ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى: «ئامېرىكالىقلار بىزنىڭ دېموكراتىيەمىزگە ئەڭ چوڭ تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان خىتايغا قارشى تۇرۇشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.12.28
بېيجىڭدىكى جىددىيچىلىك، شى جىنپىڭنىڭ قەسىمى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باشقا رەھبەرلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇزېيىنى زىيارەت قىلغاندا كومپارتىيەسىگە قەسەم قىلدى. 2021-يىلى 18-ئىيۇن، بېيجىڭ.
AP

يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا ۋە شۇ قاتارلىق غەرب ئەللىرىدە خىتاينىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى زورىيىشى ۋە زورايغانسېرى مۇستەبىتلىشىۋاتقان ھاكىمىيىتىنىڭ دۇنيا تەرتىپىگە پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتى كۆپلەپ مۇلاھىزە قىلىنىدىغان بىر تېمىغا ئايلانماقتا.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ تونۇلغان ئىستون يازغۇچىسى، تارىخ ۋە سىياسەتكە ئائىت 14 پارچە كىتابنىڭ ئاپتورى ۋە شۇنداقلا نىكسون فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، چاپمان ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ قانۇن پروفېسسورى خيۇ خيۇۋىت يازغان «ئامېرىكالىقلار چوقۇم بىزنىڭ دېموكراتىيەمىزگە ئەڭ چوڭ تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان خىتايغا قارشى تۇرۇشى كېرەك» ماۋزۇلۇق ماقالە ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر. ماقالىدا ئامېرىكانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىنى تەھدىت قىلىۋاتقان بىر قىسىم خىرىسلار مەۋجۇت بولسىمۇ، ئۇلار ئىچىدە ئەڭ زورىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ئاپتور خيۇ خيۇۋىت ماقالىسىنى «مەيلى سىز تۈگىمەس مەدەنىيەت ۋە سىياسىي مۇنازىرىلەردە قارشى تەرەپ بىلەن مۇرەسسەلىشىشنى خالىمىسىڭىزمۇ ھېچ بولمىغاندا دۆلىتىڭىزنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن ھەقىقىي خەتەرنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى كۆرۈشكە تىرىشىڭ» دېگەن جۈملىلەر بىلەن باشلىغان ۋە «ئامېرىكا 2022-ۋە 2024-يىلدىكى سايلاملاردا مۇشۇ كۆز قاراش بىلەن ھەرىكەت قىلىشى، ئۇنداق بولمايدىكەن بىز تولىمۇ كېچىكىمىز»، دېگەن.

ئامېرىكادىكى خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئاندېرس كور بىزگە قىلغان سۆزىدە خيۇ خيۇۋىت ئەپەندىنىڭ دىئاگنوزىنى ئىنتايىن توغرا دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن:

«خيۇ خيۇۋىتنىڭ ماقالىسى ناھايىتى مۇكەممەل. ئۇ خىتاي تەھدىتىگە قارىتا ئامېرىكادىكى ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ ئورتاق كۆز قاراشقا موھتاجلىقىنى ھېس قىلدى. ھەمدە ئۇ ئىككى پارتىيەگە تەۋە ئامېرىكىلىقلارنى ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە سىياسىي مەسىلىلەردىكى پەرقىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا بېيجىڭنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەھدىتىگە مەركەزلەشتۈرۈشكە چاقىرغان».

خيۇ خيۇۋىت ئەپەندى ماقالىسدا نېمە ئۈچۈن ئامېرىكالىقلارنى پۈتۈن دىققىتىنى خىتايغا مەركەزلەشتۈرۈشكە چاقىرغانلىقىنى تۆۋەندىكىدەك ئىزاھلىغان: «خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىران قانۇنغا بويسۇنمايدىغان دۆلەتلەر بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر ئۇلار ئىچىدە ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى خىتاي. چۈنكى ھاكىممۇتلەق رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئىنتايىن رەھىمسز كومپارتىيە ھاكىمىيىتى پەن-تېخنىكا، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭكىدىن كۆپ كۈچلۈك. ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى پەيدا قىلغان تەھدىتكە قارشى ھوشيارلىقىنى داۋاملىق ساقلاپ كەلگەن. ئىتتىپاقداشلار ھەممە قىتئەدە دېگۈدەك سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى 40 يىللىق سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قىلدى. ئۇنىڭغا نۇرغۇن ۋاقىت كەتتى ۋە نۇرغۇن پىداكارلىقلار كۆرسىتىلدى، ھەتتا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئەجەللىك تىركىشىشلەر يۈز بەردى».

