خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيەگە قىلغان زىيارىتى ۋە ئۇنى كۈتۈۋالغان تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا ئۇچرىدى. خەۋەر قىلىنىشىچە ئۇچرىشىشتا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ۋاڭ يىگە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە غەرب ئەللىرى بىلەن بىر مەيداندا ئورۇن ئالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. 25-مارت كۈنى ئەتىگەن ۋاڭ يى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشۈۋاتقاندا دېموكرات پارتىيەسى رەئىسى ئۇيسال گۈلتەكىن ئەپەندى، كېلەچەك پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ، ئىيى پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى ۋە سائادەت پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئابدۇلقادىر قارادۇمان ئەپەندىلەر بىرلىكتە خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا جەم بولۇپ، مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ۋاڭ يىنىڭ زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا مەتبۇئات باياناتى بېرىلىۋاتقاندا كېلەچەك پارتىيە رەئىسى سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ مۇخبىرلارلارغا بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ھۆكۈمەت خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى كۈتىۋېلىۋاتىدۇ. ھە دېسىلا ئېزىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئاۋازى بولىمىز دەۋاتقان ھۆرمەتلىك پرېزىدېنتىمىز رەجەپ تايىپ ئەردوغان خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلەرنى، ئۇيغۇر، قازاق ئاياللار دۇچار بولۇۋاتقان باسقۇنچىلىقنى، جازا لاگېرلىرىنى، دىنىي ئېتىقاتنى چەكلەشنى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلىنىشىنى، قۇرئاننىڭ كۆيدۈرۈلۈشىنى پۈتۈن دۇنيا كۆرۈۋاتىدۇ لېكىن بۇ ھۆكۈمەت كۆرمەيۋاتىدۇ. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنى كۈتسە كۈتسۈن، ئەمما خىتايدىن كېلىدىغان ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى دەپ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى ئويلاۋاتقان بولسا دەرھال ۋاز كەچسۇن، بىز بىرمۇ ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇشىلىشىغا رۇخسەت قىلمايمىز، ھۆكۈمەت خىتايدىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك».
دېموكرات پارتىيەسى رەئىسى ئۇيسال گۈلتەكىن ئەپەندى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك مۇخبىرلار، كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سائادەت پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى، ئىيى پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرى، بىز كۆڭلى بۇ يەردە ئەمما ئۆزى باشقا يەردە بولغان مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ئاۋازى بولۇش ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا جەم بولدۇق. ئىنسانىيەت تارىخىدا ئادەم قېلىپىدىن چىققان جازالاش ئۇسۇللىرىنى ئىجات قىلغان خىتاي ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەت ئالدىدا ھەرگىز سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمىز. خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا. خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي ۋە تىجارىي مەنپەئەتىنى دەپ يوشۇرۇپ قالالمايدۇ. شۇڭا تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۈگۈن ئەنقەرەگە كەلگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىغا ‹ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات› دېيىشىنى تەلەپ قىلىمىز».
كېيىن ئىيى يەنى «ياخشى» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاينى ئوچۇق ئاشكارا ئەيىبلىيەلمايۋاتىدۇ. بىز بۇنى توغرا چۈشىنىمىز. ئەمما تۈركىيە پارلامېنتى مۇستەقىل، تۈركىيە دۆلىتى ۋە تۈرك مىللىتى نامىدىن خىتايغا قارشى ئورتاق قارار ماقۇللاپ خىتاينى ئەيىبلىيەلمەمدۇ؟ ئەپسۇسكى پارتىيەمىز، تۈركىيە پارلامېنتى رەئىسىگە سۇنغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى تېخى مۇزاكىرىگە قويۇلمىدى. نېمە بەدەل تۆلىسەك تۆلەيلى خىتاينىڭ بۇ زۇلۇمىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن مۈرىنى مۈرىگە تىلەپ كۈرەش قىلىمىز. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللاۋاتقان بارلىق سىياسىي پارتىيە ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا رەھمەت ئېيتىمىز».
پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا يەنە مۇنداق دېدى: «بىز شۇنى دېمەكچىمىزكى، زۇلۇم ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلار زۇلۇمغا ئورتاق بولغان بولىدۇ. ئىمانىمىز ۋە دىنىي ئېتىقاتىمىز بويىچە بۇ زۇلۇمغا قارشى نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز، خىتايغا قارشى كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك».
ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيەگە ئېلىپ بارغان زىيارىتىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ خۇلاسىلەپ ئۆتتى.
25-مارت كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي مۇناسىۋەت، رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر، خىتايدىن سېتىۋالغان 50 مىليون ۋاكسىنىنىڭ قالغان قىسمىنىڭ تۈركىيەگە قاچان ئېلىپ كېلىنىدىغانلىقى قاتارلىقلار توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى. يەنە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تۈركىيە زىيارىتى قاتارلىق تېمىلاردىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. ئىگىلىشىمىزچە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەييارلىغان بىر دوكلات سۇنغان بولسىمۇ، تۈركىيەدىكى ئاخباراتلاردا بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى. سىياسىي ئانالىزچىلار ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بۇنىڭ ئاشكارىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.