گېرمانىيەنىڭ داڭلىق ئاپتوموبىل گۇرۇھى ۋولكىسۋاگېن دۇچ كېلىۋاتقان بېسىملار

0:00 / 0:00

5-دېكابىردىن ئېتىبارەن گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ۋولكىسۋاگېن تەكلىپ قىلغان «مۇپەتتىشلەر گۇرۇپپىسى» نىڭ يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى ۋولكىسۋاگېن زاۋۇتىنى تەكشۈرۈپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارغا ئېرىشەلمىگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر قاپلىدى.

گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش گۇرۇھى بولغان ۋولكىسۋاگېننىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق» دېگەن گۇمان بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگىنىگە بىرقانچە يىل بولدى. بىراق ۋولكىسۋاگېن ئىزچىل ھالدا بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ئۇزاق تۇرۇدىغانلىقىنى جاكارلاپ كەلدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ۋولكىسۋاگېن ھەر تۈرلۈك بېسىملاردىن ھازىرغا قەدەر قۇتۇلالماي كەلمەكتە.

ئۇنداقتا، ۋولكىسۋاگېننى ئېغىر بېسىم ئاستىدا قويۇۋاتقان ۋە ئۇنى ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى قايتا تەكشۈرتۈشكە مەجبۇر قىلغان ئامىللار نېمە؟ بۇنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن قانچىلىك ئالاقىسى بار؟

ۋولكىسۋاگېن دۇچ كېلىۋاتقان بېسىملار توغرىسىدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بايان قىلىنىۋاتقان تېمىلارغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرساق، تۆۋەندىكى بىرقانچە مۇھىم مەزمۇنلار كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ:

بىرىنچىسى، گېرمانىيەنىڭ «يېڭى تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» پەيدا قىلىۋاتقان بېسىملار

گېرمانىيەنىڭ «يېڭى تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» 2021-يىلى ماقۇللانغان بولۇپ، بۇ قانۇننىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 1000 دىن تۆۋەن بولغان شىركەتلەرگە 2023-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ، ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 1000 دىن يۇقىرى بولغان شىركەتلەرگە 2024-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ تەدبىقلىنىدىغانلىقى بېكىتىلگەن. ۋولكىسۋاگېن بولسا 2024-يىلىدىن ئېتىبارەن بۇ قانۇننىڭ نازارىتى ئاستىدا قالىدىكەن. مەزكۇر قانۇندا مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ھەرقانداق چوڭ-كىچىك شىركەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقى ۋە مەسىلە كۆرۈلسە تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ ھەتتا خىزمەتچى خادىملارنىڭ شەخسىي مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ نۆۋەتتە ۋولكىسۋاگېننى ئەندىشەلەندۈرۈۋاتقان ئەڭ زور بېسىم بولغان. «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» 6-دېكابىر ئېلان قىلغان «ۋولكىسۋاگېن خىتايدا قوللىرىنى بۇلغاۋاتامدۇ؟» ناملىق ماقالىسىدە بۇ نۇقتىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

ئىككىنچىسى، پايچېكلارنىڭ بېسىملىرى

يىللاردىن بۇيانقى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ شىكايەتلىرى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ نارازىلىقلىرى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2023-يىلى ۋولكىسۋاگېنغا بېرىلىدىغان بىخەتەرلىك كاپالەت سۇغۇرتىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىغا سەۋەب بولغان. بانكىلارمۇ بۇ شىركەتكە قەرز بېرىشنى توختاتقان. بۇ ھال ۋولكىسۋاگېنغا مەبلەغ سالغان گېرمانىيەدىكى پايچېكلارنى ساراسىمىگە چۈشۈرۈپ قويغان. بۇنىڭ بىلەن پايچېكلار ۋولكىسۋاگېندىن دەرھال ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان ئالاقىسى ھەققىدە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىشنى، تەمىنلەش زەنجىرىنى جىددىي رەۋىشتە تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىشقا باشلىغان. بۇمۇ ۋولكىسۋاگېن ئۈچۈن ئېغىر بېسىم پەيدا قىلغان ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

