ۋاشىنگتون پوچتىسى: «بېيجىڭ ئولىمپىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىشنىڭ مەشق مەيدانى بولۇپ قالدى»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈرگۈزاۋاتقان بىر ھاكىمىيەتنىڭ ساھىبخانلىقىدا، 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرماقتا.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەرەپدارلىرى، سىياسەتچىلەر ۋە پائالىيەتچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىدەك ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر ھاكىمىيەتنىڭ تېنچلىقنىڭ، كەڭ قورساقلىقنىڭ، باراۋەرلىكنىڭ سىموۋلى بولغان ئولىمپىكنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتى يوقلىقى، خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش ھەققىنىڭ دەرھال تارتىۋېلىنىپ، ئۇنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەش چاقىرىقلىرى ئېلىپ بارغان ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بۇنداق چاقىرىقلارنى ئاڭلىماسقا سېلىۋېلىش، قۇلاق يوپۇرۇش ياكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ سىياسەت بىلەن ئالاقىسى يوقلىقىدەك باھانىلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى يۆتكەشنى رەت قىلىپ كەلدى.

خۇددى شۇنىڭدەك ئولىمپىكنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللايدىغان شىركەتلەرنىڭ ئىپادىسىمۇ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن ئوخشاش بولدى. نۆۋەتتە خىتاينىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە ئاكتىپ ماسلىشىۋاتقان بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلىش ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنى رەت قىلغۇچىلارغا ئايلانغانلىقى مۇنازىرە قوزغىماقتا.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ تونۇلغان ئىستون يازغۇچىسى جوش روگىن 20-يانۋار كۈنى ئېلان قىلغان «بېيجىڭ ئولىمپىكى ئ‍ىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىشنىڭ مەشق مەيدانى بولۇپ قالدى» ماۋزۇلۇق ئوبزورىدا مانا بۇ مەسىلىگە دىققەت تارتقان. ئۇ ماقالىسىدە: «زور كۆلەملىك ۋەھشىيلىككە سۈكۈت قىلىش بىر ئىش، ئەمما زالىملارنىڭ جىنايەتلىرىنى ئاقلىشىغا ئاكتىپ ياردەم بېرىش باشقا بىر ئىش. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ساھىبخانلىق قىلىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا بارلىق ھەمكارلاشقۇچىلىرىنى ۋەھشىيلىكنى رەت قىلغۇچىلارغا ئايلاندۇرماقتا،» دېگەن.

ئۇ بۇنىڭغا مىسال بەرگەندە ئالدى بىلەن ئولىمپىك خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئولىمپىكنىڭ سىياسەت بىلەن ئالاقىسى يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىشىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، دەل ئەكسىچە ئولىمپىكنىڭ بۈگۈنگىچە تۈرلۈك زالىملىقلارغا قارشى مەيدانىنى ئىپادىلەشتىكى زور تەسىر كۈچكە ئىگە سورۇن بولۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئارقىدىن ئۇ يەنە يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنىڭ شاھىدى ۋە نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ئېلى ۋېسېلنىڭ ئوغلى ئېلىشا ۋېسېل بىلەن ئىككىسى ئارىسىدىكى سۆھبەت ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بايان قىلغان:

«ئېلىشا ۋېسېل ماڭا بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھەر بىر ئادەم ۋە تەشكىلاتنىڭ بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ۋەھشىيلىكىنى يوشۇرۇش تىرىشچانلىقىغا يانتاياق بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ كېلەر ھەپتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆزلەيدىغان نۇتۇقىدا مانا بۇ چاقىرىقنى قىلماقچى. ۋىسېل ماڭا ھەممىمىز چوقۇم سۆزلىشىمىز كېرەك، مەن بۇ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى تارقىتىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغان شىركەتلەرنىڭ، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ شىركەتلەردە ئىشلەيدىغان ۋىجدانلىق كىشىلەرنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ھەرىكەت قىلىپ دۇنيا مىقياسىدا ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئاقلىغۇچىسى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا چاقىرىمەن، دېدى»

ئەمما جوش روگىن ماقالىسىدە، ھازىر ئېلىشا ۋېسېلنىڭ يۇقىرىقى چاقىرىقىنىڭ دەل ئەكسىچە ئىشلار يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالىنىڭ پەن-تېخنىكا مىلياردېرلىرى ۋە «ئالتۇن دۆلەت پالۋانلىرى» ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ھەسسىدارى چاماس پالىخاپتىيا ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. چاماس پالىخاپتىيا بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا بىر زىيارەت پروگراممىسىدا «ئۇيغۇرلارغا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق. شەخسەن مېنىڭ كارىم يوق» دېيىش بىلەنلا قالماي، بۇنىڭ ئەكسىنى دېگەنلەرنى «پەزىلەتلىك ئادەم قىياپىتىگە كىرىۋالغانلىق» دېگەن ۋە ھەمدە خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش چاقىرىقىنى «ئېچىنىشلىق» دەپ تەسۋىرلىگەن ئىدى.

روشەن ئابباس خانىم بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە يۇقىرىقى چاماس پالىخاپتىيا ۋە ئولىمپىك كومىتېتىغا ئوخشاش كىشىلەر، ئورگانلار ۋە شىركەتلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يېقىندىن بۇيان ئامېرىكادا سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو قاتارلىق بىر قىسىم سىياسەتچىلەر بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى دېپلوماتىك بويقۇت قىلىشنىڭ يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى، خىتايغا بېرىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىشنىڭ ئامېرىكالىق تەنھەرىكەتچىلەرنى خەتەرگە ئاتقانلىق بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكەن ئىدى.

