پائالىيەتچىلەر: «ۋەتەنگە زىيارەتكە بېرىش ماھىيەتتە خىتاينىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىغانلىقتۇر! »

0:00 / 0:00

خىتاي ھاكىمىيىتى خەلقئارا بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن تۈرك-ئىسلام ئەللىرىدىكى دىنىي زاتلارنى، ئاخبارات ساھەسىنى، خىتايدىكى چەتئەل ئەلچىلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلدۇرۇپ، تەتۈر تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىۋاتقان بىر مەزگىلدە، چەتئەلدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ۋەتەنگە بېرىش دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا ۋە نارازىلىقلارغا سەۋەب بولماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) 8-ئاۋغۇست تارقاتقان «دولقۇن ئەيسا: نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنگە بېرىشى توغرا ئەمەس» ناملىق خەۋەرگە قارىغاندا، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە ئالدانماسلىقىنى تەكىتلىگەن. خەۋەردە مۇنداق ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن: «دولقۇن ئەيسا سۆزىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتى يۇقىرى پەللىگە چىققان، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش، بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئارقىلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە تەھدىت سېلىش، ئۇلارنى بىر-بىرىنى نازارەت قىلىشقا قىستاش، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن ۋەتەنگە زىيارەتكە بېرىشقا قىزىقتۇرۇش ياكى مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئۇلارنى ئاتالمىش ‹شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش›، شى جىنپىڭنىڭ ‹يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى› نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى ئاشۇرۇش تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، خەلقىمىز ھايات-ماماتلىق خەۋپكە دۇچ كەلگەن بۇنداق ھالقىلىق بىر پەيتتە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋەتەنگە بېرىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىلىپ-بىلمەي خىتاينىڭ يۇقىرىقىدەك رەزىل سىياسەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.»

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ خۇسۇستا توختالغاندا، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى خەلقئارالاشقان، خىتاي ئېغىر بېسىم ئاستىدا قېلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنگە بېرىشىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇۋاتقان خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىغا ماسلىشىش بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە، پۈتۈن بىر مىللەت قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ئەخلاقىغا داغ چۈشۈرمەسلىكى لازىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرقى ۋەزىيەتتە ۋەتەنگە زىيارەتكە بېرىش-مۇھاجىرەتتىكى مىللىي ھەرىكەتنىڭ ئوبرازىغا قارا سۈرتۈپلا قالماي، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن يىللاردىن بۇيان ۋۇجۇدقا چىققان مۇجادىلىلەرنى يالغانغا چىقىرىش رولىنى ئوينايدىكەن.

نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنگە زىيارەتكە بېرىشى-ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەردە يامان تەسىر پەيدا قىلسا، ئۇنى ئېتىراپ قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىمۇ ئارىسالدىلىق پەيدا قىلىپ قويۇشى مۇمكىن ئىكەن.

گوللاندىيەدىكى جازا لاگېرلىرى شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قولى ئارقىلىق يېپىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە چاپان ياپىدىغان بۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەردە ناھايىتى سەگەك بولۇشى زۆرۈركەن.

گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىمۇ خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان قانۇنلار تۈزىلىۋاتقان، تەدبىرلەر يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنگە زىيارەتكە بېرىشى چوڭ خاتالارغا يول ئاچىدىكەن.

نۆۋەتتە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنگە بارغانلىقى ياكى ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ چەتئەللەرگە «تۇغقان يوقلاش» نامىدا ساياھەتكە چىققانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا قانداق سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدىكى پىكىرلەر كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم.