كېيىن، ۋولكىس-ۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىغان. ئۇلار ۋولكىس-ۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر شىركەت بۇنى تاقاشقا ھېچقانداق سەۋەب يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى.
ئەمما ۋولكېس-ۋاگېن 24-نويابىر كۈنى ئاشكارىلانغان خىتاينىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججىتى ئالدىدا ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە زاۋۇت قۇرغانلىقىنى ئاقلاشقا مەجبۇر بولماقتا. ۋولكېس-ۋاگېن شىركىتىنىڭ گېرمانىيە تاراتقۇلىرىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۈرۈمچىدە زاۋۇت قۇرۇشنى قارار قىلىشتا «نوقۇل ئىقتىسادنى چىقىش قىلغان» بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ھېچقانداق بىر ئىشچىسى يوق ئىكەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز27-نويابىر كۈنى ۋولكېس-ۋاگېننىڭ گېرمانىيەدىكى باش شتابىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىغا ئالاقىدار بەزى سوئاللارنى سورىدۇق.
شىركەتنىڭ باياناتچىسى كرىستوف لۇدۋىگ خىتاينىڭ مەخپىي ھۆججىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى قايتا ئويلىشىش توغرىسىدىكى چاقىرىقىغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىدىغانلىقى، شىركەتنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ھەرقانداق بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان-بارمىغانلىقى شۇنداقلا زاۋۇتتىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئېلىپ كېلىنمىگەنلىكى ھەمدە ئۇنىڭ خام ئەشيالىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى ئەمەسلىكىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا تېلېفوندا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقى، ئۇنىڭغا يازما جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كرىستوفىر لۇدۋىگنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇلارغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى ئىنكاسىنى سوراۋاتقان تاراتقۇلار بەك كۆپ ئىكەن. كرىستوفېر لۇدۋىگ «بىزنى چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى بىز نۇرغۇن تەلەپلەرنى تاپشۇرۇۋالدۇق. شۇڭا نۆۋەتتە بىز پەقەت يازما باياناتلا ئەۋەتەلەيمىز. ئۇنىڭدىن ئارتۇقىنى قىلالمايمىز،» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
لېكىن ئۇ كېيىنرەك ئەۋەتكەن باياناتىدا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكى ۋە ۋەزىيەتنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
باياناتتا «ۋولكېس-ۋاگېن شىركىتى خىتايدا 35 يىلدىن بېرى پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا ۋە ئۆزىنىڭ بۇ تەجرىبىسىنى شىنجاڭنىڭ يەرلىك تەرەققىياتىغا ئىجابىي تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن ئىشلەتمەكتە. ۋولكېس-ۋاگېن رايوننىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بولۇپ، بىز رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزەتمەكتىمىز شۇنداقلا ئۇچۇرلىرىمىزنى ب د ت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتلاردىن ئالماقتىمىز» دېيىلگەن.
باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، ۋولكېس-ۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدە زاۋۇت قۇرۇش قارارى پۈتۈنلەي ئىقتىسادنى كۆزدە تۇتقان بولۇپ، ئۇنىڭ 2014 بىلەن2018-يىلى ئارىلىقىدا ئىشلەپچىقارغان ئاپتوموبىلى 45 % ئارتقان، ئوخشاش مەزگىلدىكى كىرىمى 30 % ئاشقان ئىكەن. باياناتتا يەنە «مانا بۇ شىركەتنىڭ مەزكۇر رايوننىڭ تەرەققىياتىغا ۋە يەرلىكتىكى ھەر قايسى ئېتنىك توپلارنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا تۆھپە قوشۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىدىكى سەۋەبتۇر. ۋولكېس-ۋاگېن پۈتۈنلەي يەرلىك مىللەتلەرنى ئىش بىلەن تەمىنلەپ، ئۈرۈمچى خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ ياخشىلىنىشى كۆزلەيدۇ،» دەپ تەكىتلەنگەن.
ۋولكېس-ۋاگېن باياناتىدا ئۆزىنى ئاقلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. گېرمانىيەدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ۋولكېس-ۋاگېن خىتاينىڭ يېقىندا ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى قايتا-ئويلىشىشى كېرەك ئىكەن. مەزكۇر تەشكىلات 25-نويابىر كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا «ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى ئۇزۇندىن بېرى مەلۇم بولسىمۇ، لېكىن ۋولكېس-ۋاگېننىڭ بۇ ئەھۋالنى كۆرمەسكە سېلىپ كەلگەنلىكى» نى تەكىتلىنىپ، «مانا ئەمدى ۋولكېس-ۋاگېن ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى پائالىيەتلىرىنى مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ تەكشۈرۈشىگە يول قويىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.
