ۋارىس ئابابەكرى كىم، ئۇ قانداق ئۆلدى؟ (1)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.11.28
Waris-ababekri.jpg 1980-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ۋارىس ئابابەكرىنىڭ ئالبومىدىن كۆرۈنۈشلەر.
Oqurmen Teminligen

1980-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ۋارىس ئابابەكرىنىڭ ئۆلۈمى غۇلغۇلا قوزغىماقتا.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ئىككى يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن لاگېر ياكى تۈرمىلەردىن پەقەت ئۆلۈم گىردابىغا كېلىپ قالغان تۇتقۇنلارنىلا قويۇپ بېرىۋاتقانلىقى، قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ بىر ھەپتە بىلەن بىر ئاي ئارىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار كەڭ تارقىلىپ كەلمەكتە ئىدى. ۋارىس ئابابەكرىنىڭ ئۆلۈمى بۇنىڭ يەنە بىر دەلىلى بولۇپ قالدى.

1980-يىللاردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ۋارىس ئابابەكرىنىڭ 24-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە «كېسەللىك سەۋەبى» دىن قازا قىلغانلىق خەۋىرى ئاشكارىلاندى. ئىگىلىنىشىچە، ۋارىس ئابابەكرى ئاخىرقى قېتىم بۇ يىل 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن ۋە قويۇپ بېرىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىنلا «كېسەللىك سەۋەبى» دىن قازا قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋارىس ئابابەكرىنىڭ ئۆلۈمى مۇناسىۋىتى بىلەن 27-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىگە قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

ئالاقىدار مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ۋارىس ئابابەكرى 1966-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1983-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1985-يىلىدىكى «12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار نامايىشى» نى تەشكىللەشكە قاتناشقان. 1987-يىلى دولقۇن ئەيسا، روشەن ئابباس قاتارلىق ساۋاقداشلىرى ۋە مەكتەپداشلىرى بىلەن بىرگە «ئىستۇدېنتلار پەن-مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى» نى قۇرۇپ مەدەنىي ئاقارتىش، ساۋاتسىزلىقنى يۇيۇش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. مەزكۇر ئۇيۇشمىنىڭ باش كاتىپى ۋە بۇ ئۇيۇشما نەشر قىلغان «پەن ۋە مەدەنىيەت» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى بولغان. 1988-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنى تەشكىللىگەنلىكى ئۈچۈن شۇ يىلى 9-ئايدا دولقۇن ئەيسا بىلەن بىرگە مەكتەپتىن قوغلانغان. 1994-يىللىرى ئۇ «يولچىلار» پەن-تېخنىكا ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتىنى قۇرۇپ، پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى يېزىلارغا قەدەر ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشقان. 2000-يىللاردىن باشلاپ سېنارىيەلەر يېزىشقا، فىلىملار ئىشلەشكە، رېژىسسورلۇق قىلىشقا، ژۇرناللار نەشر قىلدۇرۇشقا باشلىغان. كۆپ قېتىم ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، يەنە قويۇپ بېرىلگەن. ئاخىرقى قېتىم 2019-يىلى 1-ئايدا نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن لاگېرغا قامالغان.

ئەلۋەتتىكى، ئۇنى تونىغۇچىلار ئۈچۈن ۋارىس ئابابەكرى توغرىسىدىكى بۇ مەلۇماتلار ئۇنىڭ كىملىكىنى يورۇتۇپ بېرىشكە، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىرىنى ئېچىپ بېرىشكە يېتەرلىك ماتېرىيال بولالمايدىكەن.

ئۇنداقتا، ۋارىس ئابابەكرى زادى كىم؟ ئۇ زادى قانداقلارچە ھاياتىدىن ئايرىلدى؟

بىز بۇ سوئالىمىزغا ۋارىس ئابابەكرىنىڭ ئەينى زاماندىكى ساۋاقدىشى، سەپدىشى، دوستى بولغان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاي مۇھاجىرلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مەمەت توختى ۋە «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىملار جاۋاب بەردى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋارىس ئابابەكرىنىڭ 1985-يىلىدىكى 12-دېكابىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى بولۇپلا قالماي، شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدە ئەينى زاماندا زور تەسىر قوزغىغان «ئىستۇدېنتلار پەن-مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى» نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغانلىقىنى، خىتاينى بىئارام قىلغان نۇرغۇن پائالىيەتنى زامانىدا ۋارىس ئابابەكرى بىلەن ئورتاق پىلانلىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

كانادادا ياشايدىغان د ئۇ ق مۇھاجىرلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مەمەت توختى ئەپەندىمۇ مەرھۇم ۋارىس ئابابەكرىنىڭ ئۆز زامانىدىكى يېقىن دوستى، سەپدىشى بولۇپ ئۆتكەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ۋارىس ئابابەكرى ھەققىدە توختالغاندا «ۋارىس ئابابەكرى ۋەتىنىمىز يېتىشتۈرگەن ئەڭ ئېسىل ئوغلانلارنىڭ بىرى ئىدى،» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى ھەمدە ئۆزىنىڭ ۋارىس ئابابەكرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ۋارىس ئابابەكرىنىڭ ئۆلۈمىدىن قاتتىق قايغۇرغان ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم بۇ خۇسۇستا توختالغاندا، ۋارىس ئابابەكرىنى ئوتتۇرا مەكتەپتىن تارتىپلا تونۇيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئائىلە تەربىيەسى نەتىجىسىدە كىچىكىدىنلا ۋەتەن-مىللەت تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ياشايدىغان بىر ياشقا ئايلانغانلىقىنى، ئۇنىڭ ناھايىتى ئىلغار كىشىلىك پەزىلەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ھالبۇكى، 1988-يىلى 9-ئايدا ئالىي مەكتەپتىن قوغلانغاندىن تارتىپ تاكى 2019-يىلى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىن چىقىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلغانغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا ۋارىس ئابابەكرى خىتاينىڭ ئىزچىل ھالدا يوقىتىش نىشانى بولۇپ كەلگەن ۋە كۆپ قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇنىڭ خىتاي بېسىمىدىن قۇتۇلۇپ، ئەركىن دۇنياغا ھىجرەت قىلىش چۈشى ئەمەلگە ئاشماستىنلا، ھاياتى جازا لاگېرلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان. بۇ ھەقتە كېلەركى قېتىملىق پروگراممىمىزدا ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.