سابىق ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى رەھبەرلىرىدىن بىرى ۋارىس ئابابەكرىنىڭ لاگېردىن چىقىپ ئۆلگەنلىكى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

1988-يىلدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى ۋارىس ئابابەكرىنىڭ نويابىرنىڭ بېشىدا لاگېردىن چىققانلىقى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەنلىكى جەمئىيەت خەۋەرلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلانغانىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار سىياسىي قانۇن ئورگانلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، ئۇنىڭ لاگېردىن چىقىپ جان ئۈزگەنلىكى ۋە مېيىت نامىزىنىڭ نوغاي مەسچىتتە چۈشۈرۈلگەنلىكى دەلىللەندى.

ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىيومىزغا بايان قىلىشىچە، لاگېردىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ھاياتىدىن ئايرىلغان سابىق پائالىيەتچى ۋارىس ئابابەكرىنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبىنى تەخمىن قىلىش قېيىن ئەمەس؛ مەسىلەن ئۇنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ھەيدىلىشىگە سەۋەب بولغان ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشىدىن تارتىپ، ئىشلىگەن فىلىملىرىدىكى نازۇك تېمىلارغىچە ۋە ھەتتا ئۇنىڭ كېيىنكى يىللاردا چەتئەلگە چىقىشقا ئۇرۇنۇشلىرىغىچە كۆپلىگەن ئىش ھەرىكىتى يېقىنقى 3 يىلدىكى سىياسىي قۇيۇندا ئۇنىڭ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈشىگە يېتەرلىك باھانىدۇر ؛ بۇ يەردە پەقەت سىرلىق بولۇۋاتقىنى ئۇنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى بولۇپ، دائىرىلەر ۋارىس ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرالغۇسىنى نازارەت ئاستىغا ئالغان؛ ئائىلە ئەزالىرى ۋارىسنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ئارتۇقچە گەپ قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 1988-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ھەيدەلگەندىن كېيىن تىجارەت، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە ئاخبارات قاتارلىق ھەر ساھەدە مۇستەقىل ئىش قىلىپ كەلگەن ۋارىس ئابابەكرى كۆپىنچە ھاللاردا دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدا ئىستىقامەت قىلغان ۋە خىزمەت قىلغان؛ شۇڭا بىز ئالدى بىلەن دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلىپ ئۇنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. خادىملاردىن بىرى ۋارىس ئابابەكرىنى تونۇمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىنمۇ خەۋىرى يوقلۇقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە؛ ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركەزلىرىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنىمۇ ئەسكەرتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سوئاللىرىمىزغا توغرا ۋە راست جاۋاب بېرىش نىيىتى يوقلۇقىنى نامايان قىلدى. ئۇ ئاخىرىدا ۋارىسنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا يۈزمۇ-يۈز كۆرۈشكەن ئەھۋالدا جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ۋارىسنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئىزاھات بېرىشكە تېگىشلىك سەۋەبلىرى بارلىقىنى ئىشارەتلىدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر، ۋارىس ئابابەكرىنىڭ مېيىت نامىزىنىڭ نوغاي مەسچىتىدە چۈشۈرۈلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا نوغاي مەسچىتنىڭ ئالاقە نومۇرلىرىغا ئېرىشەلمىدۇق. ئەمما ئۈرۈمچىدە سىياسىي قانۇن ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە مەسچىت باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولغان بىر خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋارىس ئابابەكرى لاگېردىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي كېسەل سەۋەبى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر، ۋارىس ئابابەكرىنىڭ سالامەتلىكىدە، بۇ يىل 1-ئايدا لاگېرغا سولانغانغا قەدەر ھېچقانداق مەسىلە يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن دەلىللىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر لاگېردا جان ئۈزگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى قېيىن-قىستاقتىن زەخىملەنگەن، ياكى مەۋجۇت كېسەللىرىنى داۋالاشقا ئىمكانسىز قالغان ۋە ياكى لاگېرنىڭ ماددىي ھەم مەنىۋى شارائىتلىرىنىڭ ناچارلىقىنىڭ زەربىسىدە كېسەل بولغان ۋەياكى كېسىلى ساقايمايدىغان باسقۇچقا كەلگەندىلا، ئائىلىسىگە تاپشۇرۇلغان. يۇقىرىقى سىياسىي-قانۇن خادىمى ۋارىس ئابابەكرىنىڭ قېيىن-قىستاقتىن ئۆلگەنلىكىنى رەت قىلدى؛ ئەمما ۋارىسنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئۆلۈشتىن ئاۋۋال بىر مەزگىل لاگېردا ياتقانلىقىنى دەلىللىدى. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا لاگېردىكىلەرنىڭ كۈنىگە 10 نەچچە سائەت ئۈزلۈكسىز دەرس ئاڭلايدىغانلىقى، ياتاقلىرىدا ئىختىيارى پائالىيەتكە يول قويۇلمايدىغانلىقى، ھەتتا ياتاقداشلىرى بىلەن ئۆزئارا سۆزلىشىشكىمۇ رۇخسەت يوقلۇقى ئاشكارىلانغانىدى. ئەگەر مەزكۇر خادىمنىڭ بايانلىرى راست دەپ قارالسا، ۋارىسنىڭ قانداق بىر كېسەل بىلەن ئۆلگەنلىكى، يەنى لاگېردىكى قانداق بىر شارائىتنىڭ ئۇنىڭدا قانداق بىر كېسەلنى پەيدا قىلغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. مەزكۇر خادىمنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋارىسنىڭ مېيىت نامىزى ئۈرۈمچىدىكى نوغاي مەسچىتتە چۈشۈرۈلگەن.