كورۇنا ۋىرۇسى سەۋەبلىك خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە

0:00 / 0:00

كورۇنا ۋىرۇسىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا يېيىلىشى سەۋەبلىك خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال كۆرسەتكۈچىدە ئېغىر چېكىنىش يۈز بېرىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. ئانالىزلارغا قارىغاندا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كورۇنا ۋىرۇسىنىڭ تەسىرى تۈپەيلى قاتتىق زەربىگە ئۇچراش ئېھتىماللىقى چوڭ ئىكەن.

خىتاي ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، خىتاي ئىقتىسادى 2012-يىلى 7.9 پىرسەنت ئاشقان، لېكىن كېيىنكى يىللاردىن بۇيان ئېشىش سۈرئىتى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەپ ماڭغان. 2018-يىلى 6.6 پىرسەنتكە، 2019-يىلى بولسا 6.1 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغان.

«سۆزچى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىدە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 29 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغان. بۇ يىل كورۇنا ۋىرۇسى سەۋەبلىك خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تۈۋرۈكى ھېسابلىنىدىغان ئېلېكترون، ماشىنىسازلىق، توقۇمىچىلىق قاتارلىق يېنىك سانائەت ساھەلىرى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان.

خىتاي ماشىنىسازلىق تەشكىلاتى (CPCA) نىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، يانۋار ئېيىدىكى ئاپتوموبىل سېتىش مىقدارى 80 پىرسەنت چۈشكەن. «Bloomberg» خىتايدىكى مىليونلىغان زاۋۇتلارنىڭ ئىشچىلىرى ۋىرۇس سەۋەبلىك تېشىغا چىقالمىغانلىقى ئۈچۈن خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىش پۈتۈنلەي خەتەر ئىچىدە قالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورۇنا ۋىرۇسى سەۋەبلىك يىلىغا 615 مىليون دوللار كىرىم قىلىدىغان گېرمانىيە ئاپتوموبىل ئىشلەپ چىقارغۇچىلىرىغا ۋە ئالما قاتارلىق كۆپلىگەن چەتئەل كارخانىلىرىغا مال تەمىنلەيدىغان خىتاينىڭ ئېلېكترونلۇق تىجارەت ساھەسى خەتەر ئاستىدا ئىكەن. 2020-يىلىنىڭ تۇنجى يېرىمىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون سېتىش مىقدارىنىڭ 50 پىرسەنت چۈشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

«يېڭى ئاكت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلار بىرلەشمىسى، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئومۇرتقىسى بولغان كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلارنىڭ 60 پىرسەنتنىڭ چىقىملىرىنى بىر-ئىككى ئاي تۆلىيەلىگۈدەك ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى كارخانىلار خىتاي ئىقتىسادىنىڭ 60 پىرسەنتنى، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ خىزمەت كەسپىمۇ خىتاي ئىقتىسادىدا مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ساياھەتچىلىك، ھاۋا قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەر ئۇچرىغان زەربە خىتاي ئىقتىسادىنى ھالسىرىتىدىكەن. خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ چەتئەل ساياھىتى 2018-يىلى 150 مىليون ئادەم قېتىم بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ساياھەتچىلىك بىرلەشمىسىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا خىتاي ساياھەتچىلەر چەتئەل ساياھىتىدە 270 مىليارد دوللار خەجلىگەن.

خەلقئارا ھاۋا قاتنىشى بىرلىكى (IATA) 21-فېۋرال كۈنى بايانات بېرىپ كورۇنا ۋىرۇسى سەۋەبلىك ھاۋا قاتنىشى شىركەتلىرىنىڭ 29.3 مىليارد دوللار زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەنگلىيەدىكى مەسلىھەتچىلىك شىركىتى «Capital Economics»، يۇقۇملۇق ئەھۋالىنىڭ 2020-يىلىنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئاي ئىچىدىكى تەننەرخىنى 280 مىليارد دوللار ئەتراپىدا مۆلچەرلىگەن.