ئاپتور ماقالىسىنى مۇنداق داۋام قىلغان: «ئۆتكەن 25 يىلدا، بىز خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خىرىسىغا سەل قارىدۇق. بىز تېخى ئەمدى بۇ تەھدىتكە قارشى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىشنى باشلىدۇق. بىز خىتاينىڭ خوڭكوڭنىڭ مۇستەقىللىقىنى تارمار قىلىشى، ئورۋېلچە مودېلدىكى ھەر قانداق ئادەمنى ھەر قانداق سەۋەب بىلەن يوقىتىش سىياسىتىنى، ئاز سانلىق مىللەت خەلقىگە قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى، تەيۋەنگە تەھدىت سېلىشىنى ۋە دۇنيانى ۋىرۇستىن ئاگاھلاندۇرماي ئۇنىڭ پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىشىغا قاراپ تۇرۇشىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ باقايلى. خۇددى پرېزىدېنت رىچارد م. نىكسوننىڭ باش تەپتىشى جون مىچېلنىڭ ئېيتقىنىدەك بىر دۆلەتنىڭ نېمە دېگىنىگە ئەمەس، نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىغا قاراش كېرەك».

ئاپتور ئامېرىكانىڭ ئىسلامىي رادىكاللارغا قارشى قىلغان 20 يىللىق جېڭىنىڭ ئامېرىكانى قاتتىق چارچىتىپ، خىتاينىڭ رۇسىيە ۋە ئىران بىلەن بىرلىشىۋېلىشى ئەمەس، خىتاي بىلەنمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىركىشىش باشلاشنى خالىمايدىغان قىلىپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكانىڭ باشقا چىقىش يولى يوقلىغىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن:

«بۇ يەردە كۆپ تاللاش يوق: يا قەددىمىزنى رۇسلايمىز ياكى كۈن تۇتۇلۇشى بىلەن يۈزلىشىمىز. ئەلۋەتتە بۇ يېقىن كەلگۈسى ئۈچۈن ۋە نەۋرىلىرىمىزنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن خۇشاللىنارلىق ئىش ئەمەس. . . بىز چوقۇم قەددىمىزنى رۇسلىشىمىز كېرەك».

ئاپتور بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكادىكى ھەر ئىككى سىياسىي پارتىيەنىڭ چوقۇم بىر-بىرى بىلەن يېقىندىن ماسلىشىشى كېرەكلىكىنى، خىتايدىن ئىبارەت بۇ پەۋقۇلئاددە خەۋپكە قارشى بىرلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاندېرس كور ئەپەندىمۇ سۆزىدە گەرچە بەزى سىياسىيلار پىكىر بىرلىكىنى دەرھال ئىشقا ئاشۇرالمىسىمۇ ئەمما دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش يولىدا چوقۇم بىرلىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «كىملىك ۋە سىنىپ سىياسىتىگە بېرىلىپ كەتكەنلەر بۇنى ئاسان قىلالمايدۇ. ئەمما بىز خىتاي بىلەن يېڭى سوغۇق ئۇرۇشقا قەدەم قويۇۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۇلارنىڭ ئورتاق ئىستراتېگىيەسى دۇنيا مىقياسىدا ئامېرىكانى قوغداش ۋە بىز ناھايىتى تەستە قولغا كەلتۈرگەن پۇقرالار ھوقۇقى ۋە ئاساسىي قانۇن ئەركىنلىكى ئاساسىدىكى دۆلەت مەنپەئەتىنى ئالغا سۈرۈش بولۇشى كېرەك».

خيۇ خيۇۋىت ئەپەندىمۇ ماقالىسى ئاخىرىدا خىتاي تەھدىتىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى بەرگەن:

«دۆلەت بىخەتەرلىك رېئالىزمى ۋە ئامېرىكا دۇچ كەلگەن بۇ پەۋقۇلئاددە خىتاي تەھدىتى ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ قەتئىي نىيەت بىلەن بىر-بىرىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. تەيۋەنگە قاراتقان ئىستراتېگىيەلىك مۈجمەل سىياسىتىمىز ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى كېرەك. مۇداپىئە خامچوتىمىز چوقۇم دېڭىز، ھاۋا ۋە ئالەم بوشلۇقى ساھەسىگە يۆتكىلىشى كېرەك. بىز شۇنداقلا يېڭى بىر ئەۋلاد يازغۇچىلار ۋە زىيالىيلارنىڭ پىكىرلىرىنىمۇ خۇددى بىرىنچى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئورۇشىنى باشتىن كەچۈرگەنلەرنىڭ پىكىرلىرىگە ئوخشاش دىققەت قىلىپ ئاڭلىشىمىز كېرەك. مەسئۇلىيەتچان ۋەتەنداشلار ئىككى چوڭ پارتىيەگە رەھبەرلىك قىلىشى كېرەك. بىز سىياسىي كۈرىشىمىزنىڭ مەڭگۈ ئاخىرلاشماسلىقىنى ئۈمىد قىلىشىمىز كېرەك-چۈنكى بۇ ئەركىنلىكىمىزنىڭ يادرولۇق بەلگىسى. ئەمما ئۇ نۇقتىئىنەزەرگە موھتاج. دەرھال!»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.