خىتاي دىپلوماتى ۋاڭ يىنىڭ بايانلىرى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ «ئىرقچى» تەبىئىتىنى ئاشكارىلاپ قويدى

0:00 / 0:00

«غەربلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى جۇڭگولۇق، ياپون ۋە جەنۇبىي كورېيەلىكلەرنى ئايرىم دەپ بېرەلمەيدۇ»، «چېچىمىز قانچىلىك سېرىق بويىساق ياكى بۇرنىمىزنى قانچىلىك ئۆتكۈر ئۆزگەرتسەكمۇ، بىز ھەرگىزمۇ ياۋروپالىق ياكى ئامېرىكالىق بولالمايمىز، بىز ھەرگىزمۇ غەربلىك بولالمايمىز، يىلتىزىمىزنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك» دېگەن بۇ سۆزلەر خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ يىنىڭ كۆز قاراشلىرىدۇر. ئۇ، بۇ سۆزلەرنى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى 2023-يىللىق خىتاي، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغانىدى.

خىتاينىڭ سىنا، CGTN قاتارلىق ئاساسلىق تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، خىتاي، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە ئۈچ دۆلەت مۇنبىرى 20 يىل ئىلگىرى تۇنجى بىرلەشمە خىتابنامىسى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شەرقىي ئاسىيادىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، شۇنداقلا رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

ۋاڭ يى يىغىندا 3 دۆلەتنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسىنىڭ رايونلۇق تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە رايون ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن رايون ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى يولغا قويۇشقا چاقىرغان.

خىتاينىڭ تەشەببۇسى يەنە ئورتاق خىرىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆزئارا ياردەمنى كۈچەيتىش، يۇقۇمنى كونترول قىلىش، ئوكياننى باشقۇرۇش، كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ۋە دۆلەت ھالقىغان جىنايەتلەرگە قارشى تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ھالبۇكى ۋاڭ يىنىڭ بۇ ئىككىلا قوشنىسىغا ئاشكارا ھالدا « ئاسىيا» لىق ئورتاق ئىرقى ئايرىمىسىنى سىياسىي مەقسەتلىرى ئۈچۈن قوللىنىشقا ئۇرۇنۇشى غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك تەنقىدىي ئىنكاس قوزغىماقتا.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئىيۇل تارقاتقان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە: « خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە ئامېرىكا بىلەن بولغان ئۈچ تەرەپ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار بىلەن يوشۇرۇن سۈركىلىش ئېلىپ باردى ۋە بۇ ئىككى قوشنىسىنى ‹يىلتىزى› نى ئەستە تۇتۇشقا ۋە ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشقا چاقىردى» دەپ كۆرسىتىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى ۋاڭ يى مۇنبەردە قىلغان سۆزىدە ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى تەكىتلەپ يەنە مۇنداق دېگەن: «رايون سىرتىدىكى بىر قىسىم ئاساسلىق دۆلەتلەر ئىدىيە جەھەتتىكى پەرقنى قەستەن مۇبالىغە قىلىپ، ھەر خىل ئالاھىدە كىچىك چەمبىرەكلەرنى توقۇپ، ھەمكارلىقنى قارشىلىشىش ۋە ئىتتىپاقلىقنىڭ بۆلۈنۈشى بىلەن ئالماشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ».

خەۋەردە ۋاڭ يىنىڭ بۇ بايانلىرىنىڭ ئامېرىكاغا قارىتىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزلىرى دائىم خىتاينى «زومىگەرلىك» بىلەن ئەيىبلەيدىغان ئۇنىڭ باش رەقىبى ئامېرىكانى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋاڭ يىنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى يەنە شى جىنپىڭنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تاشقى سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشى» نى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 5-ئىيۇل چارشەنبە كۈنىدىكى بېيجىڭدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەن.

CNNنىڭ بۇ ھەقتىكى7-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان ياپونىيە ھەمدە جەنۇبىي كورېيەدىن ئىبارەت ئىككى قوشنىسى بىلەن بولغان زىددىيىتى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە. ۋاڭ يىنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى بولسا ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ۋە ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى ياخشىلىشى نەتىجىسىدە بېيجىڭنىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرىنىڭ ئاجىزلىشىش ئەندىشىلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان. خەۋەردە: «چۈنكى بۇ ئىككى دۆلەت يەنە تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىيلىكلەر توغرىسىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى . بۇ، توكيو ۋە سېئۇلنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بۇ، بېيجىڭنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى» دەپ كۆرسىتىلگەن.

