ۋەنخې كىيىم-كېچەك فابرىكىسىدىن قاچقان 4 ئۇيغۇر قىز مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېلىنگەن ۋە تاياق يېگەن

0:00 / 0:00

ئالاقىدار خادىملارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مارالبېشىدىكى ۋەنخې كىيىم-كېچەك فابرىكىسىدا مەجبۇرىي ئىشقا سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىدىن 4 نەپىرى ئۆتكەن يىلى روزا مەزگىلىدە فابرىكىدىن قاچقان. فابرىكىدىكى مەسئۇل خادىم كەنت كادىرلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا بۇ 4 نەپەر قىزنى بىرقانچە كۈننىڭ ئىچىدە فابرىكىغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ ئەكەلگەن. ئاتا-ئانىسى لاگېرغا ئەكېتىلىش بىلەن قورقۇتۇلغان بۇ قىزلار فابرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ تىل ۋە ھاقارەتكە ئۇچرىغان. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

100 ئەتراپىدا ئۇيغۇر قىزىنىڭ مەجبۇرىي ئىشقا سېلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان مارالبېشىدىكى ۋەنخې كىيىم-كېچەك فابرىكىسى ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، مەزكۇر فابرىكىدىن ئۆتكەن يىلى روزا ھېيت ھارپىسىدا 4 نەپەر قىزنىڭ ئۆيىگە قاچقانلىقى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ فابرىكىدا بىر نەپەر ئامانلىق خادىمىدىن باشقا «مۇئەللىم» دەپ ئاتالغان تۇرسۇنگۈل مەمتىمىن ئىسىملىك بىر مەسئۇل خادىم بولۇپ، ئۇ، فابرىكىدىكى ئىشچىلارنىڭ ئىنتىزامى ۋە ئىش ئۈنۈمىنى نازارەت قىلىدىكەن. دېيىلىشىچە، ئۇرۇش ۋە تىللاش، بۇ خادىمنىڭ ئىشچىلارنى باشقۇرۇشتىكى ئاساسلىق بىر مېتودى بولۇپ قالغان. مەزكۇر فابرىكىغا ئىشچى توپلاش ۋە يوللاشتا ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر كەنت مەسئۇلىنىڭ بايان قىلىشىچە، فابرىكىدىن قاچقان 4 نەپەر قىز، يەكەننىڭ چارىباغ يېزىسىدىن بولۇپ، ئۇلار تۇرسۇنگۈل مەمتىمىننىڭ دەرھال ھەرىكەتكە كېلىشى ۋە چارىباغدىكى كەنت مەسئۇللىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ئۆيلىرىدىن فابرىكىغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېلىنگەن. دېيىلىشىچە، تۇرسۇنگۈل مەمتىمىن ۋە كەنت مەسئۇللىرى فابرىكىدىن قاچقان قىزلارغا، ئەگەر فابرىكىغا دەرھال قايتىپ بارمىسا ئاتا-ئانىسىنىڭ «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قورقۇتقان. ئۇلار فابرىكىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، يەنە تىل ھاقارەتكە ئۇچرىغان.

مەزكۇر خادىمنىڭ يەنە بايان قىلىشىچە، يېقىندا فابرىكىدىكى بىر ئىشچى ھارغىنلىقتىن ھوشىدىن كەتكەن ئەھۋالدىلا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. ئۇ دوختۇرخانىدا بىرقانچە كۈن داۋالانغاندىن كېيىن، تولۇق ساقىيىش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتماقچى بولغىنىدا، مەسئۇل خادىم تۇرسۇنگۈل مەمتىمىن تېلېفوندا تەھدىت سېلىپ، ئۇنى دوختۇرخانىدىن ئۇدۇل فابرىكىغا قايتۇرۇپ ئەكەلگەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان، مەزكۇر فابرىكىنىڭ ئامانلىق خادىمى، بۇ فابرىكىدا 14 نەپەر ئىشچىنىڭ ئىلگىرى‏-كېيىن بولۇپ فابرىكىدىن قېچىشقا ئۇرۇنۇپ باققانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ بۇ جەرياندا ئۆتكەن يىلى روزا ھېيتتا يۈز بەرگەن 4 نەپەر قىزنىڭ قېچىش ۋەقەسىنىمۇ دەلىللىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ 4 نەپەر قىز قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، بىر مەرتەم ئېغىر «تەنقىد-تەربىيە» دىن ئۆتكۈزۈلگەن. بۇنداق ئېغىر «تەربىيە» نىڭ داۋاملىق بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بۇ خادىم، يېقىندىن بۇيان ئىشچىلارنىڭ ئۆز تەقدىرىگە تەن بەرگەنلىكى ۋە «قاچمايدىغان» بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.