رالف بۇنخې: «ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى 39 دۆلەتتىكى 200 مىليوندىن ئارتۇق خەلققە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىدۇر»

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنى «بۆلگۈنچىلەرنىڭ خەلقئارادىكى ئەڭ چوڭ بازىسى» دەپ قارىلىدى.

خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» 23-ئىيۇل ئۆزلىرىنىڭ ئىنگلىزچە نەشرىدە «ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى بۆلگۈنچىلەرنىڭ خەلقئارادىكى ئەڭ چوڭ بازىسىدۇر» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە مەزكۇر تەشكىلاتنى 1991-يىلى تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرىدىن دالاي لاما بىلەن ئەركىن ئالىپتېكىنلەرنىڭ قۇرۇپ چىققانلىقى، بۇ تەشكىلاتنىڭ تەيۋەن ۋە شىنجاڭنى خىتايدىن ئايرىپ چىقماقچى بولغان مىللىي بۆلگۈنچىلەر بىلەن ئالاقىسى بارلىقى، خىتاينى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقى، خەلقئارادىكى كۆپلىگەن بۆلگۈنچى تەشكىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاي ھاكىمىيىتى 2018-يىلى نيۇ-يوركتا چاقىرىلغان ب د ت نىڭ «ئاز سانلىقلار مۇنبىرى» يىغىنىدا مەركىزى گېرمانىيەنىڭ گۆتتىنگېن شەھىرىدە بولغان «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىمۇ «مىللىي بۆلگۈنچىلەر بىلەن ئالاقىسى بار، ب د ت دا كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتى يوق» دەپ ئەرز سۇنغان ئىدى. ئەمما ئامېرىكا باشلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ب د ت دا ئېلىپ بېرىلغان كەسكىن بەس-مۇنازىرىلەر نەتىجىسىدە خىتاي بۇ تەشكىلاتنى ب د ت دىن ھەيدەپ چىقىرىش، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ب د ت غا كىرىشىنى چەكلەش مەقسىتىگە يىتەلمىگەن ھەم دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆز ئالدىدىلا رەسۋا بولۇپ، مەغلۇپ بولغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەركىزى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى UNPO، يەنى «ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى» بىلەن گېرمانىيەدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» قانچە ئون يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئىزچىل قوللاپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە يار-يۆلەكتە بولۇپ كېلىۋاتقان، بەلگىلىك خەلقئارالىق تەسىرگە ئىگە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدۇر. خىتاي ھاكىمىيىتى يىللاردىن بۇيان د ئۇ ق غا قىلغان ھۇجۇملىرىدىن بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، ئەمدى ئۇيغۇرلارغا قىزغىن ھېسداشلىق قىلىۋاتقان خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى قارىلاشقا ئۆتكەن. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا خىتاينىڭ مەقسىتىنىڭ UNPO نىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى سۇندۇرۇش، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى يېتىم قالدۇرۇش ۋە ئۆزىگە شېرىك تېپىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» بايان قىلغىنىدەك، بۇ تەشكىلاتنىڭ نۆۋەتتە 39 دۆلەت ۋە رايوندا قانچە يۈز مىليونلىغان خەلققە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ئەزا تەشكىلاتلىرى بارىكەن. تەيۋەن، سومالىغا ئوخشاش مۇستەقىل دۆلەتلەرمۇ، كاتالونىيە، شەرقىي تۈركىستان، تىبەتكە ئوخشاش مۇستەملىكە رايونلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بۇ تەشكىلاتقا ئەزا ئىكەن. بۇ پىكىرلەرنى نەقىل قىلغان UNPO نىڭ ھازىرقى باش كاتىپى رالف بۇنخې (Ralph Bunche) ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا خىتاينىڭ بۇ ئەيىبلەشلىرىنىڭ تولىمۇ كۈلكىلىك ۋە بىمەنە بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ‹بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ بازىسى› بولغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان بۇ كۈلكىلىك ۋە بىمەنە ماقالىسىدىكى بايانلار تەشكىلاتىمىزنى ‹بۆلگۈنچىگە ئايلاندۇرۇش› مەقسىتىگە يىتەلمىگەن ھەم تېمىسىغا ئۇيغۇن كەلمىگەن. مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى مىللەتلەرگە ئۆز ئىرادىلىرىنى ئىپادىلەش ئىمكانى ۋە پۇرسىتى بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىمىز ھازىرلاپ بەرگەن پىكىر ئەركىنلىكى مۇنبىرىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى كېرەك. ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى 39 دۆلەت ۋە رايوندىكى 200 مىليوندىن ئارتۇق خەلققە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىدۇر. بۇ تەشكىلات تىنچ ئۇسۇللاردا ئۆزىنىڭ مىللىي ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىنى تاللىغانلارنىڭ جەمگاھى. بىزنىڭ بۇنى ئىسپاتلاشقا ئېھتىياجىمىز يوق ھەم خىتاينىڭ ئالدىدا ئۆزىمىزنى ئاقلاش مەجبۇرىيىتىمىز يوق. پۈتۈن دۇنيا UNPO نىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسسىداشلىقىمىزنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىدىن ۋە بۇ يولدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىمىزدىن خىتاي بىئارام بولغان بولسا، بۇنىڭدىن ئەجەپلەنمەيمىز».

«يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» ماقالىسىدە «ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە توختالغاندا جۇڭگونى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قاتتىق تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىگەن، بۇ توغرا ئەمەس» دەيدۇ. يەنە «UNPO ئامېرىكانىڭ جۇڭگونى تىزگىنلەش، شىنجاڭ ۋە تىبەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك قورالى» دەپ قارىلايدۇ. ماقالىدە «ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنى ئەڭ دەسلەپتە شىنجاڭ مۇستەقىلچىسى بۆلگۈنچى ئەركىن ئالىپتېكىن بىلەن دالاي لاما 14 قۇرۇپ چىققان. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى ئىچىدە ‹تەيۋەن مۇستەقىللىقى›، ‹تىبەت مۇستەقىللىقى›، ‹ئىچكى موڭغۇلىيە مۇستەقىللىقى› ۋە ‹شىنجاڭ مۇستەقىللىقى› نى تەرغىب قىلىدىغان بۆلگۈنچى كۈچلەر بار،» دېگەن جۈملىلەرگە ئورۇن بېرىدۇ.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان پېشقەدەم ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ UNPO ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان بۇ خىلدىكى قارىلاشلىرىنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوقلۇقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە ھازىر مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن گرۇزىيە، ئەرمەنىستان، لاتۋىيە، لېتۋا، ئېستونىيە، پالاۋ، شەرقىي تېمۇرغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا UNPO نىڭ ئاكتىپ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ب د ت نىڭ «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» پىرىنسىپىنى قورال قىلىپ تۇرۇپ، ھۆرلۈككە ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى ب د ت غا ئوخشاش خەلقئارالىق بىرلىكلەرگە سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنۇپلا قالماي، خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى پۇلنىڭ كۈچىگە تايىنىپ خىتاينى ئەيىبلەشتىن يالتايتىشقا، ۋاز كەچتۈرۈشكە، ھېچبولمىسا ئاۋازىنى بوغۇشقا كۈچەپ كېلىۋاتقانلىقى، كۈچى يەتمىگەنلىرىنى مانا مۇشۇنداق ھەرخىل شەكىللەردە قارىلاش ئارقىلىق نوپۇزىنى سۇندۇرۇشقا تېرىشىۋاتقانلىقى خېلىدىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىنمەكتە ئىدى.