ئابدۇۋەلى ئايۇپ: «خىتايغا بېرىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشى جىددىي مەسىلە!»
2024.09.10
يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ۋە ئاقلاشقا مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىگە ماسلىشىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ كۆپىيىۋاتقانلىقى مەلۇم.
چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەر ئۇلغىيىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىدىن NPR يەنى «دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيوسى» 25-ئاۋغۇست كۈنىدىكى يەكشەنبىلىك ئاڭلىتىشىدا «ئۆز قېرىنداشلىرىنى تۇتقۇن قىلىش» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان مەخسۇس پىروگراممىنى تارقاتتى. 45 مىنۇتلۇق بۇ ئاڭلىتىش نۇقتىلىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىلىدا يولغا قويۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە شېرىك بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈستىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، پىروگراممىدا ئىسىملىك ياكى ئىسىمسىز بىر قانچە ئۇيغۇرلار زىيارەت قىلىنغان.
دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيوسىنىڭ تونۇلغان مۇخبىرى ئەمىلى فېڭ تەييارلىغان بۇ پىروگرامما ئەسلىدە ئۇيغۇر ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىكى ئۇيغۇر پېچكالار» ناملىق تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسەن تەييارلانغان بولۇپ، پىروگراممىدا ئورۇن ئالغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنغان كىشىلەر ئىدى. ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ بىزگە دەپ بېرىشىچە، ئۇ ھازىرقى ئۇيغۇر دىياسپوراسى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە، جۈملىدىن چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا بىمالال بېرىپ كېلىپ، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىشىنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەبنى ئىزدەپ بېقىش مەقسىتىدە بۇ تەتقىقاتنى باشلىغان. ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۇ تەكشۈرۈشى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«مېنىڭ بۇ مۇستەقىل تەتقىقاتىمنى باشلىشىمدىكى سەۋەب چەت ئەللەردىن خىتايغا موكىدەك بېرىپ كېلىشلەرنىڭ ئارقىسىدىكى كىشىلەرنى ئىزدەپ بېقىش ئىدى. مەن ئىزدىنىش جەريانىدا بۇنداق بېرىپ-كېلىشلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلارنىڭ خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. جۈملىدىن، مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ‹مۇھاجىرلار تەشكىلاتلىرى› دېگەندەك ئىسىملار بىلەن قۇرۇلغان تەشكىلاتلارغا سان چۈشۈرۈپ بېرىدىكەن، ئاندىن بۇ تەشكىلاتلار سانغا ئاساسەن شۇ دۆلەتلەردە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئادەملەرنى تەشكىللەپ ۋەتەنگە ئاپىرىپ كېلىدىكەن. ئەمدى تۈركىيەدە بولسا بۇ ئىشنى قىلىدىغىنى سابىر بۇغدانىڭ تەشكىلاتى ئىكەن.»
سابىر بۇغدا ئىستانبۇلدىكى «ئۇيغۇر سانائەتچى ۋە سودىگەرلەر جەمئىيىتى» نىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن يېقىن ئالاقىدە بولۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم. ئۇ بىر قانچە قېتىم مۇشۇ ئۆمەك تەركىبىدە ئۇيغۇر ئېلىگە سودىگەرلەرنى باشلاپ بارغان ۋە يەنە 2023-يىلى سېنتەبىردە خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا چاقىرغان «11-نۆۋەتلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار يىغىنى» غىمۇ بىۋاسىتە قاتناشقانىدى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ دېيىشىچە، ئۇ بۇ دوكلات ھەققىدە دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيونىڭ مۇخبىرى ئەمىلى فېڭغا سۆز ئاچقاندىن كېيىن، ئەمىلى فېڭ بۇ پىروگراممىسى ئۈچۈن سابىر بۇغدا بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشكەن.
ئەمىلى فېڭ رادىيو پىروگراممىسىدا سابىر بۇغدا ھەققىدە تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلىدۇ:
«بىز بۇ پىروگراممىنى مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان خەۋەرلەرنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەيدىغان كىشىلەر توغرىسىدىكى خەۋەر، دەپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ. بۇ، جىمىقتۇرۇلغانلارنىڭ قانداق بولۇپ يەنە شۇ ئۆزلىرى خاتا دەپ قارايدىغان سىستېمىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئاقلىنىشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنىڭ ھېكايىسى.»
ئەمىلى فېڭنىڭ بايان قىلىشىچە، سابىر بۇغداغا ئوخشاش كىشىلەر چەت ئەللەردە تۇرۇپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ياكى ۋەتەندە قالغان تىجارەتلىرىنىڭ خەۋىرىنى ئېلىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلارنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاپ بېرىش ئارقىلىق بۇ كىشىلەرنىڭ سۈكۈتىنى سېتىۋالىدىكەن. ئەمىلى فېڭ رادىيو پىروگراممىسىدا مۇنداق دەپ بايان قىلغان:
«سابىر بۇغدا ئاشۇنداق ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان ئادەم. بىراق ئۇ بۇلارنى بىكارغا قىلمايدۇ. ئۇ كىشىلەردىن بۇنىڭغا جاۋابەن سۈكۈتتە تۇرۇشنى، ھۆكۈمەتكە قارشى گەپ قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇندىلا ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئۇلارغا ياردەم قىلالايدىغانلىقىنى دەيدۇ. ئۇ، ئىلگىرى بىر قېتىم ماڭا سۆزلىمەكچى بولۇپ تۇرغان بىر ئادەمنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنغانىدى. شۇڭا مەن ھەيران قالدىم، بۇ ئادەم كىم؟ ئۇ نېمىشقا بۇنداق قىلىدۇ؟ ئۇ خىتاينىڭ جاسۇسىمۇ؟»
ئەمىلى فېڭنىڭ بايان قىلىشىچە، سابىر بۇغدا، ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان-ھەمكارلاشمىغانلىقى، ئۇنىڭ خىتاينىڭ جاسۇسى ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە قويۇلغان ھەربىر سوئالدىن ئۆزىنى ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن قاچۇرغان. سابىر بۇغدا ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۆزىنىڭ جاسۇس ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرمىگەن. ئۇ ھەتتا سۆزىنىڭ بىر قىسمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقىدەك ۋەزىيەتتە بولۇشىنى سەۋەبسىز ئەمەس، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بىز سابىر بۇغدا ئىسىملىك بۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىنكاسىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلغان ۋە يۇقىرىدىكى باھالارغا قانداق ئىنكاس بېرىدىغانلىقىنى سورىدۇق. بىراق ئۇ بىزنىڭ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ رادىيومىزغا دېيىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بىر ياقتىن چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى شۇ كىشىنىڭ يۇرتلىرىدىكى مەھەللە باشقۇرۇش كومىتېتلىرى (شېچۇ) ئارقىلىق باشقۇرسا، يەنە بىر ياقتىن ھەرقايسى دۆلەتلەردە قۇرۇلۇۋاتقان مۇشۇ خىل ئاتالمىش مۇھاجىرەت تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق باشقۇرماقتىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«بۇ ئىشتا ۋاسىتىچىلىك رول ئويناۋاتقان خىتاي ئەلچىخانىلىرى بولسا مۇشۇنداق مۇھاجىر تەشكىلاتلىرى يوق شەھەرلەردە بەزى ئۇيغۇرلارغا شۇنداق تەشكىلات قۇرۇش تەكلىپى بېرىدىكەن. ماڭا گۇۋاھلىق بەرگەن بىرىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى بىر خىتاي دىپلومات ئۇنىڭغا مۇھاجىرلار تەشكىلاتى قۇرۇشنى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا بېرىپ-كېلىشىگە ۋىزا ئەپ بەرسە بولىدىغانلىقىنى دېگەن.»
دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيو مۇخبىرى ئەمىلى فېڭ خانىم رادىيو پىروگراممىسىدا سابىر بۇغدانىڭ ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ۋەكىللەر ئۆمىكى قارمىقىدا خىتايغا بېرىش، جۈملىدىن ئۇ يەردە لاگېرلار باشلىنىشتىن ئىلگىرى مەۋجۇت بولغان تىجارىتىنى تىرىلدۈرۈۋېلىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر سودىگەر ھەققىدە توختالغان. ئۇ ئۇيغۇر سودىگەر سابىر بۇغداغا ئىلتىماس قىلىپ، خىتايغا بېرىشقا تىزىملاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتەلمەي ۋىزا ئالالمىغان، بۇنىڭ بىلەن سابىر بۇغدا ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىسىنى دەرھال ئۈزگەن. ئىسمى «ئا» دەپ ئېلىنغان بۇ سودىگەر بولسا خىتايغا بارماقچى بولۇشىنى خاتا دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، چۈنكى چەت ئەلدە جان بېقىش، جۈملىدىن ئائىلىسىنى بېقىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن ئالاقە قىلىشتىن باشقا يولى يوقلىغىنى ئېيتىپ ئۆزىنى ئاقلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ كېلىۋاتقانلار كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرى بۇنداق ساياھەتچىلىكنىڭ ئاكتىپ تەشۋىقاتچىلىرىغا ئايلانغان. ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى بولسا بۇ ۋەزىيەتنى باھالاپ، خىتاينىڭ مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ قولى ئارقىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ ساياھەتچىلىكنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىككىگە بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ سۆزى داۋامىدا يەنە، ئۆزى تەييارلىغان بۇ دوكلاتنىڭ ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيوسىدا بىر پىروگرامما بولغاندىن سىرت، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ماسلاشقان ئۇيغۇرلار خاتىرىگە ئېلىنغان بىر مۇھىم پاكىتلىق ھۆججەت بولۇپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ بىزنىڭ ۋەزىپىمىز، كەلگۈسىدە بۇ ھۆججەتلىك پاكىتلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان كۈنلەر چوقۇم كېلىدۇ» دېدى.