ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن ئېغىر روھىي زەربىگە ئۇچرىغان مۇھەممەد قارلۇق ئۇزۇنغا سوزۇلغان «ۋىجدان سەپىرى» نى باشلىغان.
2019-يىلى 5-ئايدا گېرمانىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن مۇھەممەد قارلۇق ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر يىگىتى، بۇ يىل 2-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ روھىي زەربىسىدىن قۇتۇلۇش ۋە بۇ قىرغىنچىلىقنى گېرمانىيەدىكى يەرلىك خەلققە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئۇزۇنغا سوزۇلغان «ۋىجدان سەپىرى» نى باشلىغان. دىققەتكە سازاۋەر بولغىنى، ئۇ بۇ سەپەرنى كىشىلەرنىڭ نەزەرىگە ئاسان ئۇلىشىدىغان ئالاھىدە بىر يېڭىلىق بىلەن باشلىغان.
مۇھەممەد قارلۇق سەپەردىن ئىلگىرى خېلى ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۆز ئالدىغا بىر كەشپىيات ياراتقان. ئۇ كارۋان ماشىنىلىرىغا تەقلىد قىلىپ، ۋېلىسىپىت چاقلىرىدىن قوراشتۇرۇلغان ئۈسكۈنىلەر ئۈستىگە بىر دانە كوزۇپ ياساپ چىققان. بۇ چاقلىق كوزۇپنى ۋېلىسىپىتكە ئۇلىغان. كوزۇپنىڭ ھەر تەرىپىگە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تېز جەلپ قىلىدىغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى ۋە شۇئارلارنى چاپلىغان. بۇنىڭ ئۈچۈن خېلى كۆپ ئىقتىساد كەتكەن. بۇ ئىقتىسادنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى رۇشەن ئابباس خانىم ۋە ئەتراپىدىكى قېرىنداشلىرى ياردەم قىلغان. مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۆزى يېنىدىن چىقارغان. تەييارلىقلىرى پۈتكەندىن كېيىن، مۇھەممەد قارلۇق قىشنىڭ ئەڭ قاتتىق سوغۇقىدا بۇ ۋېلىسىپىت كارۋان بىلەن يولغا چىققان. سەپەر جەريانىدا كەچلىرى يولدا مۇشۇ كارۋاننىڭ ئىچىدە ئۇخلىغان.

بىز 2-مارت كۈنى ئۇنى زىيارەت قىلىپ، ئالدى بىلەن نېمە سەۋەبتىن بۇنداق ئاجايىپ بىر سەپەرنى باشلىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئۆزىنى روھىي جەھەتتىن ئېغىر دەرىجىدە قىيناۋاتقانلىقىنى، مۇشۇنداق بىر مۈشكۈل سەپەر ئارقىلىق روھىنى داۋالاش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
مۇھەممەد قارلۇقنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇنىڭ يۇرتى كورلادىن ئايرىلغىنىغا 6 يىل بولغان. ئۇ يۇرتىنى تەرك ئەتكەندە قىزى مۇخلىسە 2 ياشتا قالغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر مۇخلىسەنىڭ سۈرىتىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان. بىز ئۇنىڭدىن بۇ سەپەر ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان مەقسىتى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ «ۋىجدان سەپىرى» نىڭ ئاساسلىق مەقسىدىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇش، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يەرلىك گېرمان خەلقىگە ئاڭلىتىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
مۇھەممەد قارلۇق ۋېلىسىپىتلىك يول يۈرۈش جەريانىدا خېلى كۆپ قېيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان. يولدا ۋېلىسىپىت كارۋاننىڭ چاقلىرى يېرىلىپ كەتكەن، كارۋان ئۆينىڭ تاختايلىرى ئاجراپ كەتكەن. لېكىن ئۇ بۇزۇلغان جايلارنى ئۆزى ئۇدۇللۇق تۈزەپ، سەپەرنى داۋاملاشتۇرغان. ھېمېر شەھرىدىن 20-فېۋرال يولغا چىققان مۇھەممەد قارلۇق 9 كۈندە 550 كىلومىتېر يول يۈرۈپ 1-مارت كۈنى كارلسرۇخې شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئاخىرىقى نىشانى د ئۇ ق نىڭ مەركىزى ئىشخانىسى جايلاشقان ميۇنخېن شەھىرى ئىكەن.

گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇخې شەھىرىدە ياشايدىغان ئەنۋەر ئەھمەت باشلىق بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار مۇھەممەد قارلۇقنى ياخشى كۈتىۋالغان. ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، مۇھەممەد قارلۇقنىڭ ئىرادىسى ۋە پىداكارلىق روھىدىن كۆپ تەسىرلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇھەممەد قارلۇق يول بويى شەھەرمۇ-شەھەر، يېزىمۇ-يېزا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات ۋەرەقچىلىرىنى تارقىتىپ ماڭغان.
بىز مۇھەممەد قارلۇقتىن يولبويى يەرلىك گېرمان خەلقىنىڭ بۇ ۋېلىسىپىت كارۋانغا قانداق باھالارنى بەرگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ كىشىلەرنىڭ بۇ يېڭىلىقتىن ھەيرانلىق ھېس قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇتۇش يولىدىكى بۇ جاسارىتىگە ئاپىرىن ئېيىتقانلىقىنى ۋە قىزغىن قوللىغانلىقىنى بايان قىلدى.