خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كانادا ۋە گوللاندىيە پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن بىردەك «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلگەن، بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى ئىمبارگو ئېلان قىلغان بىر مەزگىلدە خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيەگە قىلغان زىيارىتى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى ۋاڭ يىنىڭ زىيارىتىگە قارشى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇلار يەنە رەجەپ تايىپ ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىن ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشنى كەسكىن تۈردە ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان مۇنداق دېدى: «تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان بىلەن تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن كۆرۈشكەندە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دەرھال توختىتىشىنى، جازا لاگېرلىرىنى دەرھال ئېتىۋېتىشىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۇپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىنغان ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش ھوقۇقى، مىللىي مەۋجۇدىيىتىنى قوغداش ھوقۇقى، پىكىر ئەركىنلىكى، تۇغۇش ئەركىنلىكى، ياشاش ئەركىنلىكىگە ئوخشاش بارلىق ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلىمىز.»
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان تۈركىيە پۇقرالىرى ياكى ۋاقىتلىق تۇرۇش رۇخسىتى بىلەن تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇنداپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئىستانبۇلدىن ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرگە قاتنايدىغان ھاۋا يولىنىڭ قايتا يولغا قويۇلۇشىنى، تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كونسۇلخانا ئېچىشىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ساياھەت ئەركىنلىكى بېرىشىنى، خىتاينىڭ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. تۈركىيە ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستانغا بىتەرەپ تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئەۋەتىشى كېرەك.»

مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ تۈركىيەنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كېلىشىمىگە ئاساسەن خىتايغا ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتەلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كېلىشىمى ئاساسىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەنقىد قىلسا بولىدۇ. چۈنكى خىتاي مەزكۇر كېلىشىمدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى قوبۇل قىلماي، ئۆزى خالىغانچە قائىدە تۇرغۇزۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. دۇنيا نۇپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى قوبۇل قىلغان كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسىنى قوبۇل قىلماي، ئۆزىنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى باشقىلارغا تېڭىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئىنسانلارنى ئاللاھ ياراتتى، ئەمما خىتاي ئاللاھ بەرگەن ئەقەللىي ھەق ۋە ھوقۇقىمىزنى قولىمىزدىن تارتىۋالدى، بىزنىڭ ئۇنىڭغا قارشى كۆرەش قىلىشىمىز شەرت. شۇڭا غەرب ئەللىرى بۇنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتتى، ئەپسۇس، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن مۇسۇلمان دۆلەتلەر سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا تۈركىيە تەرەپ ۋاڭ يى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى شەرت.»
ئارقىدىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنىنى تەكىتلەشتى.
25-مارت كۈنى تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، رايون خاراكتېرلىق ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ۋاڭ يىنى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ قوبۇل قىلغاندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىغا كۆپ ساندا مۇخبىرلار ئىشتىراك قىلدى. مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى خىتاينىڭ خەلقئارادا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان «ئۇيغۇر مەسىلىسى بىزنىڭ ئىچكىي مەسىلىمىز، جازا لاگېرى يوق، تەربىيەلەش مەركىزى بار، 25 مىليون كىشى بەخت ئىچىدە ياشاماقتا» دېگەنگە ئوخشاش يالغان تەشۋىقاتلىرىنى قىسقىچە ئىزاھلاپ ئۆتتى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
25-مارت كۈنى تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى باشچىلىقىدىكى ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا، ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا «ئىيى» پارتىيەدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى. ئۇيغۇرلار ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا ۋە ئىستانبۇلدىكى بەيازىت مەيدانىدا خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى.