ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا قۇرۇلغان «ۋاز كېچىلمەس ھوقۇقلار كومىتېتى» ۋە ئامېرىكا تاشقى سىياسىتى

0:00 / 0:00

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 8-ئىيۇل كۈنى چۈشتىن كېيىن مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئارقىلىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا قۇرۇلغان يېڭى بىر كومىتېتنى جاكارلىدى.

ئۇ سۆزىنى تۆۋەندىكى سۆزلەر بىلەن باشلىدى: «مەن بۇ يىل 5-ئايدا كلارمونت ئىنستىتۇتىدا قىلغان بىر سۆزۈمدىمۇ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى بۇ دۆلەتنى قۇرغۇچىلارنىڭ تۈپ پرىنسىپى بولغان كىشىلىك ئەركىنلىك ۋە ئاساسىي قانۇنغا تايانغان بىر ھۆكۈمەت بولۇش ئاساسىدا يۈرگۈزۈشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى، گەرچە بۇ پرىنسىپلار ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدە زور رول ئوينىغان بولسىمۇ، ئەمما بەزەن دېموكراتىك دۆلەتلەر كۈندىلىك ئىشلار بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئاساسىي مەۋقەنى نەزەردىن ساقىت قىلىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىپ قالىدۇ. شۇڭا بىز بەزى ۋاقىتلاردا توختاپ بىر ئۆزىمىزگە نەزەر سېلىشىمىز ۋە نەگە كەلدۇق، نەگە كېتىۋاتىمىز دەپ ئويلىنىشىمىز كېرەك. مانا بۇ سەۋەبلىك مەن تۆۋەندە سىلەرگە يېڭىدىن قۇرۇلغان ۋاز كېچىلمەس ھوقۇقلار كومىتېتىنى تونۇشتۇرماقچىمەن».

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيونىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەزكۇر كومىتېت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى، پائالىيەتچىلەر ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتلار ھەم شۇنداقلا ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈش ۋە دىنى گۇرۇپپىلارغا تەۋە ۋەكىللەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ قۇرۇلۇش پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن مەسلىھەت بېرىدىكەن.

پومپېيو سۆزىدە يەنە تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلدى: «ئەپسۇسكى، ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ئېلان قىلىنىپ ئارىدىن 70 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېغىر زۇلۇملار داۋاملىق يۈز بېرىۋاتىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا بۇلار ھەتتا كىشىلىك ھوقۇق دېگەن نام ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىسۇن دەپ قۇرۇلغان خەلقئارالىق ئورگانلار بولسا ئۆزىنىڭ ئەسلى قۇرۇلۇش مەقسىتىدىن ئېغىپ كېتىۋاتىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇملىرى بىر-بىرى بىلەن زىتلىشىشقا، بىر-بىرىنى رەت قىلىشقا باشلىدى. ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق ئورگانلار ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيىتىدە قايمۇقۇشقا باشلىدى. مانا مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەت ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆز تاشقى سىياسىتىدىكى رولىغا قايتىدىن قاراپ چىقىشنى زۆرۈر قىلدى»

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىدىكى كىشىلىك ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىنىڭ قايتىدىن ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ قىبلىسى بولىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيومۇ مەزكۇر يېڭى قۇرۇلغان كومىتېتقا ئىزاھات بېرىپ «ۋال سىترىت ژۇرنىلى» دا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ماقالىسىدىمۇ تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان: «كىشىلىك ھوقۇق بۇرۇن بىر-بىرىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان مىللەتلەر ۋە مەدەنىيەتلەرنى تۈپ ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە شۇنداقلا ناتسىستلار، كوممۇنىستلار ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلارغا ئوخشاش قەبىھ كۈچلەرگە قارشى كۈرەش يولىدا بىرلەشتۈرگەنىدى. بىراق بىز ھازىر بۇ نىشانىمىزنى يوقىتىپ قويدۇق. . . كىشىلىك ھوقۇق دېگەن بۇ سۆز كېيىن بېرىپ مەنپەئەتچى گۇرۇپپىلارنىڭ مەقسەتلىرى ئۈچۈن قوللىنىلىپ، كىشىلەر ئارىسىدا بۆلۈنۈشكە يول ئاچتى. . . ئىران ۋە كۇبا قاتارلىق رېجىملەر بۇ تەڭپۇڭسىزلىقتىن پايدىلاندى ۋە ھەتتا ئۆزىنى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ جەڭچىلىرىدەك بازارغا سالدى. . .»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ كومىتېتنىڭ خىزمەتلىرى يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق مەخسۇس كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن قۇرۇلغان خەلقئارالىق ئورگانلارنى قايتىدىن ئوڭلاپ چىقىپ، ئۇلارنى ئەسلى نىشانىنى تېپىۋېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپى كىشىلىك ھوقۇق ئىبارىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىلەن ئەمەلىيەتتە ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى ئۇنتۇپ قالدى»

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى سۆزىدە، دەرۋەقە ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدە بىر مەزگىل كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئىككىنچى پىلانغا قويۇلۇشى سەۋەبلىك بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېرلارنى يولغا قويۇشتەك جاسارەتكە ئىگە بولدى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئەگەر ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدە كىشىلىك ھوقۇق ئاساسىي ئورۇنغا ئۆتكەن تەقدىردە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئۈچۈن پايدىلىق ۋەزىيەت شەكىللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مايك پومپېيو سۆزى ئاخىرىدا يۇقىرىدىكى بۇ كومىتېت خىزمەتلىرىنىڭ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ ئەخلاقىي پرىنسىپلارنى ئاساس قىلغان ھالدا يۈرگۈزۈلۈشى ۋە ئۇنىڭ پەقەتلا ئامېرىكالىقلار ئۈچۈن ئەمەس بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.