ئامېرىكادا ۋولكسۋاگېن شىركىتىگە قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ئەسىردە يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەن يىللاردا ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ ھاميىلىقىغا ئېرىشكەن داڭلىق ماشىنىسازلىق شىركىتى ۋولكسۋاگېن گېرمانىيەنىڭ خىتايغا مەبلەغ سالغان ئەڭ چوڭ شىركەتلرىدىن بىرىدۇر. ۋولكسۋاگېن شىركىتى ئۈرۈمچىدە زاۋۇت قۇرۇپ، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى قۇل ئەمگىكىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقى كۆپ قېتىم خەۋەر قىلىنغانىدى. ۋالكېسۋاگېن شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرى بۇنى ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما زومىگەر خىتاينىڭ مەنپەئەتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە شېرىك بولۇۋاتقانلىقى ئەمەلىيەت ئىدى، يەنە كېلىپ، ئۇلار زاۋۇتنىڭ ئىچىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى سىر تۇتۇپ كەلمەكتە ئىدى.

ۋولكسۋاگېن شىركىتىنىڭ تارىختىكى خاتالىقىنى تەكرارلاپ، مۇستەبىت خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى، بەلكى ئۇنىڭغا شېرىك بولۇۋاتقانلىقى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئالىمە مايسەم مۇتەللىپوۋا خانىمنىڭ بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ ھەر شەنبە كۈنى ئامېرىكانىڭ بوستون شەھىرىدىكى ۋولكاسۋاگېن سېتىش ئورنىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ بەلگىلىك ئۈنۈمى كۆرۈلۈۋاتقانلىقى رادىيومىز تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغانىدى.

6-ئاينىڭ 12- ۋە 13-كۈنلىرى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۇيغۇر جامائىتى ۋىرجىنيە شىتاتىدىكى ۋولكسۋاگېن تىجارەت ئورنىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، بۇ شىركەتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىۋاتقانلىقى ۋە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە شېرىك بولۇۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ نەچچە ئايدىن بېرى بوستون ۋە ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ۋولكېسۋاگېن تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشنىڭ داۋامى، شۇنداقلا بارلىق گۇرۇپپىلارنىڭ بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق ئەھمىيەتلىك نامايىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەلفىدار ئىلتەبىرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ نامايىش ئېلان-تەشۋىقات بىلەن بىرلىكتە ناھايىتى تىنچ شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان، يولدىن ئۆتكەنلەر بۇ پائالىيەتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نامايىشچىلار يەنە ۋولكسۋاگېن شىركىتىگە خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان ھەر قانداق شىركەتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە شېرىك بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ شىركەتنىڭ خىتايدىكى زاۋۇتلىرىنى تاقىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان. ئەلفىدار ئىلتەبىر بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مۇشۇنداق نامايىشلار ئارقىلىق ۋەتىنىمىزدە بولۇۋاتقان قىرغىنچىلىقنى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ئاۋازىنى ھەممە دۆلەتلەرگە ئاڭلىتالايمىز، ھەم باشقا شىركەتلەرگىمۇ بۇ بىر دەرس بولىدۇ».

يەھۇدىيلارنىڭ «دۇنياغا نەزەر» تەشكىلاتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىمۇ 13-ئىيۇن لوس-ئانژېلىستىكى ۋولكسۋاگېن سېتىش ئورنىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن. رابى يۇناھ ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا بۇ نامايىشتا قىلغان سۆزىنى ھەمبەھىرلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «سىلەر نېمىشقا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ياردەم قىلىسىلەر؟ بۈگۈن سىلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ياردەم بېرىپ ئۇنىڭ داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇۋاتىسىلەر. بىز ھەر بىرەيلەننى بۇ ئىشقا دىققەت قىلىشقا چاقىرىمىز. چۈنكى ۋالكسۋاگېن ئۆزىنىڭ ماشىنىلىرىنى ساتالمىسا، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئېزىۋاتقان خىتايدىن ئالىدىغان مەنپەئەتىمۇ توختايدۇ. ئىرقىي قىرغىنچىلىق قايتا يۈز بەرمىسۇن!».

ئىگىلىشىمىزچە، ۋولكسۋاگېن شىركىتىگە بولغان نارازىلىق بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئەنگىلىيەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تەشكىلاتلار ۋە يەھۇدىي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەڭ نامايىش ئېلىپ بېرىشقا سەپەرۋەر قىلغان.