ۋاڭ يىنىڭ ياۋروپا زىيارىتى ئۇيغۇر مەسىلىسى سەۋەبلىك تەنقىدكە ئۇچرىماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2023.02.16
Wang-Yi-Catherine-Colonna-2023.jpg فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاتېرىن كولوننا پارىژدا خىتاينىڭ تاشقىي ئىشلارغا مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى، 2023-يىلى 15--فېۋرال، پارىژ، فرانسىيە.
Reuters

ۋاڭ يىنىڭ ياۋروپا زىيارىتىنىڭ خىتاي-ياۋروپا مۇناسىۋەتلىرىنى يۇمشىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئەنگىلىيە زىيارىتى كۈچلۈك قارشىلىقلاردىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، ب د ت نىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى كومىتېتى جەنۋەدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاساس قىلىپ خىتاينىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلارغا ھۆرمەت قىلىش مەسىلىسىنى كۆزدىن كۆچۈرىۋاتقان بىر چاغدا، خىتاينىڭ تاشقىي ئىشلارغا مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ۋاڭ يى ياۋروپا زىيارىتىنى باشلىغان.

خۇددى ئەركىن تۇنىيازغا ئوخشاشلا، ۋاڭ يىنىڭ ياۋروپا زىيارىتىمۇ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشىلىقلىرىغا ئۇچرىغان. گېرمانىيەنىڭ «ئاخبارات كۆزنىكى» قانىلى 15-فېۋرال ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ باش دېپلوماتى ميۇنخېن خەۋىپسىزلىك يىغىنىدا: ۋاڭ يىنىڭ سېھىرلىك ھۇجۇمى ھېچكىمنى ئالدىيالمايدۇ» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى 15-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، ۋاڭ يىنى «كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىلىق دەپسەندە قىلىنىدىغان دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ» دېگەن ھەمدە «ۋاڭ يىنىڭ خوجايىنى شى جىنپىڭ شەخسىيەت ۋە ئىدىيە جەھەتتىن ۋىلادېمىر پۇتىنغا ئوخشاش» دەپ ئاتاپ، ۋاڭ يىنىڭ ھىيلە-مىكىرلىك ئىبارىلىرىگە ئالدانماسلىقنى ئاگاھلاندۇرغان.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئۈزۈلمەي داۋاملاشماقتا. يۈزمىڭلىغان مەھبۇسلارنىڭ ئاياللىرى، ئاچا-سىڭىللىرى ۋە ئانىلىرى خورلانماقتا، باسقۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنماقتا. ئۇلارنىڭ بالىلىرى دۆلەتنىڭ ياتاقلىق مەكتەپلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ مەجبۇرىي ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنماقتا.»

د ئۇ ق دىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا قارىغاندا، 17-فېۋرال كۈنى «ميۇنخېن خەۋىپسىزلىك كېڭىشى» يىغىنى ئۆتكۈزىلىۋاتقان دەقىقىلەردە، د ئۇ ق مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ۋاڭ يىنىڭ زىيارىتىگە قارىتا نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرىدىكەن. بىزنى بۇ خۇسۇستىكى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىگەن د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن ئالاقىسى بولغان ۋاڭ يىنىڭ بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلىنىشىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، ئەگەر غەرب دۆلەتلىرى ئۈچۈن خىتاي بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈش زۆرۈرىيىتى بولغان تەقدىردە، بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋاڭ يىدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى جىددىي سۈرۈشتۈرىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ياۋروپا خەۋەرلىرىدە بايان قىلىشىچە، ۋاڭ يى 15-فېۋرال كۈنى پارىژغا يېتىپ كېلىپ، فرانسىيە پرىزدېنتى ماكرون بىلەن «ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى تېنىچ ھەل قىلىش» توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن. «رۇسىيەنى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئېلىپ كېلىش» بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بولغان. ۋاڭ يى يەنە ئىتالىيە، ۋېنگىرىيە، رۇسىيە زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرى، 17-فېۋرال گېرمانىيەدە ئۆتكۈزىلىدىغان «ميۇنخېن خەۋىپسىزلىك كېڭىشى» يىغىنىغا قاتنىشىپ، خىتاينىڭ داۋاملىق «تىنچ تەرەققىيات يولى»دا ماڭىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.

ۋەزىيەت ئانالىزچىسى دىلشات رېشىتنىڭ قارىشىچە، ۋاڭ يىنىڭ ياۋروپا زىيارىتىنىڭ مەقسىتى، بارغانسېرى يالغۇز قېلىۋاتقان خىتاينى قۇتۇلدۇرۇش ۋە كۈنسېرى ئامېرىكا تەرەپكە ماھىل بولۇۋاتقان ياۋروپانى ئۆزىگە تارتىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 16-فېۋرال ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ئانتونىي بلىنكېن ئەپەندىمۇ گېرمانىيە، گېرتسىيە ۋە تۈركىيە زىيارىتىنى باشلايدىكەن. ئىككى دۆلەت تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىرىنىڭ «ميۇنخېن خەۋىپسىزلىك كېڭىشى» يىغىنىدا ئۇچرىشىدىغان-ئۇچراشمايدىغانلىقىنى ئالدىن ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدىكەن. بىراق ۋاڭ يىنىڭ بۇ قېتىمقى ياۋروپا زىيارىتىنىڭ تۈپ مەقسىتىنىڭ كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقان خىتاي-ياۋروپا مۇناسىۋەتلىرىنى يۇمشىتىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.