غۇلجا ناھىيەسىنىڭ مازار يېزىسىدا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كورونا ۋىرۇسى گۇمانى بىلەن دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇلۇپ كارانتىنغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىمىز بېرىلگەندىن كېيىن ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، «يۇقۇم گۇماندارى» دەپ بېكىتىلگەن ئائىلىنىڭ تام قوشنىسى ۋۇخەندىن تەتىل قىلىپ كەلگەن بىر ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، غۇلجا ناھىيەسىدە تارقالغان جەمئىيەت خەۋەرلىرىدە ۋىرۇسنىڭ مەزكۇر ئائىلىگە ۋۇخەندىن كەلگەن شۇ ئوقۇغۇچىدىن يۇققانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا گۇماندار ئائىلىنىڭ يان قوشنىسىنىڭ ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتېتىنىڭ2 -يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى. ئەمما مەزكۇر ئوقۇغۇچى بىلەن گۇماندار ئائىلە ئۆزلىرىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان كىرىش-چىقىش قىلىشمىغان قوشنىلار ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆزئارا ۋىرۇس يۇققان ياكى يۇقتۇرغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئىنكار قىلدى
ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ مازار، دۆڭمازار ۋە قاش يېزىلىرىدا كۆپ ساندا ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ پېچەتلىنىشى ھەمدە بىر تۈركۈم ئاھالىلەرنىڭ دوختۇرخانا ۋە كارانتىنىغا يۆتكىلىشى داۋامىدا غۇلجا ناھىيەسىدىكى جەمئىيەت خەۋەرلىرىدە مازار يېزىسىدا 78 ياشلىق بىر بوۋايغا ۋۇخەندىن قايتىپ كەلگەن بىر ئوقۇغۇچى تەرىپىدىن ۋىرۇس يۇققانلىقى ھەققىدە گەپ تارقالغان. بۇ گەپ-سۆزلەر تورلاردىمۇ تارقىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن ئالاقىدار ئورگانلار بۇ ئۇچۇرلارنىڭ سەلبىي تەسىرى، يەنى مۇقىملىققا تەسىر كۆرسىتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەزكۇر ئۇچۇرلارنى توردىن يۇيۇۋەتكەن.
بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا يۇقۇم گۇماندارلىرى بايقالغان مازار يېزىسىنىڭ شېخ مەھەللىسىدە ۋۇخەندىن قايتىپ كەلگەن بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بارلىقى ۋە ئۇنىڭ غۇلجا شەھىرىدە كارانتىن ئاستىدا داۋالىنىۋاتقان پەخىردىن خېلىل ئاكا بىلەن قوشنا ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى. پەخىردىن ئاكا بۇ قوشنىسى بىلەن ئارىلىرىدىكى مەلۇم بىر ئارازىچىلىق سەۋەبىدىن بىر يىلدىن بۇيان كىرىش-چىقىش قىلمايۋاتقانلىقى، ئۇ مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن بۇيان ئۇچرىشىپ باقمىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
ئۆزىنىڭ ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتېتىدا ئوقۇيدىغانلىقىنى بايان قىلغان مەزكۇر ئوقۇغۇچىمۇ ئۆزىدە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق كېسەل ئالامىتى بايقالمىغانلىقىنى ۋە ساغلاملىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆزىدىن قوشنىسىغا ۋىرۇس يۇقتى دېيىلگەن بۇ جەمئىيەت خەۋەرلىرىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ بۇ يېزىدا ۋۇخەندىن كەلگەنلەرنىڭ يالغۇز ئۆزى ئەمەسلىكى، جەمئىي 5 كىشى بارلىقىنى بايان قىلدى.
خەلقئارا ئاخباراتلاردىكى ئانالىزلاردا دېيىلىشىچە، تاجسىمان ۋىرۇسنى ئەڭ دەسلەپتە بايقىغان ۋە كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرغان 8 نەپەر سەھىيە خادىمى ئەينى چاغدا ئۆسەك سۆز تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغانلىقى ئۈچۈن نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تاجسىمان ۋىرۇس ھەققىدىكى ھەرقانداق بىر ئۇچۇرى جەمئىيەتتە گۇمان بىلەن قارالماقتا. غۇلجا ناھىيەسىنىڭ مازار يېزىسىدا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى گۇماندارى بايقالغانلىقى ۋە بۇ سەۋەبلىك غۇلجا ناھىيەسىدە كۆپ ساندا ئۆيلەرگە پېچەت سېلىنغانلىقى ھەمدە ئاھالىلەرنىڭ كارانتىن ئاستىغا ئېلىنغانلىقى جەمئىيەتتە كەڭ ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدا بۇ ناھىيەدە پەيدا بولغان بۇ پاتىپاراقچىلىقنىڭ سەۋەبى، يۇقۇم گۇمانىنىڭ توغرا بولۇپ چىققان ياكى چىقمىغانلىقى، توغرا بولغان بولسا بۇ يۇقۇمنىڭ كىمدىن ۋە قانداق يۇققانلىقى ھەققىدە ھېچ قانداق ئۇچۇر بېرىلمىدى.
0:00 / 0:00