لېكىن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ دىرېكتورى ئۇلرىخ دېلىئۇس 27-نويابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بىرەر ئەھمىيەتلىك نەرسە تېپىپ چىقىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلرىخ دېلئىۇس مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭچە بولسا ئۇلار مەزكۇر رايوندىن چېكىنىپ چىقىشى كېرەك. لېكىن ۋولكېس-ۋاگېندەك مۇھىم شىركەتلەر بىلەن دىيالوگ قۇرغاندا ئۇلارغا بەك يۇقىرى تەلەپ قويۇش قىيىنغا توختايدۇ. شۇڭا بىز تۇنجى قەدەمدە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت نىزامنامىسى ئاساسىدا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق. ئۇلارنىڭ خىزمەت نىزامىدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوللايدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. بىز مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەردىن بۇ شىركەتنىڭ ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق خەلقلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتا نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلىشنى ئىستەيمىز. لېكىن مەن ئۇلارنىڭ بىزگە بىرەر ئەھمىيەتلىك مەسىلىنى ئاشكارىلايدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمايمەن.»
ۋولكېس-ۋاگېننىڭ باياناتىدا ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنىڭ «يىلىغا 50000 دانە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىپ لايىھەلەنگەنلىكى» تەكىتلىنىپ، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىغا داۋاملىق ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقى ۋە بۇ رايوندىكى ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىنى كېڭەيتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئۇلرىخ دېلئىۇسنىڭ قارىشىچە، ۋولكېس-ۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدەك بىر ئىچكى قۇرۇقلۇق شەھىرىدە زاۋۇت قۇرۇپ، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشى نورمال ئەھۋال ئەمەس ئىكەن. ئۇ ۋولكېس-ۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى خىتاينىڭ بېسىمىدا قۇرغانلىقى، خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدە زاۋۇت ئېچىشنى تەلەپ قىلىشىدا سىياسىي غەرەز بارلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «چۈنكى خىتاي باشقىلاردا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى نورمال، بۇ يەردە ھېچقانداق مەسىلە يوق دېگەن تەسىر يارىتىشنى، ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك خەلقلەرگە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىشنى ئويلايتتى. مانا بۇ ئۇلار ياراتماقچى بولغان تەسىرات ئىدى. شۇڭا ئۇلار ۋولكېس-ۋاگېندەك نوپۇزلۇق بىر شىركەتنى ئۇيغۇر رايونىدا زاۋۇت ئېچىشقا مەجبۇرلىغان. گەرچە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق ياخشىلىنىش بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى ۋەزىيىتى ياخشىلىنىپ كەتتى، دېگەن بىر تەسىراتنى ياراتماقچى بولدى.»
ئۇلرىخ دېلئىۇسنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ۋولكېس-ۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىگە سالغان مەبلەغنىڭ بەدىلىگە ئۇنى خىتاي بازىرىدا تېخىمۇ چوڭ مەنپەئەتلەرگە ئېرىشتۈرگەن. ئۇلرىخ دېلئىۇس «ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئاپتوموبىل پارچىلىرىنى قۇراشتۇرۇشتۇر. بۇ يەردىكى پۈتۈن زاپچاسلار خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىلىدۇ. ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇت ئاپتوموبىلنى قۇراشتۇرۇپ، ئۇنى يەنە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا ئەۋەتىدۇ. ئىقتىسادى پايدىنى كۆزدە تۇتقاندا بۇ ئىقتىسادى پايدىسى يوق مەنتىقسىز بىر ئىش. لېكىن ۋولكېس-ۋاگېن ئۈرۈمچىگە مەبلەغ سالغاندىن كېيىن ئۇلار خىتايدا تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتلەرگە ئېرىشتى. دېمەك، ۋولكېس-ۋاگېن خىتاي دائىرىلىرىگە ئازراق مەنپەئەت بېرىپ قويۇپ، بۇنىڭ بەدىلىگە خىتاينىڭ بازىرىدىن تېخىمۇ چوڭ ئورۇنغا ئىگە بولدى. لېكىن ئۇ خىتايدا مەنپەئەتكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىگە دەخلى يەتكۈزدى،» دەپ كۆرسەتتى.
نۆۋەتتە ۋولكېس-ۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتى يەنە گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيە فېدىرال پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، پارلامېنتتىكى «گېرمانىيە-خىتاي دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جوھاننېس ۋوگېل، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش مەسىلىسىدە خىتايدىكى گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. جوھاننېس ۋوگېل «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» غا بەرگەن باياناتىدا «ئەگەر ۋولكېس-ۋاگېن شىنجاڭدىكى ‹قايتا-تەربىيەلەش› لاگېرلىرىدىن ياكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدا ئېلىۋاتقانلىقى كۆرۈلسە ۋولكېس-ۋاگېن شىركىتى ئۆزىنىڭ بۇ رايوندىكى زاۋۇتىنى توختىتىشى كېرەك،» دېگەن.
0:00 / 0:00