BBC نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ۋاڭ يىنىڭ سۆزىگە قارشى تىۋىتتېردا پەيدا بولغان ئاشكارا تەنقىدىي ئىنكاسلارغا ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، بەزى ئوبزورچىلار يەنە ۋاڭنىڭ بۇ سۆزىنىڭ ياپونىيەنىڭ 20-ئەسىردىكى «بۈيۈك شەرقىي ئاسىيا ئورتاق گۈللىنىش» شوئارىنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

خىتايدىكى ئامېرىكا سودا بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى جېمىس زىمېرمەن ( James (Zimmerman تىۋىتتېردا « ۋاڭ يىنىڭ سۆزى بىپەرۋالىق ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىق، بەختكە قارشى بۇ پەقەت تېخىمۇ كۆپ بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دەپ ئىنكاس يازغان.

گېرمانىيە مارشال فوندىنىڭ ئاسىيا پروگراممىسى دىرېكتورى بوننىي گلايسېر ( Bonnie Glaser )تىۋىتتېردا مۇنداق دەپ يازغان: «بۇ ئۇچۇر ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەگە توغرا كەلمەيدۇ. ۋاڭ يى راستىنىلا دۆلەت مەنپەئەتىنى تاشقى كۆرۈنۈشتىن مۇھىم ئەمەس دەپ ئويلامدۇ؟ ».

جورجىتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئامېرىكا - خىتاي يەرشارى مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى دېننىس ۋايلدېر ((Dennis Wilder ۋاڭ يىنىڭ بايانلىرىنى « خېلى بۇرۇندىنلا مەۋجۇت» دەپ تەسۋىرلىگەن ۋە بۇنى« خىتاي دىپلوماتىيەسىدىكى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قەبىھ ئىرقچىلىق بايانلىرى» دېگەن.

«ياپونىيە ۋاقتى »گېزىتى 4-ئىيۇل خەۋىرىدە «ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ شەرقىي پورت شەھىرى چىڭداۋدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئۈچ تەرەپلىك ھەمكارلىق مۇنبىرى دائىرىسىدە قىلغان سۆزى سېئۇل بىلەن توكيونىڭ خىتاينىڭ قەتئىيلىكى ۋە يادرو قورالى بولغان شىمالىي كورېيەنىڭ قايتا-قايتا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشى توغرىسىدىكى ئورتاق ئەندىشىسى سەۋەبىدىن ۋاشىنگتون بىلەن تېخىمۇ ماسلىشىشىغا ئەگىشىپ ئوتتۇرىغا چىقتى» دەپ يازغان.

ۋاڭ يىنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى راخم ئېمانۇئېل قاتارلىق ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغانلىقى تەكىتلەنگەن بولۇپ، ئۇ، تىۋىتتېر سەھىپىسىدە « ھەقىقىي ئىتتىپاقنى شەكىللەندۈرىدىغان ئامىل ۋاڭ يى ئوتتۇرىغا قويغاندەك تېرە رەڭگى ياكى چاچ رەڭگى ئەمەس، بەلكى ئورتاق قىممەت ۋە مەنپەئەت» دەپ يازغان ئىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە ئەمەلىيەتتە خىتاي بىلەن ياپونىيە ۋە كورېيەدىن ئىبارەت ئامېرىكانىڭ ئىككى ئىتتىپاقدىشى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈنسېرى كۈچەيمەكتىكەن.

«يەرشارى ئىستراتېگىيە كۆزنىكى» نىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئىشلىرى مۇخبىرى سې خون كىم(

(Se Hoon Kim رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ۋاڭ يىنىڭ سۆزلىرىدىن خىتاينىڭ ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەگە قارىتا ئاسىيالىق قارتىنى ئوينىشىنىڭ خىتاينىڭ ئەندىشىگە چۈشكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:

«ۋاڭ يىنىڭ بۇ سۆزى جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئامېرىكا ۋە ياپونىيە بىلەن قايتا تەشكىللىنىشكە يېقىنلىشىۋاتقان پەيتىگە توغرا كەلدى. چۈنكى ۋاڭ يىنىڭ ئىنكاسلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كورېيەلىكلەرنىڭ نېمىنى قوللايدىغانلىقىنى ياكى قوللىمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ تەيۋەن مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغاندەك قىلىدۇ. بۇ پەقەت جەنۇبىي كورېيەدە ئەۋج ئېلىۋاتقان خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىگە قارشى ئاۋامنىڭ ئاچچىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نۇرغۇن مىساللارنىڭ بىرى. ئۇنىڭدىن باشقا، كورېيە شىركەتلىرى بىر قەدەر تېز سۈرئەتتە خىتايدىن چېكىنىپ چىققاندەك قىلىدۇ، بۇ خەلقئارانىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇۋاتىدۇ. مېنىڭچە، خىتاي جەنۇبىي كورېيە، ياپونىيە ۋە ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرلەشمە فرونتىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋە ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق ئالدىنى ئالىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۈمىدسىزلىنىش ھالىتىدە تۇرغاندەك قىلىدۇ ».