بىز بۇ ھەقتە ئامېرىكىدىكى ئىقتىسادشۇناس قەيسەر مىجىت ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. قەيسەر مىجىت ئەپەندىم خىتاي ئىقتىسادىي ئۇچراۋاتقان خىرىسلار ھەققىدە كونكرېت چۈشەنچە بەردى ۋە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ داۋالغۇشى خىتاينىڭ سىياسىي سىستېمىسىغا قانداق تەسىر ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيەدىكى تونۇلغان ئىقتىسادشۇناسلار كورۇنا ۋىرۇسىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا بولغان تەسىرىنى ئانالىز قىلغان بولۇپ داڭلىق ئىقتىسادشۇناس، پروفېسسور ئۆمەر فارۇق چولاك ئەپەندىم «خىتاي ئىقتىسادىي داۋالغۇش ئىچىدە» ناملىق ئانالىز ماقالىسىدە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى توغرىسىدا ئەتراپلىق توختالغان.

ئۆمەر فارۇك چولاك ئەپەندىم ئانالىز ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىنى دېموكراتىك سىستېمىغا ئىگە بىر دۆلەت بولۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ھەل قىلغىنى بولىدىغانلىقىنى، ئەكسىچە بولغاندا خوڭكوڭدا پارتلىغان نامايىشلارنىڭ خىتاينىڭ باشقا يەرلىرىگىمۇ يامراش ئېھتىمالنىڭ چوڭلۇقىنى ئېيتىپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ئىقتىسادىي داۋالغۇش ئىچىدە، لېكىن بۇنىڭ سەۋەبى كۈنتەرتىپتە بولۇۋاتقان كورۇنا ۋىرۇسى ئەمەس. كورۇنا ۋىرۇسى پەقەت خىتاينى ئانالىز قىلغانلارنىڭ كۆزىدىكى پەردىنى ئاچتى.»

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ زەربىگە ئۇچرىشى ئومۇمىي جەھەتتىن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرىتىنى ئاستىلاتسىمۇ، تۈركىيە قاتارلىق بەزى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن پۇرسەت ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تونۇلغان زىيالىي پروفېسسور راگىپ كۇتاي كاراجا ئەپەندىم مۇنداق دەيدۇ: «كورۇنا ۋىرۇسى خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولغان ئىشلەپچىقىرىش ئالاھىدىلىكىنى چۈشەكەپ قويدى. خىتاي ئىشلەپچىقىرىشنى ئىنسان كۈچىگە تايىنىپ قىلىدۇ. بۈگۈن خىتايدا ھايات توختاپ قالغاندەك ۋەزىيەتتە. مەۋجۇت تۇرمۇش رىتىمىنىڭ نورماللىشىشىغا خىلى ئۇزۇن جەريان كېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ سەۋەبتىن توقۇمىچىلىق ۋە ماشىنىسازلىق قاتارلىق كەسىپلەر تۈركىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرگە قاراپ يۆتكىلىشكە باشلىدى. بۇ چوقۇم خىتاي ئىقتىسادىدا داۋالغۇش يارىتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ سىرتقا مەبلەغ سېلىش ۋە قەرز بېرىش سىياسەتلىرىگىمۇ تەسىر قىلىدۇ. كورۇنا ۋىرۇسى پەقەت ساغلاملىق جەھەتتىن بىر ۋىرۇس بولۇپلا قالماي، خىتاي ئىقتىسادىغا دەز كەتكۈزىدىغان ۋىرۇس ھالىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇندىن كىيىن خىتايدا ئىشلەپچىقىرىش نىيىتىدە بولغان چەتئەل كارخانىلىرى بۇ ۋەقەنى ئېسىدە مەھكەم ساقلايدۇ.»

تۈركىيە ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا تۈركىيە 2019-يىلى خىتايغا 2 مىليارد 587 مىليون دوللار قىممىتىدە تاۋار ئېكسپورت قىلغان بولۇپ، خىتايدىن 18 مىليارد 497 مىليون دوللار قىممىتىدە تاۋار ئىمپورت قىلغان. بۇ مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا خىتايدىن قىلىنغان ئىمپورت قىممىتى ئېكسپورت قىممىتىنىڭ يەتتە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.

كورۇنا ۋىرۇسى 12-دېكابىر خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ھازىرغىچە 113 مىڭدىن كۆپ كىشى يۇقۇملاندۇرغان، 4 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.

خىتايدىن تارقالغان مەزكۇر ۋىرۇس 2020-يىلىدىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرى، دەپ قارالماقتا. خىتايدىن باشقا كورېيە، ئىران ۋە ئىتالىيە كورۇنا ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ كۆپ تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەر بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.