«ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئۇيغۇر دىيارىغىمۇ يېتىپ كەلگەنلىكى ئەندىشە قوزغىماقتا

0:00 / 0:00

سارس تىن كېيىن دۇنيانى ئىككىنچى نۆۋەت ساراسىمىگە سالغان ۋە ئوخشاشلا خىتايدىن تارقالغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى»، يەنى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ ۋۇخەندە تارقىلىشقا باشلىغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارلىق ئاخباراتلاردا بۇ ۋىرۇسنىڭ ھايۋاندىن ئادەمگە ۋە ئادەمدىن ئادەمگە يۇقۇدىغان بىر خىل ئەجەللىك يۇقۇملۇق كېسەللىك ۋىرۇسى ئىكەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلگەن.

مۇتەخەسسىسلەر بىلدۈرىشىچە، بۇ ۋىرۇستىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن يۇقۇملانغۇچىدا ئىككى ھەپتە ئەتىراپىدا يوشۇرۇن مەزگىل بولىدىكەن. يۇقۇملانغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئادەتتىكى زۇكام ۋە يۇقۇملۇق زۇكام بىلەن ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرىلىدىكەن. كېسەل ئېغىرلاشقاندا بولسا ئۆپكە ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن.

1-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 24 كە قەدەر خىتايدا يۇقۇمدارلار سانى 571 نەپەرگە، ئۆلگەنلەر 17 گە يەتكەن. گەرچە بۇ ۋىرۇسنىڭ 2003-يىلى خىتايدا تارقالغان سارس كېسىلى بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما «كۈندىلىك پوچتا» گېزىتىنىڭ 23-يانۋاردىكى خەۋىرىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئېلىپ كېلىدىغان ئاپەتلىرىنىڭ سارس تىن نەچچە 10 ھەسسە ئېغىر بولۇش ئېھتىماللىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان.

خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارالغان بۇ كېسەللىك ۋىرۇسىنىڭ ھازىر خىتايدىكى 25 ئۆلكە-شەھەرگە يامرىغانلىقى مەلۇم. بۇ ۋىرۇس خىتايدىن باشقا يەنە خوڭكوڭ، تەيۋەن، تايلاند، كورىيە، ياپونىيە ۋە ئامىرىكاغا تارقالغان.

بۇ ۋىرۇسنىڭ نوپۇسى كۆپ، ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىقى تۆۋەن دۆلەت بولغان خىتايدىن، بولۇپمۇ چاغان مەزگىلىدەك ئىنسانلارنىڭ ساياھەت قىلىشى ئەڭ يۇقىرى دولقۇن ھاسىل قىلىدىغان بىر مەزگىلدە تارىلىشى پۈتۈن يەر شارى خاراكتېرلىك ساراسىم پەيدا قىلغان. ئۇنىڭ بۇ قەدەر كۈچلۈك ئەندىشە ھاسىل قىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل بۇ ۋىرۇسقا نىسبەتەن ھازىر ھېچقانداق ۋاكسىنا ۋە دورا يوق بولۇشىدۇر. ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان تىپىك بولمىغان ئۆپكە ياللۇغىغا نىسبەتەن ھېچقانداق داۋالاش بولمىغاچقا، بىمارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى يۇقىرى دەپ قارىلىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇ كېسەللىك ھازىر ئىنسانلار ئارىسىدا ئالاھىدە جىددىيچىلىك پەيدا قىلىۋاتقان بىر پەيتتە 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئۇيغۇر دىيارىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغان ئىككى بىمارنى جەزىملەشتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

«جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدا بايقالغان ئىككى بىمارنىڭ بىرى لى فامىلىلىك 47 ياشلىق ئەر بولۇپ، ئۇ 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ۋۇخەنگە بېرىپ 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇيغۇر دىيارىغا قايتقاندىن كېيىن قىزىشقا باشلىغان، ماغدۇرسىزلانغان، مۇسكۇللىرى ئاغرىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ داۋالانغان.

ئىككىنچىسى گۇ فامىلىلىك بىمار بولۇپ، 52 ياش، ئۇزۇن مەزگىل ۋۇخەندە خىزمەت قىلغان، 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۇيغۇر دىيارىغا قايتقاندىن كېيىن كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ دوختۇرخانىدا داۋالانغان. ئۇنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلگەن.

ھازىر بۇ ئىككى بىمار بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولغان يەنە 3 كىشى ئايرىپ كۆزىتىلمەكتە ئىكەن.

ھازىرغا قەدەر بۇ خىل ئۆلۈمگە ئاپىرىدىغان كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ ئەجەللىك يېڭى ۋىرۇسنىڭ ئىنسانلارغا شەپەرەڭدىن يۇققانلىقى تەخمىن قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ قانداق يۇققانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن قانداق ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىغا ئائىت بەك كۆپ مەلۇمات يوق ئىكەن. بۇ ھەقتە ئامېرىكادىكى تىببىي ئىلىم تەتقىقاتچىلاردىن دوكتور مەمەت ئىمىن تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

خىتايدىن تارقىلىپ دۇنياۋى ساراسىمە پەيدا قىلىۋاتقان «ۋۇخەن ۋىروسى» نىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ قورقۇنۇچلۇق ۋىرۇسىنىڭ ئۆزلىرى خەۋەر ئالالامايۋاتقان ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىغىچە يېتىپ بارغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتىكەن. مۇبادا بۇ ئەجەللىك ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى ئۇيغۇر دىيارىدا ياخشى كونترول قىلىنماي، ھەتتا لاگېرلارغا تارقالغان تەقدىردە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس بولىدكەن.

