ئاۋسترىيە پايتەختى ۋېنا شەھىرىدە نەشىردىن چىقىدىغان «كرونېن»، يەنى «تاج» گېزىتى 28-نويابىر «خىتايدا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان زىيانكەشلىك-ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر» ناملىق بىر خەۋەر ئېلان قىلغان. خەۋەردە مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ قىيناشقا، جىنسىي تاجاۋۇزغا، تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، خىتايلارنىڭ ھەتتا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، جەسەتلىرىنى كۆيدۈرىۋېتىۋاتقانلىقى، ئىسلامدا جەسەت كۆيدۈرۈشنىڭ مەنئىي قىلىنىدىغانلىقى سۆز بېشى قىلىنغان ئىدى.

ئاۋسترىيەدىكى مەشھۇر گېزىتلەردىن بىرى بولغان «تاج» گېزىتى 1900-يىلى ۋېنادا نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، ھازىرقى نورمال مۇشتەرىلىرىنىڭ سانى 2 مىليون 300 مىڭغا، يەكشەنبىلىك مۇشتەرىلىرىنىڭ سانى 2 مىليون 900 مىڭغا ئۇلاشقان. بۇ گېزىت 9 مىليونلۇق ئاۋسترىيە نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرى كۆرىدىغان كۈندىلىك گېزىت ئىكەن. «خىتايدا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان زىيانكەشلىك-ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر» ناملىق بۇ خەۋەرنىڭ «تاج» گېزىتىدە ئېلان قىلىنىشى بىر يېڭىلىق ھېسابلىنىدىكەن. خەۋەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەركىزى ۋاشىڭتوندىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ تىلى ئارقىلىق بايان قىلىنغان ھەمدە ئۇنىڭ سۈرىتى خەۋەرگە قوشۇپ بېرىلگەن. خەۋەردە يەنە «ھەدەم نەدە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ۋېنادا كۈچلۈك قىزىقىش قوزغىغانلىقىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن.
«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزلىرىنىڭ ياۋروپادىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى، ئاۋسترىيە ئاخباراتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆپ قىزىققانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىنى پاش قىلىش ھەرىكىتىنى ئامېرىكا ھەم ياۋروپا ئەللىرىدىكى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەردە يەنە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى پاش قىلىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان «ھەدەم نەدە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم تۇنجى قېتىم 14-ئۆكتەبىر گېرمانىيە پايتەختى بېرلىن شەھىرىدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا قويۇلۇشقا باشلاپ، 17-ئۆكتەبىر ميۇنخېندا، 26-ئۆكتەبىر لايىپسىگدا كۆرسىتىلگەنىدى. 28-ئۆكتەبىر بۇ فىلىم فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى خېلسىنكىدا كۆرسىتىلگەن. 7-نويابىر بۇ فىلىم ئامېرىكانىڭ تېكساس شتاتىدىكى سان ئانتونىيو شەھىرىدە كۆرسىتىلگەن بولسا، 16-نويابىر چېخىيەنىڭ ئولومىك شەھىرىدە، 17-نويابىر پىلسېن شەھىرىدە كۆرسىتىلگەن. 18-نويابىر يەنە چېخىيەنىڭ ئۇستى ناد لابەم شەھىرىدە كۆرسىتىلگەندىن باشقا، 20-نويابىر ئاۋسترىيەنىڭ ۋېنا شەھىرىدە كۆرسىتىلگەن.
ھازىر ۋېنا شەھىرىدە ياشاۋاتقان «ئاۋسترىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن مەۋلان ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، «ھەدەم نەدە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ۋېنادا ياخشى تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە ئاۋسترىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن قىسقىچە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، «ئاۋسترىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» مۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى ئاۋسترىيە خەلقىگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن چامىنىڭ يېتىشىچە ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.
«تاج» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتايدا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان زىيانكەشلىك-ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر» ناملىق خەۋەرنىڭ باش قىسمىغا جازا لاگېرىنىڭ سۈرىتى بېرىلىش بىلەن بىرگە، «‹تاج› گېزىتى ھەدىسىنى ئىزدەۋاتقان ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىدىن رۇشەن ئابباس بىلەن كۆرۈشتى» دېگەن ئىلاۋىمۇ قوشۇپ بېرىلگەن.