گېرمانىيەنىڭ داڭلىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىدىن ۋولكىسۋاگېن گۇرۇھى 5-دېكابىر كۈنى ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئاپتوموبىل زاۋۇتىغا قارىتا ئېلىپ بارغان مۇپەتتىش دوكلاتىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، تەكشۈرۈشتە ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئاپتوموبىل زاۋۇتىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئائىت ھېچقانداق دەلىل بايقالمىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ۋولكسىۋاگېن گۇرۇھى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقاش ھەققىدىكى بېسىمى ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل 1-ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىشقا باشلىغان تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، بۇ يىل 6-ئايدا ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىغا ئەمگەك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى . ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، مەزكۇر شىركەت ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىغا مۇپەتتىش تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشنى گېرمانىيەدىكى «لۆنىڭ - كىشىلىك ھوقۇق ۋە سودا مەسئۇلىيىتى» ناملىق ئەمگەك مۇپەتتىشى تەشكىلاتىغا ھاۋالە قىلغان.
ھالبۇكى، «لۆنىڭ-كىشىلىك ھوقۇق ۋە سودا مەسئۇلىيىتى» تەشكىلاتى ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىغا قارىتا ئەمگەك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشتا، خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىدىكى بىر قانۇن شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقان. ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ 5-دېكابىر ئېلان قىلغان مەلۇماتىدا ئاشكارىلىشىچە ، ئەمەلىي تەكشۈرۈشنى ئىجتىمائىي مۇپەتتىشلىك، خەلقئارا ۋە خىتاي قانۇنلىرىدا مول تەجرىبىسى بولغان شېنجېندىكى قانۇن شىركىتى ئۈستىگە ئالغان ئىكەن.
ھالبۇكى، ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى دەرھال بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا سوئال پەيدا قىلدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ رېئاللىقى ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەۋجۇت ۋەزىيىتىدە ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىغا قارىتا مۇستەقىل ۋە بىتەرەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى يوق ئىكەن. ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ سىجىللىق ۋە بىر پۈتۈنلۈك ئالاقە ئىشلار دىرېكتورى نىكولاي لائۇدې (Nicolai Laude)6-دېكابىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، دوكلاتنىڭ قىسقىچە خۇلاسىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنى، بىراق دوكلاتنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نىكولاي لائۇدېنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇ تەكشۈرۈشنىڭ تەپسىلاتىغا ئائىت مەسىلىلەرگە باھا بەرمەيدىكەن. نىكولاي لائۇدې مۇنداق دېدى :«بىز مۇپەتتىش دوكلاتىنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى ئېلان قىلمايمىز. بىز پەقەت دوكلاتنىڭ خۇلاسە قىسمىنى ئېلان قىلدۇق. لېكىن مەن لۆنىڭ شىركىتى بىلەن (خىتايدىكى) قانۇن شىركىتى توختاملىشىپ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتقا قارىتا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق مەسىلىگە باھا بېرەلمەيمەن. بۇ مېنىڭ باھا بېرىش كاتېگورىيەمدىكى ئىش ئەمەس.»
لېكىن نىكولاي لائۇدې، ۋولكىسۋاگېن شىركىتى خىتايدا سانلىق مەلۇمات توپلاش، تەمىنلەش ئىشلىرىنىڭ مۈشكۈللۈكىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى، خىتايدا ئەمگەك مۇپەتتىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇرەككەپلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى : «تەكشۈرگۈچىلەر (خىتاي) قانۇنىدىكى يېقىنقى ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن خىتايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشتا سانلىق مەلۇمات توپلاش ۋە يۆتكەشنىڭ، تەكشۈرۈش ئۈچۈن مۇۋاپىق ھۆججەتلەرگە ئېرىشىشنىڭ خىرىسقا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، خىتايدا مەلۇم شەرتلەر ئەمگەك مۇپەتتىشىنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈردى. شۇڭا، بۇ تەكشۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلارغا شىركىتىمىز ئېلان قىلغان خۇلاسە دوكلاتىدىن ئېرىشەلەيسىز.»
لېكىن ۋولكىسۋاگېننىڭ دوكلاتىنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بەزى غەرب پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق رايونى»دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن بۇ رايوندىكى زاۋۇتىنى تاقاشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا سوئال پەيدا قىلماقتا. گېرمانىيە «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى » نىڭ قارىشىچە، بۇ تەكشۈرۈشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېغىر ۋەھشىيلىك سادىر قىلىۋاتقان بىر رايوندا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك ئىكەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل دىكتورى ھاننو شەدلېر (Hanno Schadler) 6-دېكابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ۋولكىسۋاگېن ۋە بۇ تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بارغان ئورۇننىڭ ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچە بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ھاننو شەدلېر مۇنداق دەيدۇ: «مەن تەكىتلىمەكچى بولغان بىرىنچى نۇقتا، بۇ تەكشۈرۈشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە قارىتا كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىيلىك سادىر قىلىۋاتقان ئەھۋالدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. ئىلگىرى تەقىبلەشلەر سەۋەبىدىن بۇ رايوندىن ئايرىلغان بىر قانچە ئەمگەك مۇپەتتىش شىركىتىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش ئىنتايىن مۈشكۈل ئەھۋالدا ئېلىپ بېرىلغان. شۇڭا، ۋولكىسۋاگېن شىركىتى بىلەن بۇ تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بارغان ماركۇس لۆنىڭ بۇنى قانداق يوللار بىلەن ئېلىپ بارغانلىقىغا قارىتا تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچە بېرىشكە ئېھتىياجلىق.»
ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، مۇپەتتىش شىركىتى بۇ يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنىگە قەدەر، ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان 197 نەپەر خىزمەتچىسىگە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇلارنىڭ 150 نەپىرى خىتاي خىزمەتچى، 47 نەپىرى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىكەن. ۋولكىسۋاگېن زاۋۇتتىكى ئاز سانلىق مىللەت خىزمەتچىلىرىنىڭ 23 پىرسەنتىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ۋولكىسۋاگېننىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىدا، «تەكشۈرۈش ئارقىلىق خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ 29-، 111- ۋە 115-نومۇرلۇق ئەھدىنامىلىرىگە خىلاپ ھېچقانداق ھادىسە بايقالمىدى. مۇپەتتىش قىلغۇچى ئورۇن زاۋۇتتىكى خىزمەتچىلەر ئارىسىدا مەجبۇرىي ئەمگەك ياكى ئىشلەمچىلەرنى مەجبۇرىي ئىشلىتىشنىڭ ھېچقانداق ئالامىتىنى بايقىمىدى»دېيىلگەن .
لېكىن ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز ، 6-دېكابىر X تا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، «يېڭى شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى»دىكى دەلىللەردىن رايوندىكى كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىش ئورۇنلىرىنىڭ ۋولكىسۋاگېن بىلەن بىرلىشىپ ئەمگەك يەرمەنكىلىرىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىش ئورۇنلىرىغا قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرىدىن ئەۋەتىلگەنلىكى مەلۇم بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئادرىيان زېنىزنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، «ساقچى ھۆججەتلىرى» ئادىلجان ھاشىم ئىسىملىك ئۇيغۇرنىڭ 2017-يىلى 10-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ، 2018-يىلى 1-ئايدا كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىش ئورنىغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ بۇ خىل زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى كىشىلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.
لېكىن نىكولاي لائۇدى ۋولكىسۋاگېننىڭ بۇ رايوندىكى كەسپىي تەربىيەلەش ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى رەت قىلماقتا. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ۋولكىسۋاگېن يېقىنقى 4-5 يىل مابەينىدە ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىغا خىزمەتچى قوبۇل قىلمىغان. نىكولاي لائۇدې: «ئەگەر بايانلاردا بىزنىڭ ياكى ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتنى باشقۇرۇۋاتقان شىركەتنىڭ تەربىيەلەش ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىش قىلغانلىقىمىز ياكى ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىمىز ئېيتىلغان بولسا، بىز شۇنى ئېيتالايمىز، بىزنىڭ بۇ خىل كەسپىي تەربىيەلەش ئورۇنلىرى بىلەن ھېچقانداق ھەمكارلىقىمىز بولمىدى. بىز يېقىنقى 4-5 يىلدىن بېرى زاۋۇتىمىزغا ھېچقانداق يېڭى خىزمەتچى قوبۇل قىلمىدۇق » دەپ كۆرسەتتى.
ھالبۇكى، «لۆنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە سودا مەسئۇلىيىتى» تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ماركۇس لۆنىڭ (Markus Loening)نىڭ مۇخبىرىمىزغا ئېيتىشىچە، ئۇلار ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى ئەركىن تەكشۈرۈشكە مۇۋاپپەق بولغان. ماسكۇس لۆنىڭ 6-دېكابىر مۇخبىرىمىزغا ئەۋەتكەن يازما باياناتىدا، ۋلكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان 197 نەپەر خىزمەتچىنىڭ يېقىنقى 3 يىللىق خىزمەت توختامى ۋە مائاش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرگەنلىكىنى، 40 قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك زاۋۇتنى ئەركىن تەكشۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولغانلىقىنى، يىغقان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇۋاپىق ياكى ئەمەسلىكىنى سېلىشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىراق ھاننو شەدلېرنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق بىر ئىشنى ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن قىلىۋاتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ھاننۇ شەدلېر مۇنداق دەيدۇ:«ئىشچىلارنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن كەلگەنلىكىنى بىلمەيمىز ، بۇنى بىلەلمەيمىز. چۈنكى، رايوندا مىليونلىغان ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىغا قامالدى، يۈز مىڭلىغان كىشى تۈرمىلەردە يېتىۋاتىدۇ. نۇرغۇنلىغان كىشى مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇلماقتا. شۇڭا بۇ رايوندا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش مۇمكىنلىكى يوق. لۆنىڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ تەكشۈرۈشى چەكلىك دائىرىدە، زاۋۇت بىلەن چەكلەنگەن بولۇپ، رايوندىكى سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى نەزەرگە ئېلىنمىغان. مېنىڭچە ئۇ سۆزىنى مەقسەتلىك ۋە ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن تاللاپ ئىشلەتكەن بولۇپ، شىنجاڭدىكى مەۋجۇت مەسىلىنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەن.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. بۇ تەشكىلاتنىڭ 6-دېكابىر ئېلان قىلغان باياناتىدا تەكىتلىشىچە، «خىزمەتچىلەرنى تەكشۈرۈش كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم بولسىمۇ، بىراق زىيارەت قىلىنغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرىگەن ئەھۋالدا ئىشەنچلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئېتەلمەيدىكەن.
ۋولكىسۋاگېننىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى ياۋروپا كېڭىشىنىڭ پىرېزىدېنتى چارلىش مىشېل بىلەن ياۋروپا كومىتېتىنىڭ رەئىسى فون دېر لېيىن خانىم 7-دېكابىر كۈنى بېيجىڭدا ياۋروپا ئىتتىپاقى -خىتاي باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى. مەلۇم بولۇشىچە، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى 4-دېكابىر ياۋروپا رەھبەرلىرىگە خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە قاتتىق قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇشى، خىتاي دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا باستۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتقان ئەھۋالدا ئۇنىڭ نورمال مۇناسىۋەت قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىشى ھەم ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلغانىدى.