ھېربېرت رىسنىڭ بىر ئېغىز خاتا سۆزى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ گېرمانىيەدە تېخىمۇ كەڭ تونۇلۇشىغا سەۋەبچى بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.04.19
VolkesWagon-Uyghur.jpg گېرمانىيەدىكى «سۈرەتلەر» گېزىتىدە 17-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان «ۋولكىسۋاگېننىڭ باشلىقى خىتايدىكى دەھشەتنى بىلمەس بولۇپ چىقتى» ناملىق زور ھەجىملىك ماقالە.
Photo: RFA

گېرمانىيەدىكى تىراژى ئەڭ يۇقىرى بولغان «سۈرەتلەر» گېزىتى 17-ئاپرېل «ۋولكىسۋاگېننىڭ باشلىقى خىتايدىكى دەھشەتنى بىلمەس بولۇپ چىقتى» ناملىق زور ھەجىملىك بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىغا يەنە «ئۇنىڭ ئەترىتى كرىزىس ئىچىدىكى شىنجاڭدا ماشىنا ياسىماقتا. 1 يېرىم مىليون ئۇيغۇر ئۇ يەردىكى جازا لاگېرلىرىغا قاماقلىق. خىتاي شىنجاڭدىكى پۇقرالىرىنى تولۇق نازارەت بىلەن ئىدارە قىلماقتا» دېگەن قوشۇمچە ماۋزۇلار قويۇلغان.

ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، 15-ئاپرېل شاڭخەيدىكى ماشىنا كۆرگەزمىسىدە ۋولكىسۋاگېن ماشىنا زاۋۇتىنىڭ باشلىقى ھېربېرت رىس BBC مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. مۇخبىر ماشىنا ھەققىدە سوئال سوراپ كېلىپ تۇيۇقسىزلا تېمىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يۆتكەيدۇ ۋە ئۇ يەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى قاماپ قىيناۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ھېربېرت رىس «خەۋىرىم يوق، كەچۈرۈڭ» دەپلا جاۋاب بېرىدۇ. بۇ جاۋاب مۇخبىر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن غەرب مەتبۇئاتلىرىدا زور غۇلغۇلا قوزغايدۇ.

ماقالىدا ئەسكەرتىلىشىچە، ھېربېرت رىسنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى ۋولفگاڭ بۈتنېر ۋە تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى ئۇلرىك دېلىيۇسلارنىڭ «سۈرەتلەر» گېزىتىگە بىلدۈرۈشىچە، ۋولكىسۋاگېن شىركىتى 2012-يىلى ئۈرۈمچىدە زاۋۇت قۇرۇشقا باشلىغاندىلا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقىدىن خەۋىرى بار ئىكەن. ئۇلار ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى شۇ زامانلاردىلا بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇللىرىغا ئاڭلاتقان. ھېربېرت رىسنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە «بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بېرىشىگە ئۇنىڭ راستىنىلا بىلمەيدىغانلىقى ئەمەس، ئەمەلىيەتتە بۇ تېمىغا كىرىشنى، بۇ مەسىلىگە چۈشەنچە بېرىشنى خالىمىغانلىقى سەۋەب بولغان.


ئىگىلىشىمىزچە، د ئۇ ق 2013-يىلى بۇ شىركەتنىڭ باش شتابىغا خەت يېزىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ۋە زاۋۇت ئىشچىلىرىنىڭ ئاز دېگەندە 30 پىرسەنتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن قوبۇل قىلىنىشىنى، رايوننىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرىغا ياردەملەردە بولۇشىنى تەلەپ قىلغان. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، د ئۇ ق بۇ يىل 2-ئايدىمۇ مەزكۇر شىركەتكە يەنە خەت يېزىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر باستۇرۇشلارغا، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە سۈكۈت قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان.

ماقالىدا تىلغا ئېلىنىشىچە، ۋولكىسۋاگېن ماشىنا شىركىتىنىڭ شاڭخەيدىكى زاۋۇتى 30 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەن. بۇ 30 يىلدا شىركەت 64 مىليارد ياۋرو ئوبوروت قىلغان. ئۈرۈمچىدىكى تارماق شىركىتى بولسا 2013-يىلى ئىشقا كىرىشكەن. ئىشچىلىرىنىڭ 25 پىرسەنتى ئۇيغۇرلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھاياتىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن بىر شىركەت ئىكەن. ئۈرۈمچىدىكى بۇ زاۋۇتنىڭ مەسئۇلى بولغان ھېربېرت رىسنىڭ خىتاي يولغا قويۇۋاتقان جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرىنى بىلمەسلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىكەن.
د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ماقالە ھەققىدە توختالغاندا ھېربېرت رىسنىڭ بىر ئېغىز خاتا سۆزى سەۋەبلىك گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى قايتىدىن بەس-بەستە بايان قىلىشقا باشلىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«سۈرەتلەر» گېزىتى ئېلان قىلغان بۇ ماقالىدا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ناھايىتى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان. ئۇنىڭدا سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىگە ئاساسلانغان لاگېرلارنىڭ ئورۇنلىرى، ب د ت نىڭ 3-ئايدا 1 يېرىم مىليون ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى ئاشكارىلىغانلىقى، پۈتۈن ئۇيغۇر رايونىنىڭ كامېرالارنىڭ نازارىتى ئاستىدا كونترول قىلىنىۋاتقانلىقى، ئاتا-ئانىسى لاگېرلارغا قامالغان سەبىي بالىلارنىڭ شارائىتى ناچار يېتىمخانىلارغا يىغىۋېلىنىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ماقالىدا يەنە لاگېرلاردا داۋالىنىش ئەسلىھەلىرىنىڭ يوقلۇقى، ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ مېڭىسى يۇيۇلىۋاتقانلىقى، تەن جازالىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى، دىنىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ قان تىپى، DNA ئەۋرىشكىلىرىنى توپلاش جەريانلىرى، بۇ يىل چاغاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى، قازاقلارنى چوشقا گۆشى يېيىشكە، ھاراق ئىچىشكە مەجبۇرلىغانلىقى، خىتاينىڭ پۈتۈن بىر مىللەت ئۈستىدىن مەدەنىيەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى تەپسىلىي بايان قىلغان.

ماقالىغا بېرىلگەن سىم توساقلار ۋە قاتمۇ قات بىخەتەرلىك قورشاۋى ئىچىدىكى لاگېرنىڭ سۈرەتلىرى ئاستىغا «ئۇيغۇرلار مانا مۇشۇنداق يەرلەردە تۇتۇلماقتا» دەپ چۈشەنچىلەر بېرىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.