ئۈچىنچىسى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىملىرى

ۋولكىسۋاگېننى ئەڭ قاتتىق ئەيىبلەۋاتقانلار ۋە كۈچلۈك بېسىم ئاستىدا قويۇۋاتقانلار ھەر ساھە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولغان. ئۇلار ۋولكىسۋاگېنغا نارازىلىق مەكتۇپلىرىنى يوللاپ، بىرلەشمە باياناتلار ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ خىزمەت بىناسى ئالدىدا نامايىشلار ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقلىرىنى ھازىرغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. كىشىلەرنىڭ نارازىلىق سادالىرى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە قەدەر تەسىر كۆرسەتكەن. گەرچە ۋولكىسۋاگېن بۇنىڭغا ئانچە پىسەنت قىلمىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، گېرمانىيە جامائىتى ئالدىدا ئۆزىنى ئاقلاشقا مەجبۇر قىلىپ، كۆپ قېتىم باياناتلار ئېلان قىلغان. بۇ يىل 5-ئايدا بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن ۋولكىسۋاگېننىڭ ئومۇمىي قۇرۇلتىيىدا، د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، ۋولكىسۋاگېندىن ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى دەرھال تاقاشنى تەلەپ قىلغان. گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىسى بولغان ARD تېلېۋىزىيە قانىلى 5-دېكابىر ئېلان قىلغان «مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ دەلىللىرى تېپىلمىدى» ناملىق خەۋىرىدە بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

تۆتىنچىسى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بېسىمى

گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋولكىسۋاگېننى ئەيىبلەشنى يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇلار ۋولكىسۋاگېننىڭ خاتالىقلىرى ئۈستىدە توختالغاندا، ئۇنىڭ تارىختا ئادولف ھىتلېر ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقلىرىنى يۈزىگە سېلىش بىلەن بىرگە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا جازا لاگېرلىرىنىڭ بەرپا قىلىنغانلىقى ۋە مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانغانلىقىنى مىسال كەلتۈرۈپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان بۇنداق بىر رايوندا زاۋۇت قۇرۇپ پۇل تېپىشنىڭ ئىنسانىي ئەخلاققا يات قىلمىش ئىكەنلىكىنى، مەنپەئەت ئۈچۈن قىممەت قاراشلىرىدىن ۋاز كېچىشنىڭ نومۇس قىلارلىق ھادىسە بولغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىشكەن.

بەشىنچىسى، ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت دوكلاتى

2022-يىلى 8-ئاينىڭ 31- كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ سابىق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان ئاخىرقى دەقىقىلەردە ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت دوكلات، ۋولكىسۋاگېنغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشنىڭ بىر قورالى بولۇپ قالغان. بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر مەزمۇنلارمۇ يەر ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن»لىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئاخبارات ساھەسى ۋولكىسۋاگېننى ئەيىبلىگەندە، بۇنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «كۈندىلىك گېزىت» 7-دېكابىر ئېلان قىلغان «ۋولكىسۋاگېن ئۆزىنى پاكىز كۆرسەتمەكتە» ناملىق خەۋەردە بۇ پىكىرگە ئورۇن بەرگەن.

ۋولكىسۋاگېن يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى بىر مۇپەتتىشلەر گۇرۇپپىسىنى ئۈرۈمچىگە بېرىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۆزىنى ئاقلاشنىڭ كويىغا كىرگەن. بىراق گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇرباننىڭ قارىشىچە، ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىدا مەجبۇرىي ئەمگەك ئامىللىرىنىڭ يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق بىر پۈتۈن ۋولكىسۋاگېن گۇرۇھىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بولغان ئالاقىسىگە چاپان ياپماقچى بولۇشتەك ئەخمىقانە قىلمىشى، گېرمانىيە جەمئىيىتىنىڭ مەسخىرىسىگە دۇچ كەلگەن. ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەتمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.