ۋاشىنگتوندا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

بۈگۈن، يەنى 22-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۈگۈنكى نامايىشقا ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىغا قوشنا ۋىرگىنىيە شتاتى ۋە مارىلاند شتاتىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋە يەرلىك ئامېرىكالىقلار بولۇپ، نەچچە يۈزلىگەن كىشى قاتناشتى.

قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق شەرقىي تۈركىستان بايرىقى بىلەن ئامېرىكا بايرىقىنى تەڭ كۆتۈرگەن نامايىشچىلار ۋاشىنگتوننىڭ 12-كوچىسىدىن يولغا چىقىپ، «ئاساسىي قانۇن كوچىسى» نى بويلاپ يۈرۈش قىلدى. نامايىشچىلار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇ يەردىن يەنە كەينىگە قايتتى. يول بويى كىشىلەر نامايىشچىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، تۈرلۈك ئىپادىلەر بىلەن ئۇلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

نامايىش جەريانىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىز ۋاشىنگتوندا نامايىش قىلىۋاتقان مۇشۇ مىنۇتلاردا خوڭكوڭدا يۈز مىڭلىغان نامايىشچىلار ئۇيغۇرلارنى قوللاپ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. تۈركىيەدە نەچچە ئون مىڭلىغان قېرىنداشلىرىمىز خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇر قانۇن لايىھىسى تەستىقتىن ئۆتتى. دېمەك، بىز يالغۇز ئەمەس، بىز يېتىم ئەمەس!»

نامايىش جەريانىدا ئەڭ تەسىرلىك بولغىنى ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىللە نامايىشقا كەلگەن ‍ئۇيغۇر بالىلىرى قوللىرىغا ۋەتەندە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۈپ، نامايىش سېپىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ تۇردى. بۇ ھال ئەتراپتىكى كىشىلەرنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى.

ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن زور كۆلەملىك نامايىشتىن كېيىن، 22-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى خوڭكوڭدىمۇ يۈز مىڭلىغان خوڭكوڭ خەلقى قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى ھەمدە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.