دەل شۇنداق بىر پەيتتە، بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ياڭ شۇ 18-يانۋار كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە: «ئولىمپىك روھىغا، بولۇپمۇ خىتاينىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپ بولغان ھەر قانداق ھەرىكەت ياكى سۆز بەلگىلىك جازاغا ئۇچرايدۇ،» دېگەن.

بۇندىن باشقا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئولىمىككە قاتنىشىدىغان كىشىلەرنى «ساغلاملىقنى نازارەت قىلىش» ئەپىنى تېلېفونىغا چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلاۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكادىكى بىر مۇستەقىل تەتقىقات ئورگىنى بۇ ئەپتە زور بىخەتەرلىك يوچۇقلىرى بارلىقىنى، بۇ ئەپلەرنى قوللانغۇچىلارنىڭ تېلېفونلىرىدىكى خىتاي سەزگۈر دەپ قارايدىغان سۆزلەرنى بايقاش ۋە سېگنال بېرىش ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى ئاشكارىلىغان.

جوش روگىن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدىكى ئوبزورىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «دېمەك، بۇ دېگەنلىك تەنھەرىكەتچىلەر، ترېنېرلار ياكى ژورنالىستلار ئەگەر بېيجىڭدىكى ۋاقتىدا شىنجاڭ ياكى ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىپ قالسا، بالاغا قالىدۇ، دېگەنلىكتۇر» دەپ يازغان. جوش روگىننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئەمەلدارىنىڭ يۇقىرىقى سۆزىدىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن توم مالىنوۋىسكىي باشچىلىقىدىكى سەككىز نەپەر ئەزا 20-يانۋار پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى ئەيىبلەشكە چاقىرغان ۋە ئۇلارنى خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارشى چەت ئەللىك تەنھەرىكەتچىلەر ۋە ژورنالىستلارنى قانداق قوغدايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە چاقىرغان ئىكەن. بۇندىن باشقا يەنە ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكول ۋالتىز ۋە جېننىفېر ۋېكتون بۇ ھەپتە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ فېدېراتسىيەلىك باجدىن كەچۈرۈم قىلىنىشتەك ئىمتىيازىنى بىكار قىلىدىغان قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكول ۋالتز مۇنداق دېگەن: «2022-يىلدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قوللىغۇچى شىركەتلىرى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتىغا ئايلانغان بۇ مۇسابىقىنى قوللىغانلىقىدىن نومۇس قىلىشى كېرەك.»

ئەمما جوش روگىن ماقالىسىدا يۇقىرىقىدەك تەنقىدلەر ۋە شۇنداقلا خىتاي قاچىلاشنى تەلەپ قىلغان ئەپنىڭ بىخەتەرلىك يوچۇقلىرى ئاشكارىلانغان تۇرۇقلۇق گۇگۇل ۋە ئالما شىركەتلىرىنىڭ نومۇس قىلماي بۇ ئەپلەرنى ئەپ دۇكىنىغا قويغانلىقىنى بايان قىلىپ تۆۋەندىكىلەرنى دېگەن:

«ھازىرغا قەدەر، بۇ شىركەتلەر نومۇس قىلغاندەك ئەمەس. گۇگۇل ۋە ئالما شىركەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يۇمتالىنىڭ بىخەتەرلىك يوچۇقلىرىنى ئابونتلىرىغا ئېيتماي تۇرۇپ ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئەپ دۇكىنىغا قويدى. ‹پالۋانلار› ۋاسكىتبول كۇلۇبى بولسا گەرچە پالىخاپتىيانىڭ سۆزلىرىنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، بىراق ھەر ئىككىلىسى كېيىنكى بايانلىرىدا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىپ قويمىدى.»

جوش روگىن ماقالىسدە يەنە ئامېرىكا «تاشقىي سىياسەت مۇنبىرى» ناملىق تەتقىقات ئورگىنىنىڭ خىزمەتچىسى مايكېل سوبولىكنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇلار ھەم سۈكۈتى ھەم ھەرىكىتى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇشىغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىدۇر. سىز ئالىدىغان پايدا-زىيان ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۈزۈمىگە باغلىنىپ قالسا، ئۇ ھالدا سىز ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئەمەلىيەتتىكى قوللىغۇچىلىرىغا ئايلىنىپ قالىسىز. مەيلى چاماس بولسۇن، مەيلى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بولسۇن ۋە ئالما شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ بىردىنبىر پەرقى قايسىسىنىڭ يۈزىنىڭ بەكرەك قېلىنلىقىدۇر.»

روشەن ئابباس خانىم بولسا ئۇيغۇرلارغا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنىسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە قارىماي بۇ ئولىمپىكنى قوللىغانلارنىڭ ھامان تارىخ ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جوش روگىنمۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ھازىر بۇ شىركەتلەر ئاسان يولنى تاللاپ قۇلاق يوپۇرۇشنى تاللىۋالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ تارىخ ئالدىدا سوراققا قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ھازىرچە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بىلەن كىمنىڭ كارى، دېيىش ئاساندەك قىلسىمۇ، ئەمما تەنھەرىكەتچىلەر، شىركەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ 2022-يىلدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى پوزىتسىيەسى خۇددى 1936-يىلدىكى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن بولغاندەك، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئېسىدە قالىدۇ. ئۇلار ۋە ھەر بىرىمىز تارىخنىڭ قايسى سەھىپىسىدە بولۇشنى قاتتىق ئويلىشىشىمىز كېرەك،» دېگەن.