خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كانادا ۋە گوللاندىيە پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن بىردەك «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلگەن، بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى ئىمبارگو ئېلان قىلغان بىر مەزگىلدە خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيەگە قىلىدىغان زىيارىتى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ قاتتىق دىققىتىنى تارتماقتا.
تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان بۈىلدۈرگۈسىدە خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ 24-مارتتىن 26-مارتقىچە تۈركىيەگە رەسمىي زىيارەتتە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. مەزكۇر بىلدۈرگۈدە يەنە يەنە ۋاڭ يىنىڭ بۇ قېتىمقى تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، رايون خاراكتېرلىق ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، ۋاڭ يىنى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ قوبۇل قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
تۈركىيەدىكى سىياسىي ئانالىزچىلار خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيەگە قىلىدىغان زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم ئۇچرىشىش بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.
تۈركىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ زىيارەتتە نۇقتىلىق ھالدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر مۇزاكىرە قىلىنغاندىن سىرت، يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسى، يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشى، كورونا ۋىروسى ۋاكسىنىسى ۋە ئەڭ مۇھىمى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تۈركىيەگە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇللاھ باشچى ئەپەندى، «ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى ۋە ئىستانبۇلدىكى ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندىلەر خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى توغرىسىدا كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ پەقەت تۈركىيەگىلا ئەمەس، بەلكى يەنە سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىران، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەيىن ۋە ئۇممان قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ زىيارەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بۇ زىيارىتىدىكى ئەڭ مۇھىم مەقسىتىنىڭ بارغانسېرى يالغۇز قېلىۋاتقان خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەرنى ئۆزىگە تارتىشقا ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ، ئامېرىكا باشلىق دېموكراتىيە بىلەن ئىدارى قىلىنىۋاتقان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەيدانىدا ئورۇن ئالغان ئىدى. تۈركىيە 1960-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن رەسمىي ئىلتىماس سۇنغان. تۈركىيە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رۇسيە فېدېراتسىيەسى ۋە خىتاي بىلەنمۇ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە تىرىشقان، شۇنداقلا بۇ دۆلەتلەر بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكلىك كېلىشىمىمۇ تۈزگەن ئىدى. مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى تۈركىيەنىڭ سىياسىي جۇغراپىيەلىك ئورنى جەھەتتىن ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە خىتاي ئۈچۈن مۇھىم بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ۋاڭ يىنىڭ زىيارىتى جەريانىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يېڭى يىپەك يولى، تىجارىي مۇناسىۋەت قاتارلىق مەسىلىلەردىن سىرت يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭمۇ چوقۇم ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
2017-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان سۈكۈتتە تۇرۇۋالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆكتىچى پارتىيەلەر تۈركىيە پارلامېنتىدا ئىزچىل ھالدا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە. بۇلاردىن بىرى پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندىدۇر. ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىم ۋاڭ يى تۈركىيەنىڭ مەخسۇس ھەيئەت ئەۋەتىپ ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن. فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى تۈركىيە تەرەپنىڭ خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. ئەمما ھۆكۈمەت بۇ مەسىلىدە سەمىمىي ئەمەس دەپ ئويلايمەن. تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ناۋادا شەرقىي تۈركىستانغا تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئەۋەتكەن تەقدىردىمۇ خىتاي ئۇلارنىڭ كۆزىنى بوياپ يولغا سېلىپ قويۇدىغانلىقىنى ياخشى بىلىمىز. شۇڭا تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ خالىغان جايلىرىغا بېرىپ، خالىغان كىشىلەر بىلەن كۆرۈشەلىشى كېرەك. خىتاي ئەگەر تۈركىيەنىڭ بۇ تەلىپىنى قوبۇل قىلسا، ئاندىن ھەيئەت ئەۋەتسە بولىدۇ، دەپ قارايمەن.»
ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى توغرىسىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇللاھ باشچى ئەپەندى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بولغان بېسىمى كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا نېمىلەرنىڭ دېيىلىدىغانلىقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ھەمدە بۇ زىيارەت جەريانىدا نېمە مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. پارتىيەمىز ۋە تۈرك خەلقى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت بۇنىڭغا قۇلاق سېلىشى كېرەك. بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بۇ ھەقتە جامائەت پىكرى توپلاۋاتىمىز. بۇ ھۆكۈمەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ ئويلايمەن.»
مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ قېتىم ۋاڭ يى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا بۇ مەسىلىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇش ئىھتىمالى بارلىقىنى تەكىتلىدى.
25-مارت تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدىغان كۈنى تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى ئەنقەرەدىكى گرەئەن پارك مېھمانخانىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار يەنە ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا ۋە ئىستانبۇلدىكى بەيازىت مەيدانىدا خىتايغا قارشى زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزىدىكەن.