ۋاڭ يىنىڭ خىتاينىڭ ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەنى ئۆزىگە يېقىن تارتىش ئۈچۈن « ئاسىيالىق» ئورتاقلىقىنى كۆتۈرۈپ چىققانلىقىدەك ئىرقچى تاشقى سىياسىتى تەنقىدلىنىپلا قالماي ئەمەلىيەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى ئىرقچى سىياسەتلىرىنىڭ قايتىدىن تەنقىدلىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر قىسىم خىتاي ۋە ئۇيغۇر كۈزەتكۈچىلەرنىڭ قارشى ئىنكاسلىرىمۇ زور غۇلغۇلا ۋە دىققەت قوزغىماقتا.

خىتاي ھەققىدىكى تەتقىقاتتا غەرب دۇنياسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىي ئانالىزچى، گەيىتسىتون ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى ۋە مەسلىھەتچىسى گوردون چاڭ (Gordon G. Chang) ئەپەندى، ۋاڭ يىنىڭ بايانلىرىنى « ئىرقچىلىق» بىلەن ئەيىبلىگەن. ئۇ تىۋىتتېرغا مۇنداق دەپ يازغان.

«بىز نېمە ئۈچۈن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىرقچىلىق سۆزىگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؟ چۈنكى بۇ ئۇنىڭ ئىرقچى رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي بولمىغانلارغا ۋەھشىيلىك قىلىشىغا يول قويىدۇ ».

ئامېرىكادىكى خىتاي ئۆكتىچى «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى، دوكتور ياڭ جيەنلى رادىيومىزدا ئۆزىنىڭ تىۋىتتېردىكى ئىنكاسىنى ئورتاقلاشتى. ئۇ : « مەن ئىزچىل ۋاڭ يىدىن شۇ سوئالنى سوراشنى ئويلاپ كەلگەنىدىم: سىزنىڭ لوگىكىڭىزغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار تېرىسىنى قانچە سېرىق رەڭدە بوياپ، چىراي ئۆزگەرتىش ئوپېراتسىيەسى قىلغان تەقدىردىمۇ ئۇلار سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزدەك خىتايغا ئايلىنالمايدۇ. ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار خىتايلار بىلەن قانداق مۇناسىۋەت قۇرۇشى لازىم؟ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ مىللەتچىلىكى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا بىر بىرىگە ئوخشىمايدۇ. تاشقى جەھەتتىن ئۇ ئامېرىكا ۋەكىللىكىدىكى ئاتالمىش غەربكە قارشى تۇرىدۇ. ئىچكى جەھەتتە، ئۇ سىياسىي مۇستەملىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى مۇستەملىكە قىلىدۇ. خوڭكوڭ ھەم تەيۋەننىمۇ مۇستەملىكە قىلىشقا ئۇرۇنماقتا» دەپ يازغان.

ياڭ جيەنلى يەنە تىۋىتتېر سۇپىسىدا ئېلان قىلغان بۇ ئىنكاسلىرىنىڭ ئاخىرىدا « ‹5-ئىيۇلنى› خاتىرىلەيمەن» دەپ ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ئامېرىكادىكى مۇستەقىل ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ۋاڭ يىنىڭ بايانلىرىغا قارشى مۇنداق دېدى: «ۋاڭ يىنىڭ ئېيتقانلىرى خىتاينىڭ يالغۇز قېلىۋاتقانلىقتىن ئۆزىگە ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويۇۋاتقانلىقىنى، بارغانچە ئەندىشىگە چۆكۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدى. ئەخمىقانە ئىرقچى بايانلارنى قىلغان ئاتالمىش دىپلومات ۋاڭ يىغا شۇنى دېگۈم كېلىدۇ، خۇددى خىتايلار ھەر قانچە ھۆسنىنى تۈزەپ غەربلىككە ئوخشىۋالسىمۇ غەربلىك بولالمىغاندەك، ئىرقچى خىتاي ھۆكۈمىتى ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنى مىليونلاپ لاگېرلارغا قاماپ، مېڭىسىنى يۇيۇپ ھەتتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىپمۇ خىتايغا ئۆزگەرتەلمەيدۇ. شۇڭا خىتاي بۇ ئەخمىقانە ئۇرۇنۇشىنى توختىتىپ، ۋەتىنىمىزدىن چىقىپ كەتسۇن».