ھازىر قازاقستاندا ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتلىرىدىن باقىتئەلى نۇر «ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا يېتىپ بارغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى ئەندىشىسىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەگەر بۇ يۇقۇملۇق ۋىرۇس لاگېرلارغا تارقىلىپ كەتسە ئۇ يەردىكى ئىنسانلارنىڭ ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس. ھەممىسى قىرىلىپ كېتىدۇ، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن لاگېردىكىلەرنى يوق قىلىۋېتىشنىڭ باھانىسى بولۇپ قېلىشىمۇ مۈمكىن.»

لاگېردىن چىققىلى ئۇزۇن بولمىغان قازاقستاندىكى يەنە بىر شاھىت تۇرسۇنئاي باۋۇدۇن ئىلگىرى سېستىرا بولغان. ئۇ لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ قىيىن-قىستاق ۋە ناچار شارائىت، مەجبۇرىي بېرىلگەن نامەلۇم دورا ئوكۇللار تەسىرىدىن لاگېردىن تېنى ئاجىزلىغان ھالدا چىقىپ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ قۇربانىغا ئايلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ: «لاگېرغا بۇ ۋىرۇس تارقالسا، ھەممىسى ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى دۇنياغا جىددىي ئاڭلىتىش لازىم،» دېدى.

ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان نوپۇزلۇق مۇتەخەسىسلەردىن جېيمىس مىلۋارد، ئادرىان زېنز قاتارلىقلارمۇ بۇ ھەقتىكى كۈچلۈك ئەندىشىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ تىۋىتتېردىكى ھېسابلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، بەلگىلىك ئىنكاس پەيدا قىلدى.

ئامېرىكا جورجى تاۋن ئۇنۋېرستېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى پروففېسورى جېيمېس مىلۋارد بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ گەرچە ئۆزى بىر مېدىتسىنا كەسپي خادىمى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ ئىلگىرى بىر مەزگىل تەتقىقات ئۈچۈن ۋۇخەندە تۇرۇپ باققان بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر دىيارىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ بايقالغانلىقىنى ئاڭلىغان ھامان 3 مىليوندىن ئارتۇق ئىنسانلار قامالغان لاگېرلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەنلىكىنى، تارقىلىشچان كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش شارائىتلىرىدىن سۆز ئېچىش مممكىن بولمىغان لاگېرلاردا بۇ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىدىن قاتتىق ئەندىشىلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇ لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ بۇ ۋىرۇسنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ھۇجۇم قىلىدىغان نىشانىغا ئايلىنىش ئېھتىمالى كۈچلۈكلىكىنى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلاردا بۇ ئەجەللىك ۋىرۇس تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالمىغاندا، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئۇيغۇرلارلارغا ۋە ياكى خىتايلارغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنياغا ھالاكەتلىك بىر ئاپەت بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

تىببىي پەنلەر مۇتەخەسسىسى دوكتور مەمەت ئىمىن ئەپەندىمۇ يۇقىرىقى ئەندىشىلەرنى ئاساسسىز دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز ئۇنىڭدىن مۇشۇ خىلدىكى خەتەرلىك كېسەللىك ۋىرۇسلىرى تارقالغان مەزگىلدە ئىنسانلارنىڭ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى سورىدۇق. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بەدىنىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» مەۋجۇت بولغان ھايۋان، ئىنسان ۋە ياكى بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمار بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىشتىنھ ساقلىنىش كېرەكلىكىنى، بۇ ۋىرۇسنىڭ نەپەس، ئۆز-ئارا ئۇچرىشىش، بىماردىن چىققان بەدەن سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلار ئارقىلىق يۇقۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، مەزكۇر ۋىرۇس بولغان ھايۋان ياكى ئادەملەردىن ياكى بۇۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلاردىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق بۇ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش مۇمكىن ئىكەن. كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ھامان ۋاقىتنى سوزماي دوختۇرغا كۆرۈنۈش لازىم ئىكەن. شۇنداقلا سىرتتىن كىرگەندە تاماق يېيىشنىڭ ئالدىدا چوقۇم قولنى سوپۇنلاپ يۇيۇش، باكتېرىيىلەرگە قارشى ئۆزىمىزنى قوغداشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.

مەمتىمىن ئەپەندى يەنە كىشىلەرنى ئۆتكۈر يۇقۇم ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن مەزگىلدە بۇ ۋىرۇس تارقالغان دۆلەت ھەم رايونلارغا ساياھەت قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلدى.